مىليۇنىر خىيالغا مىلەندى كۆڭلۈم
بىر قاچا پۇشايمان سورايدۇ شېكەر ،
ساۋادسىز تۇيغۇلار قارىدى تۇزغا .
پەپىلەش روھىمنى قىلدى چاڭ-توزاڭ ،
زەمزەملىك ئېتىقاد ئايلاندى تۇزغا .
ئاق قالغان قۇرىغا قويۇپ كۆپ چېكىت ،
رەتلىنىپ قايتماقتا ئۆيىگە بۈگۈن .
ئۈمۈدنىڭ تۇيغۇسى قېقىلار ئۇزاق ،
بەك ئۇششاق ئەنسىرەش يەشمەكتە تۈگۈن .
ياماققا ئېسىلدى ئۈمۈدۋار ئادەت ،
پۇرسەتنىڭ كۆزىگە كىرمەكتە يىڭنە .
ئورنىدىن تۇرسا دەس بىر يېڭى قامەت ،
بىر رەڭلىك ھاياجان سالماقتا گىرە .
بىھۇدە پىلاننىڭ قاچماقتا سۈيى ،
تاناسىپ تەۋرىنىش سەزمەكتە ئاغرىق .
تۆت قۇلاق بولمايلا سولاشتى ئارزۇ ،
ئەتلەنگەن غەملىرىم بولدى بالىلىق .
ۋاقىتنى تەشتەككە قىلدىم قەلەمچە ،
ئالدىراپ چىڭقىلىش بەرمىدى ئۈنۈم .
بىپەرۋا كېچىلەر چېكەر مۇخۇركا ،
مىليۇنىر خىيالغا مىلەندى كۆڭلۈم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 03:28 PM