چۇلۇقايدىكى سۇ  تۈگمەنلەر ھەققىدە 
( يازغۇچى :ئابدۇرىھىم  تۇردى، كۆچۈرگۈچى :  ئابدىغۇپۇر ئەبەيدۇللام .) 2014 - 11 - 12- كۈنى .
    
    ئىلى غۇلجا ناھىيەسى چۇلۇقايدىكى   سۇ  تۈگمەن، سۇ كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان  بولۇپ :  -  بۇعداي ، قوناق ، ئارپا  قاتارلىق دانلىق  زىرائەتلەرنى ئۇن قىلىپ تارتىش قۇرۇلمىسى بولۇپ ، قۇرۇلما جەھەتتىن چۈشۈرگە ، نو ،چاقپەلەك  ، سۅگەن ،تاش، پاقىلىق ،يەمچۉك ،چىقىلدۇرۇق ، قۇلاق ،ئەلگەك ،حامپا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ .  رايۇنىمىزدا سۇ تۉگۅرمەننىڭ ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن. ئۇلۇع ئالىم مەخمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹‹ تۉركى تىللار دىۋانى››-دا  سۇ تۈگمىنىگە ئائىت بىر قىسىم سۆز-ئاتالعۇلار بولۇپ،شۇ سۆز-ئاتالغۇلار  -   ئاتا بۇۋىلارنىڭ بۇندىن 1000 يىللار  بۇرۇن سۇ تۉگىمەندىن پاايدىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ  ؛  لىكىن  1970- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سەلەركىنى  يېقىلغۇ  قىلغان ماتۇرلۇق  دىۋگاتىللارنىڭ ياردىمىدە  ھەركەتلىنىدىعان تۇك تۈگىمەنلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى  نەتىجىسىدە  سۇ تۉگىمەن    بارا - بارا بىز  بىلەن  حوشلاشتى .شۇنداقتىمۇ سۇ  تۉگىمەن   كىشىلەرنىڭ  يادىدىن  چىققىنى  يۇق . شۇڭلاشقىمۇ  ساي  سۉيىنى     ئاساس  قىلىپ ، ئىلگىرى   ئوننەچچە  سۇ  تۈگىمەن ماڭدۇرۇلعان . شۇڭا   چۇلۇقاي يىزىسىدىكى ‹‹ تۉگمەن بىشى ››  دىگەن  يەرنامىمۇ   شۇنىڭدىن  قالعان . 
چۇلۇقاي  يىزىسىدا  ياشاپ  ئۉتكەن يىزا  شائىرى  :-ئارۇپ  قاسىم 1930- يىللاردا يازعان   ‹‹ چۇلۇقاي ››   ناملىق شىئىرىدا :- 
                              ‹‹    بۇ،  چۇلۇقاي  عولىنىڭ ئاعزى شاماللىق  ياخشى  جاي  ،
                                 چوڭ  مەھەللە ،  يەتتە  مەسچىت  حەلقى  ئوبدان ياخشى  باي .
                                 ئۈستى   بىنەم  ، ئاستى ئۉلكە ،  مىۋىلىك  باع   ئورتىدا ،
                                كۈنچىقىشتىن سۇ  ئاقادۇر ،  قىردا  تۉگىمەن ،  ئاستى  ساي .››
        چۇلۇقاي   ساي  سۈيىدە    ئىلگىرى  - ئاخىرى  بولۇپ 12  سۇ  تۈگىمەن ماڭدۇرۇلعان .
                          بۇلارنى    مەن   قىسقارتىپ    تۆۋەندە     ئىسمىنىلا     ئاتاپ  بىرىمەن.
   ئەسلى  نۇسقىسىنى ‹‹غۇلجا ناھيىسى  تارىخى ماتىرياللىرى -4 - قىسىمى ›› -دىن كۆرگەيسىلەر.
1- ئەسپەر  باينىڭ  تۈگمىنى  -- (   1930-يىللاردا   ، كىيىن   ھۈسەن  دىگەن كىشى  ماڭدۇرۇپ ، 1970-يىللارعىچە  ماڭدۇرۇلعان ) .
2- مەخسۇم   ‹‹ سوت ››   نىڭ  تۈگمىنى :-  (  ئىجارە   كىمەيتىش ،  ، يەر  ئىسلاھاتى  مەزگىلىدە باغ قوشۇلۇپ، كەمبەعەل  ئەۋىلقان  قازاققا  تەقسىم قىلىنىپ ، 1956- يىللىرىعىچە ماڭدۇرۇلعان.
3- ئەھەت  باقىنىڭ  تۈگمىنى :- (  دادىسى 
نورۇز باقى  ياساتقان 1975 -يىلىعىچە ماڭدۇرۇلعان). 
4- مۆمىن  ئاخۇننىڭ  تۈگمىنى :-  ( 1930 -يىلىدىن 1958  -  قۇرۋانجان  نامى بىلەن  مىڭىپ  كامۇنىدا   ۋەيرانە  بولغان )
5- مەخپىرنىڭ   تۈگمىنى -  (   ھاكىمبەگ عوجۇنىڭ    چوڭ  پاشا  عوجا    مەخپىر دىگەن  كىشىگە  ياسىتىپ   ، كىيىن ئوغلى  ساليدىندىن  كوللۇكتىپقا  قالغان ).
6- نۇراخۇن  باينىڭ  تۈگمىنى :-(1930 -يىلىدا  ياسىلىپ، ئوعلى  مۇتەھىرگە  قىلىپ ،  كىيىن كاللىكتىپ  ئالعان ).
7- رەخىمنىڭ  تۈگمىنى : - بۇ ، تۈگمەن  ئازادلىقتىن بۇرۇن  ياسىلىپ ،  1990 يىللىرىعىچە  مىڭىپ،  ھازىرعىچىە  ئورنى بار 
8- نىزەر  شاڭيۇنىڭ  تۈگمىنى :- (ئىجارە كەمەيتىش ،  يەر ئىسلاھاتى  مەزگىللىرىدە  مۇسادىرە قىلىنىپ ،يىڭى مەلىگە بىرىلگەن .) 
9- ئىمەرنىڭ  تۈگىمىنى :- ( ئۉزى ياساپ، 1980 -يىلىعىچە ماڭغان ) 
10- عوپۇرنىڭ  تۈگمىنى  :- (  ئازاتلىقتىن بۇرۇن  ياسىلىپ، 1959 - يىلى  ئۉمەر  ياعاچچى قايتىدىن  ئۉزگەتىپ  ياسىغان ).
   11  -  كامال  موللىنىڭ   تۈگمىنى :- ( 1940 -يىللىرى ياسىتىپ  ، 1976 -يىلىعىچە  ئىشلەتكەن ).
   12 - قادىراحۇننىڭ  تۈگمىنى : - ( ئازاتلىقتىن  بۇرۇن ياساپ،  ئوعلى  قاھار  نامى بىلەن 1956 - يىلىعىچە ماڭعان ) .
                   عۇلجا ناھىيسى  تارىخى ماتىرياللىرىدىن  كۆچۈرۈلدى ...
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 03:26 PM