مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 831|ئىنكاس: 10

بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى سۆيگۈ

فاڭ فاڭ


نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن خۇازى بىلەن بىرلىكتە سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا زىيارەتكە باردىم. بىر كۈنى بىز بىر مەكتەپكە باردۇق، مەكتەپتىكى پىدائىي ئوقۇتقۇچى ئۇ كۈنكى دەرسنىڭ تېمىسىنى «غايە ۋە سۆيگۈ» قىلىپ بېكىتكەن ئىكەن. دەرس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى خۇازىنىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خۇازى مۇنداق بىر ھېكايە ئېيتتى:

ئىلگىرى، بىر ئاشلىق ئامبىرىدا نۇرغۇنلىغان چاشقانلار باربولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ئاشلىقلارغا زىيان سالىدىكەن. بىر كۈنى كەنتتىكى كىشىلەر چاشقانلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىپتۇ. ئۇلار ئىسلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، چاشقانلارنى ئامباردىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. بۇ كۈنى، ئىسلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى ئامبارغا كىرىپ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ كىرىپ، كۆپىنچە چاشقانلارنىڭ ئىشىكتىن قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ، ئەمما، يەنە ئىككى چاشقان ئامباردا قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، جېنىنىڭ بارىچە تامنىڭ بۇلۇڭىغا قاراپ يۈگۈرسە، يەنە بىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ئىشىككە قاراپ تارتقىلى تۇرۇپتۇ. تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۈگۈرسە ئەلۋەتتە ھالاك بولىدۇ؛  ئىشىكتىن چىقىسا ھايات قالىدۇ. ئۇ چاشقان نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىدۇ؟ بىر كىشى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، تام تەرەپكە يۈگۈرگەن ئۇ چاشقاننىڭ قارىغۇ چاشقان ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇندىلا كەنت ئاھالىسى يەنە بىر چاشقاننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۇ قارىغۇ قېرىندىشىنى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ.

ئوقۇغۇچىلار بۇ ھېكايىدىن تەسىرلىنىپ، بەس-بەستە ئۇ چاشقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى. بەزىلەر ئەر-ئايال دېسە، بەزىلەر ئاكا-ئىنى، بەزىلەر ئاشىق-مەشۇق، يەنە بەزىلەر ئانا-بالا دېيىشىپ، بىر خۇلاسىگە كېلەلمىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر جۈملە سۆزى ھەممىمىزنى داڭ قالدۇردى.

«نېمىشقا چوقۇم مۇناسىۋىتى بولىشى كېرەككەن؟» دەپ سورىدى بالا .

ئىلاۋە: ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىي سۆيگۈ شۇنداق بولىدۇ: دۆلەت، مىللەت، ئىرق، دىن، تۈر… ئايرىمايدۇ.

مەنبە: «ئوقۇرمەن» ژورنىلى 2011-يىل 6-سان.

تەرجىمىدە: نىلۇفەر

(مەن تېخى يېقىندا ئۆزۈم ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى ئانچە-مۇنچە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم، تورداشلارنىڭ كۆپرەك يول كۆرسىتىشىنى، خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نىلۇفەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 02:32 PM  


قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12508
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32532
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4544 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 10:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك يازمىكەن،چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىپسىز.....


ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 11:12:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 10:41 PM
مەزمۇنى ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك يازمىكەن،چۈشىنىشلىك ت ...

رەھمەت ھەدە! مەن بىر يېڭى ئۆگەنچى، ھەم تېخى مۇنبەر بىلەن تونۇشقىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2710
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2034 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 12:38:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېھىر  مۇھەببەت ناھايتتى كەڭ ئۇقۇم!

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 09:21:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھىر -مۇھەببەت  بىلەن گۇزەل بۇ دۇنيا .............

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق راۋان ، چۈشىنىشلىك تەرجىمە بۇلۇپتۇ . ھەم مەزمۇنى كىشىنى ئويغا سالىدىكەن . ھارمىغايسىز ھەمشىرەم @

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9098
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3417 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:34:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىلۇفەر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 11:12 PM
رەھمەت ھەدە! مەن بىر يېڭى ئۆگەنچى، ھەم تېخى مۇنبەر بىل ...

تەرجىمىلىرىڭىز بارا بارا ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،،،داۋاملىق ئېسىل ئەسەرلەرنى سۇنۇپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ! رەھمەت سىزگە ...ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق ،تېنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 12:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 11:12 AM
شۇنداق راۋان ، چۈشىنىشلىك تەرجىمە بۇلۇپتۇ . ھەم مەزمۇن ...

ئوقۇرمەنلەرگە ياقسىلا مەنمۇ خۇش بولىمەن. مەدەتلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، كۆپرەك پىكىر بېرەرسىز ~

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 12:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TATLIHIM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 11:34 AM
تەرجىمىلىرىڭىز بارا بارا ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،،،داۋامل ...

تېخى يېڭى ئۆگەنچى، كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلەر. ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، تىرىشىمەن~

قايتىلانماس ھېچكىم ھېچنېمە، قالار پەقەت شېرىن ئەسلىمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش