مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6980|ئىنكاس: 31

جۇڭگۇدىكى چاتاق مائارىپتىن چىقىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102294
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 05:55:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگۇدىكى چاتاق مائارىپتىن چىقىدۇ

خۇاڭچىڭ

(«ئايلىق فىلىيەتۇنلارژورنىلىنىڭ 2013يىللىق 4-سانىدىن )

تەرجىمىدە : تۇنيۇقۇق

بارغانسىرى رۇشەنلىشىۋاتقان پىكىرلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى،جۇڭگۇدىكى  چاتاق مائارىپتىن چىقماقتا.قالايمىغانئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولىشى ،ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشى،جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ مەنبەسىنى يىغىنچاقلىغاندا ھەممىسى مائارىپقا بېرىپ تاقىلىدۇ .

نەنخۇەيجىڭ مۇنداق دېگەن:«ھازىرقى كىشىلەر ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقسىلا ھۆكۈمەتنى تىللايدۇ ،مىنىڭچە ،بۇ توغرائەمەس،چۈنكى بۇ ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقى يوق. ئەمەلىيەتتە،ئاتالمىش«ھۆكۈمەت»دېگىنى پەقەت يېزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بىر بەلگە،خىش ۋە سىمۇنىتتىن ياسالغان بىنا،خالاس. ئۇنى تەشكىل قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمەلدارلار.ئۇنداقتاا بۇ ئەمەلدارلار نەدىن كەلگەن؟ئەلۋەتتە،ئۇلارنى ھۆكۈمەتتۇغمىغان.بىزگە ئوخشاش ئاۋامنىڭ پەرزەنىتلىرىدىن ئوقۇپ چىققانلاردىن تەشكىل تاپقان.ئۇلارنىڭ خاتا قىلغىنى ھۆكۈمەتنىڭ خاتا قىلغىنىدىن دىرەك بىرىدۇ .شۇنداق بولغان ئىكەن ھۆكۈمەتنى تىللىماي ،ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتمىغان ئۆزىمىزنى تىللىشىمىزكېرەك».

نەن ئەپەندىنىڭ بۇ پىكرى شەخىسنىڭ  ئۆزىگە قارىتا دىيىلگەن.مەن بۇ پىكىرگە تۇلۇق قۇشۇلمىساممۇ ،بىراق تەربىيەنىڭ مۇھىملىقى  ھەققىدىكى پىكرىگە تامامەن قۇشۇلىمەن.

ئادەتتە، ئارىمىزدىكى كۆپچىلىكىمىزبالىلىرىمىزنىڭ كۆيۈمسىزلىكىدىن ،ۋاپاسىزلىقىدىن ئاغرىنىمىز. بۇ يەردىكى ئىككى مەسىلە بىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىرىنچىسى، پەرزەنت بىزئاتا-ئانىلارنىڭ شەخسى مال-مۈلكى ئەمەس . شۇنداق بولغان ئىكەن گەپ ئاڭلىمىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئوي-خىيالىمىزبويىچە ئىش كۆرمىگەنلىكىنى «كۆيۈمسىزلىك» دەپ قارىساق بولمايدۇ . ئىككىنچىدىن ،ئۆزىمىز ئۆلگە بولۇپ بالىلىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىمەي ،بولۇپمۇ پەزىلەت جەھەتتىكى پەرۋىشنى يىتەرلىك قىلماي بالىرىمىزنىڭ ئاغرىنساق تەبىئىي ھالدائۆزىمىزگە ئۆزىمىز بالا تېپىۋالغانلىقىمىز بولۇپ قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە،ئائىلىدىكىبۇ مەسىلىنى جەمئىيەتكە تەدبىقلىساقمۇ ئوخشاش نەتىجە چىقىدۇ .ئىجتىمائىيئەخلاققا  بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ، قائىدە –تەرتىپكەبويسۇنمايدىغان پۇقرالارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ پۇقرالارنىتەربىيەلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيتى بار.

يولداش دېڭشىياۋپىك مۇنداق بىر گەپنى قىلغان:«بىزنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بويانقىتەرەققىياتىمىز ناھايىتى ياخشى.ئەڭ چوڭ كەمچىلىك تەربىيەلەش جەھەتتە ،سىياسىئىدىيەۋى خىزمەتنىڭ ئاجىزلىقىدا،مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يىتەرلىكبولمىغانلىقىدا.سۇغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپقويغىنىمىزنىڭ تاۋار ئوبۇرىتىدا كەتكۈزۈپ قويغىنىمىزدىنمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز .ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، نۆۋەتتە ئىتىسادى تەرەققىيات كىشىنى خۇشالقىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسى بارغانسىرى ئۆسىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، پۈتكۈلخەلق ئامىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا شۇنى ئېيتىش كىرەككى،چۇقۇم جاپاغا چىداپ كۆرەشقىلىش ئەنئەنىسىنى ساقلاش كېرەك .بۇ ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىنچىرىكلىشىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ».

چىرىكلىشىشمەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا،چىرىكلىشىش ھازىر ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىشىشتىنئېشىپ كەتتى.ھەتتا ناھايىتى نۇرمال بولغان سودائالاقىسىمۇ« سوۋغات»تىن ئايرىلالمايدىغانھالغا يەتتى .

ئاڭلاشلارغاقارىغاندا ،بىر مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى مەلۇم بىر مەكتەپكە باھالاپ تاپشۇرىۋېلىشقاكەلگەندە ،ئارىدىن بىر مۇتەخەسىس ئۇدۇللا« خانقىز»تەلەپ قىلغان.شۇنىڭغا قارىغانداچىرىكلىشىش كىرمىگەن بىرەر  جايمۇ قالمىغانئوخشايدۇ .

بىر ئائىلەباشلىقى شەرق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىسىدا غەزەپلەنگەن ھالدا، كۆپ قېتىم بالىسىنىڭ ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بارغانلىقىنى ، ھەرقېتىمىقى يىغىندا سىنىپمەسئۇلىنىڭ ھەدىگەندە بالىلارنىڭ نەتىجىسى توغرىلىق ۋالاقلاپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتائاتا-ئانىلاربالىلىرىنىڭ ئەخلاقى توغرىلىق سورىغانلىرىغا قارىتا خۇددى بۇ تىلغا ئېلىشقائەرزىمەيدىغاندەك ئىرەنسىزلىك بىلەن يا ئۇنداق يا مۇنداق دەپلا گەپنى تۈگەتكەنلىكىئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

شۇنداق،پەقەتلانەتىجە بىلەن ھېسابلىشىدىغان مۇشۇنداق مائارىپ تۈزۈلمىسىدە«مەكتەپتىكى بالىلارقانداق ئادەم؟ بىز ئۇلارنى تەربىيەلەپ قانداق ئادەم قىلماقچى ؟»دېگەندەك مەسىلەر«ئارتۇقچە گەپ»تەك ھېچ كىشى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمايۋاتسا بۇنداق مائارىپ قورقۇنىچلىق ئەمەسمۇ؟بۇنداق مىللەت قۇرقۇنىچلىق ئەمەسمۇ ؟

مەن بىرئوقۇتقۇچىغا ھازىرقى مائارىپ ئەينى ۋاقىتتىكى كېجۇ ئىمتىھانىدىن پەرىقلەنمەيدىكەن،ئوخشاشلا بىر ۋاراق قەغەزگە ئاساسەن ئادەمنىڭ ئىستىقبالى بەلگىلىنىدىكەن.بۇ بالىلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقكەن دېگەن ئىدىم .

ئۇ شۇڭا ئالىي مەكتەپكە كېرىش ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتۇق دەيدۇ،

مەن ئۇنىڭغا:قانداق ئۆزگەردى؟ مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۈزۈمى پۇلى،ھوقۇقىبارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇدۇل ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپالەت بىلەن قۇبۇلقىلىنىپ جەمىئەتتە تېخىمۇ تەڭسىزلىك كۆرۈلۈشتىن باشقا ئىش بولمىدى دىدىم.

ئۇنداقتا،قانداققىلىش كېرەك؟

ھالقىلىق مەسىلەبىز ئاۋامنى ئوبدان تەربىيەلىشىمىز كېرەك.مۇنداق دىيىلسە بۇ پىكىر ئىنىقكىدېموكراتىك زاتلارنىڭ (ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ)قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.شۇنىڭبىلەن ئۇلار خەلقنى تەربىيەلەشنىڭ زۈرۈرىيتى بارمۇ؟خەلق بىزنى تەربىيەلىسە توغرابولىدىغاندۇ،دىيىشى تۇرغانلا گەپ .

ئەمما ،كىممۇئاۋام تۇغۇلىشىدىنلا ئەقىللىق ،دانا توغۇلغان دىيەلىسۇن؟ خەلق دېگەن سىز،مەن،ئۇبولماي نىمە ؟ھەر بىر پۇقرا خەلقنىڭ ئۆزى شۇ .مىسالەن،بىرئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۇئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەش بىلەن بىللە ئۆزىنىمۇ ياخشى تەربىيەلىسە،باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتتكە  پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن ساقلىنالايدۇ .مۇبادائۆزىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىسا قانداقمۇ باشقىلارنى ياخشى تەربىيەلىسۈن؟

بۇيەردىكىئىپادەئالدى بىلەن قانداق ئادەم بولۇش مەسىلىسىگە قارىتىلغان .ئۇندىن قالسا قانداقئۆگىنىش مەسىلىسىگە ،قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارىتىلغان.

ئەگەر قانداقئادەم بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا ،باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلماق شۈنچە تەسمۇ؟

بىز قايتىدىنئويلاپ كۆرسەك،ئادەمنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىنىڭ ئۆزى تەربىيەلەش ۋەەتەربىيەلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت .مائارىپ ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا باشتىنئاخىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ .نەنخۇەيشىڭ ئەپەندى ئادەمنىڭ شەخسىيتى نوقتىسدىن باھابەرگەن بولسا ،يولداش دېڭ شىياۋپىڭ پۈتكۈل ئاۋام نوقتىسدا تۇرۇپ ياخشىتەربىيەلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن .بۇنىڭدىن شۇنىى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكىتەربىيەلىنىش شەخىس ۋە جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە بولۇپ ئۇبىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن .

ئۇنداقتا بىزقانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟

بىرلا چىقىشيولىمىز بار:ئۇ بولسىمۇ پايدا-ئۈنۈم قوغلىشىدىغان مائارىپنى تاشلاپ ،ئىسمى-جىسمىغالايىق بولغان كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش يولىغا قايتىش .

تەرجىمە قىلغۇچى:لوپ ناھىيلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى :ئوبۇلقاسىم كېرەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tunyukuk1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 05:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 !yahxi tema

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 12:28:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ مائارىپى ........................

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 12:32:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيدۇ  .ھازىرقى مائارىپنىڭ ،  كۇڭزى مىڭزى چىڭ دەۋردىكى ئىمتىھاندا  ئۆتسىلا  ئەمەلدار  بولدىغان  جانسىز ئۇنۋېسال  ساپا تۆۋەن  مائارىپتىن   پەرقىنېمە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-7 01:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 06:17:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇنىڭ مائارىپىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بىر مىليارتتىن ئارتۇق نۇپۇسى بار بىر دۆلەتنى مۇشۇنچىلىك تەرەققىياتقا ھەم ئەمىنلىككە ئىرىشتۈرۈشتە جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ رولى چوڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 476
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 09:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ قۇرۇق گەپلەر....

شۇ مائارىپتيا قانداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى،بۇ مەسىلىلەرنىڭ تۈپ نېگىزىنىڭ كىمدە ئىكەنلىكى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنداق -بۇنداق بوپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر....

ئۇھ....دەپ كەلسە گەپ جىق......

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12479
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32583
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4526 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 09:34:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ،چىچالمىغان پوقىدىن(كۆرىدۇ).


مائارىپنىڭ مۇشۇنداق چاتاق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب زادى نەدە....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 09:59:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قايسى كۈنى بالامنىڭ مەكتىۋىگە ئەلپازىمنى بۇزۇپلا بارغانتىم. ئۇدۇل مەكتەپ مۇدىرىنى تېپىپ تازا تىتىپ قويۇپ كېلەي دىسەم سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەلىيى بار ئىكەن. مۇدىر يوق ئىكەن. ھەم سەل سېزىپ  قالدىمۇ شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىلىپ كەتتى يەنە جىم بوۇلپ قايتىپ كەلدىم. نىمە دىگەن جىق گەپ قىلغان. چىچقان، سىيگەننىمۇ دەپ ، قارىماسقا سىلىۋالسا بولمامدۇ دەيمەن.

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 12:38:16 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگوچە مائارىپدىن ئۈمۈتلىنىپ كىتىشكە بولمايدۇ

زۇليار ئەپەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7099
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9518
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 01:56:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە بېرىلگەن ئەندىزە مۇشۇ بولغان ئىكەن،ئۇقۇتقۇچىلار بۇنىڭ ئىچىدىن يول تېپىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز ‹‹جۇڭگۇچە مائارىپتىن ئۈمىد يوق›› دەپ شۇئار توۋلىغۇچە، مائارىپىمىزدىكى مۇشۇ خىل ئەندىزە ئىچىدىن ئۇقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ قابىلىيەتلىك قىلىپ تەربىيلىگىلى بۇلىدىغان يول، ئۇسۇل-ئامال تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.چۈنكى بىز تەربىيلەۋاتقانلار ئۈزىمىزنىڭ پەرزەنىتلىرى. مانا بۇ بىز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ گەدىنىگە چۈشكەن تارىخى بۇرچ.

باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108846
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 08:47:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulyar-apandi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 01:56 AM
بىزگە بېرىلگەن ئەندىزە مۇشۇ بولغان ئىكەن،ئۇقۇتقۇچىلا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توغرا دەيسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش