uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 11:31 PM
يائاللاھ ! يائاللاھ !!!
ۋاي سادىغاڭ كىتەي ئۇزۇمتال قىرىندىشىم ،مىنىمۇ سۆرەپ كىرىپسىزغۇ بۇ تىمىغا ؟ ھەي ئوقيا تەككەن ئۆپكىلەنىمۇ پۇلغا ئالغاندۇ شۇ قىرىندىشىمىز دەپ ئىيتىپ بەگەنتىم ئۇ رىتسىپنى ،بۇ تىمىغا ئەسلى ئىنكاس يازماي دىگەن ،لىكىن سىز مىنى مەجبۇرلاپ قويدىڭىز ھە مىنى .(چاخچاقتىن كۇلگەن چىراي ئىپادىسى)
تىما ئىگىسى قىرىندىشىم بىلگەننى ئايىماسلىق ،بىلمىگەندىن ئۇيالماسلىق كىرەك ئادەم دىگەن ،لىكىن سىزگە دەيدىغىنىم بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىلماپسىز.ئەجىبا ئۇ قۇدىڭىزنىڭ ئايالى( يەنى ئايال قۇدىڭىز) يوقمۇ بۇ دۇنيادا ،ئۇقىرىندىشىڭىزنىڭ ھەدە سىڭىللىرى،ھاممىلىرىمۇ يوقما؟ ھەي سىزنىڭ ئانىڭىز ،ھەدىلىرىڭىز بولسىمۇ بادۇ،شۇلار كۆرسىتىپ قويسا بولمامدۇ دەيمەن .
بىرىنچى قىتىملىقىغا ياخشى ئىنكاسلار چۇشكەنتى ،ياردەملەمۇ ( خەت ئارقىلىق بولسىمۇ) خىلى بولغانتى بولمىسا ،بەلكىم بۇ ئىش سىزگە قىزىقارلىق تۇيۇلغاندۇ.<<ئاز بولسا ساز بولىدۇ ، كۆپ بولسا ماز بولىدۇ >>،گىپىم قاتتىق كەتكەن بولسا رەنجىمەڭ قىرىندىشىم .
ئاخىردا دەيدىغىنى كاللا - پاقالچاقنى بىرسىدىن سورىغانغا ئۇگەنگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس .مەن ئۆزۇمنى ئىلىپ ئىيتسام مەن بىر يىزىلىق،ھاياتىمنىڭ 31-يىلىنى باشلىدىم .مۇشۇ ئالدىنقى 30 يىللىق ،ئايال بولغىنىمنىڭ 9يىللىق ھايات تارىخىمدا تىخى مۇشۇ قۇربان ھىيىتتا ئۆزۇم ئانام( قىينى ئانام) نى ئالدىمدا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ،ئانامنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاندىن كاللا-پاقالچاقنى تازىلاپ باقتىم .شۇڭا سىزگەدەيدىغىنىم بىرەرسىنىڭ ياردىمى بولمىسا ئۇ ئىشلانى دەپ بەگەن بىلەن كۆز بىلەن كۆرمىسە قىلغىلى بولمايدۇ ،پاكىز قىلالمىسا خىرىدارلار ئالمايدۇ ،ئەڭ ياخشىسى كۆز بىلەن كۆرۇپ،ئەمەلىي قول سىلىپ تەجىرىبە قىلىپ بىقىپ ئاندىن بۇ ھۆنەرنى باشلىسۇن شۇ قىرىندىشىڭىز .
كاللا-پاقالچەكنىڭ ئىشى ،ئۆپكە ھىسىپكە ئوخشىمايدۇ.
ئاللا ، سەل قايناپ قاپتىمەن ئەپۇ قىلىڭلا قىرىنداشلىرىم ھە ؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (308)saba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-28 12:35 AM