مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1626|ئىنكاس: 13

سىغېنىشقا يانداشقان تەلپۈنۈشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105396
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 03:45:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە


سىغېنىشقا يانداشقان تەلپۈنۈشلەر



ئابدۇغېنى ئابدۇكىرىم كۆكتاش



(غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنېۋىرىستىتى تىل-ئەدەبىيات ئېنىستىتۇتى تەرجىمانلىق سىنىپى)



قەشقەر كوچىسى


تار-تار كوچا كونا كاھىش،

ھەر باھارنىڭ ئالدىدا بىرقېش.

دەۋر قېرىتقان شۇ كونا تاملار،

كۆرگېنىدىن سۆزلەيدۇ ئۆتمۈش.



قىستاڭ تىزىلغان ھەربىر كىسەك،

ئۆم-ئۇيۇشقاق ئۇيغۇرغا ئەينەك.

خىسلەتكە تولغان تار كوچىدا،

خۇشاللىقتىن يايرايدۇ يۈرەك.



رەت-رىتىدە شۇ كونا ئۆيلەر،

كوچىسىدا كىلاسسىك كۈيلەر.

تار قوينىدا ئۆستۈرۈپ كەلگەن،

نى ئەركەكنى ئېتىپ ئەللەيلەر.



ئەنە ئاتاڭ كۆتۈرگەن كەتمەن،

خۇددى سەندەك كۆرنىدۇ دەرتمەن.

سېلىق سۇۋالغان ھەرتاملارغا،

مەرد ئاتاڭنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن.



تۇرار قۇرۇق ساپال تاۋاقلار،

تارىخىدىن بىرىپ ساۋاقلار.

بىر بۇلۇڭدا قارايدۇ مىسكىن،

ئاناڭ ياققان جىنچىراغلار.



ھويلىدا ھەم تۇرىدۇ يەنە،

قۇرۇپ قالغان ئەنجۈرمۇ ئەنە.

ئەمدى تەرلەپ قالساڭ تومۇزدا،

بۇرۇنقىدەك بەرمەيدۇ سايە.



تار كوچىدۇر قەشقەر كوچىسى،

قوينىدا شاتلىق ھەم نالىسى.

مەستخۇش قىلىدۇ ھەر ئاشېقنى،

ئۆز يارىنىڭ بەرگەن ئالمىسى.



تار كوچىدۇر قەشقەر كوچىسى،

مەنمۇ ئۇنىڭ بىرتال غۇنچىسى.

بەلكىم يۇلتۇز نۇرلار چاچىدۇ،

شۇ كوچىنى ئەسلەپ كېچىسى.



قېرىغاندا



ياشلىق قىسقا ئۆتۈپ كىتەر تېز،

ئۆمۈرگە ئۆچمەس قالدۇرۇپ ئېز.

ئۇنتۇلسىمۇ شۇنچە كۆرگىنىڭ ،

ئۇنتۇلمايدۇ قەلبىڭدە بىر قىز.



ئايلىنىسەن كەڭ دالا-تاغنى،

ياشلىقىڭدا ئارلىغان باغنى.

خىيالىڭغا كىرىدۇ قىزچاق،

ئەسلەپ قالىسەن شۇ بىر چاغنى.



ئۇ يىللاردا ساقلىغان ئىدىڭ،

ئادەملەر ئاز پىنھان بىر جايدا.

قوللىرىڭدا بار ئىدى ياغلىق،

تويماي باقاتتىڭ شۇ قىزغىلا.



سېنىمۇ بىر سۆيگۈ سۆيدۈرگەن،

سېنىمۇ بىر كۆيۈك كۆيدۈرگەن.

ئۆمۈرگە تۈۋرۈك بۇ مۇھەببەت،

بىر گۈزەلگە سېنى كۆندۈرگەن.




سېگنال بىرىپ ئۆتەر ماشىنا،

خىيالىڭنى ئىككېگە بۆلۈپ.

ساقىلىڭنى سېلايسەن پەقەت،

بىر چاغلاردا ئېسىڭگە كىلىپ.



ئۆز-ئۆزۈڭگە دەيسەن تەبئىيلا،

«نېمانچە تىز ئۆتكەن بۇ ۋاقىت».

قورسۇقۇڭمۇ ئاچقاندەك گويا،

ئۆيگە يولنى ئالىسەن جىمجىت.




مامكاپ



سەن ئۆزۈڭگە ماتەم تۇتقاندەك،

ئاق لىباستا سۈكۈت ئىچېدە.

يېشىل رەڭلىك بۆكەڭنى سىلىپ،

ئۆزگىرىۋالدىڭ قايسى كىچېدە.



تەقدىرىڭمۇ بولدى ماڭا سىر،

سۇئاللىرىم قالار جاۋابسىز.

ئەركىلەتسە ئېشىقۋاز شامال،

ئەگىشىپلا كەتتىڭ نېشانسىز.



ئەي ناتىۋان ئىيتىپ بەر ماڭا،

كۆڭلۈم ساڭا قويمىسۇن چىكىت.

ئەنسىرەيمەن ئەنسىز شامالدىن،

تاشلار سېنى قەيەرگە جىمجىت.




ئارمانلىرىڭ ئۆچمىسۇن


باغدىن باھار كەتسە مەيلى،

دىلدىن باھار كەتمىسۇن،

ئوتۇڭ ئۆچۈپ كەتسە مەيلى،

ئارمانلىرىڭ ئۆچمىسۇن.

مۇھتاجلىقتىن قاتتىقى يوق،

بۇ ھاردىن ئارتۇقى يوق،

ماڭلايدىن تەرئاقسا ئاقسۇن،

كۆزۈڭدىن ياش ئاقمىسۇن.

سەن يىغلىساڭ شاد بەزىلەر،

قىلار ھەتتا تەنىلەر،

دۈشمەنلىرىڭ پايلاپ ياتار،

دىل ياراڭنى كۆرمىسۇن.

ھالال ياشاش نۇمۇس ئەمەس،

بولسىمۇ مەرتىۋەڭ پەس،

كۆرەلمەسكە كۈلكە بولۇر

ھەسرىتىڭنى كۆرمىسۇن.



رابىيە سەئىدىن


كېتىپ قالدى رابىيە سەئىدىن،

دىللارنى ئالدى تالاي بىر ھەسرەت.

كېتىپ قالدى رابىيە-سەئىدىن،

ۋىسالسىزلا قالدى مۇھەببەت.



كېتىپ قالدى رابىيە-سەئىدىن،

ھىجران بىلەن ئەبەدىي-ئەبەد.

لەھەتتىكى قۇرۇق تەن ئەمەس،

كۆمۈلگىنى ۋاپا-ساداقەت.



كېتىپ قالدى رابىيە-سەئىدىن،

كەڭرى دۇنيا تار كەلدى دوستۇم.

يۇلغۇن قىزارغان قەبرە سۆزلەيدۇ،

ھەر ئاشىققا بىر ھېكمەت چوقۇم.


مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللاندى.

مەنبەسە؛ ئۆزقەلىمىم

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى

ھۆرمەت بىلەن؛ ئابدۇغىنى ئابدۇكىرىم كۆكتاش






















ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109012
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 12:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىگەي.

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7868
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 01:31:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانمۇ يېزىپ بولغانسىز....

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100367
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 02:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا  ئىرىشىسشىڭىزگە  تىلەكداشمەن

ئوغۇللاردا  ۋىجدان يوق دىگەن قىزلارنىڭ دادام مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم دىيىشى قىززىق
قىزلارنى  نومۇسسىز  دىگەن ئوغۇللارنىڭ  ئانام مىنىڭ  پەرىشتەم  دىيىشى قىززىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32256
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3407 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 02:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىگەي.مۇكاپاتقا  ئىرىشىسشىڭىزگە  تىلەكداشمەن .

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 02:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109780
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 04:59:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم...تار كوچىنىڭ مېھرى بار كوچا ئىكەن ھە...قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىغاي....مۇكاپاتقا ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن...

ئ








ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشمىغانلارباشقىلارنىڭ غايىسگە يىتىش يۇلىدىكى شوتا بولۇپ قالىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109699
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 05:52:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109699
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 05:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 807
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 10:07:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىننىڭزى شىئىر ئوقۇشقا ئامراق بوپ قالدىم،بەك ياخشى يېزىپسىز،يىڭى شىئىرلار بولسا ئايىمىغايسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش