يار سۆيسەم
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
ھوزۇر شاتلىق سۈرەرمىش زەپ قۇياش پاتقاندا يار سۆيسەم ،
تېڭىپ يۈرەككە ھەسرەتلەر پىغان تاشقاندا يار سۆيسەم .
جانان ھەردەم راۋاق ئۈزرە گويا غازدەك گېدەيگەنچە ،
بىلەرمىش ئۆزىنى يۈكسەك بىھۇش ياتقاندا يار سۆيسەم .
تامام سىرلارنى ئالماقكەن گۈزەل كۈيلەرگە چالماقكەن ،
ئۇزاق سېھرىگە رام قىلمىش بەخىت قاچقاندا يار سۆيسەم .
غېرىب تەقدىردە ھال -كەچمىش سەنەم ھەر يەردە زار ئەتمىش ،
ئۆزى بىر رەت سۆيۈپ باقماس بېشىم قاتقاندا يار سۆيسەم .
ئەجەپ يالغان ئىكەن يالغان ۋەدە قىلغان نىيەت ، ئارمان ،
كۆردى پېقىرنى گول - ئاخماق سوغاق باققاندا يار سۆيسەم.
كۆيۈپ يۈرسەم ۋىسال ئىزلەپ ئۇلۇغ مەنزىل نىشان كۆزلەپ ،
ئەقىدەم خار ، جاھان بەك تار يېشىم ئاققاندا يار سۆيسەم .
مۇھەببەتنىڭ پايانىدىن ئېغىر تەڭسىز ئازابىدىن ،
كۈنۈم سەرسان جىمى ھەيران تۇمار ئاسقاندا يار سۆيسەم .
كۆنۈپ بولماس مىجەز - خۇلقى گويا شەيتان ئىكەن ئەسلى ،
تالاي شەرتىدە ئازدۇردى قارا باسقاندا يار سۆيسەم .
قىيامەتلىك ئىمىش ۋەسلى كۆيۈك ئىشقى باھار پەسلى ،
بۈيۈك بىلمىش كۈتۈنۇشنى غورۇر ساتقاندا يار سۆيسەم .
مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-28 08:25 PM