ئىبرەتنامە 
ئابدۇۋەلى راخمان( ھەققانىي ) 
ھاراق بىرلە يايرايتتى ياش چاغلاردا جېنىمىز ، 
شۇخلىشاتتۇق سورۇندا قىزىپ – قايناپ قېنىمىز ، 
ھاراق ئىدى ئۇسىساق ، بىزنىڭ ئىچەر چېيىمىز ، 
ئەللىك بەشكە بارمايلا ، ئەمما بۈگۈن يېشىمىز ، 
قايان كەتتۇق يارەنلەر غايىپ بولدۇق قېنى بىز ؟ 
  بىرسىمىزنى تۇتۇپتۇ ھاراق قىزىل ئۆڭگەچتىن ، 
بىر نەچچىمىز ئاقساپتۇق چاتاق چىقىپ سۆڭگەچتىن ، 
ئازابىنى دوزاقنىڭ بىرسى كۆردى ئۆلمەستىن ، 
ئىچىپتۇق بىز ساراڭدەك جانغا كۆڭۈل بۆلمەستىن ، 
نەس ئىچىملىك ۋەيرانە قىلدى دوستلار قېنى بىز ؟ 
  نېچۇن مۇنچە چاپلاشتۇق ، يېراق يۈرمەي زەھەردىن ، 
قەد – قامەتلەر پۈكلەندى ، ئۇ يەتكۈزگەن زەرەردىن ، 
كېسەل چىقتى تەكشۈرتسەك ئاشقازاندىن ، جېگەردىن ، 
بىزدىن ساۋاق ياش باللا  ھەزەر مۇنداق مەرەزدىن ، 
قېنى قامەت ، قېنى بوي ، قېنى شوخلۇق ، قېنى بىز ؟ 
  قىلچە رازى بولمىدۇق مېھمان قىلسا قوي سويۇپ ، 
رەنجىدۇق لىق قۇيمىسا ئىستاكاننى تولدۇرۇپ ، 
بىر ۋەزىپە چۈشكەنمۇ تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ ، 
نېمە تاپتۇق ھاراقتىن مۇنچە زورلاپ – زورلۇنۇپ ، 
ئەتىكى ئىش ، زور پىلان ، قېنى مەقسەت ، قېنى بىز ؟ 
  ئىسپىرىتنىڭ زەربىدىن زەئىپلەشتى يۈرەكلەر ، 
قان تۇمۇرلار توسۇلۇپ ، سالدى دوختۇر « تېيەك » لەر ، 
پەيدا قىلدى ئۇ يەنە تەندە ئۆسمە – مۇنەكلەر ، 
بالدۇر قېرىپ مۇددەتتىن ، شالاڭشىدى سۆڭەكلەر ، 
قېنى ئەقىل بىزدىكى قېنى سەزگۈ ، قېنى بىز ؟ 
ئىشتەي تارتماي شۇ چاغلار ئاق ھاراقتىن باشقىغا ، 
قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ لىق – لىق قۇيدۇق ناشتىغا ، 
ئارىمىزدىن بەزەنلەر كەتتى ئەپسۇس باقىغا ، 
گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي مەي زورلىغان ساقىيغا ، 
قېنى ئارزۇ ، نە ئۈمۈد ، قېنى ئەتە ، قېنى بىز ؟ 
  نېمە تولا بىزلەردە ئەخمەقلەرچە ئولتۇرۇش ، 
بىز نادانغا مەي سېتىپ غېنى بولدى مەيپۇرۇش ، 
بىزگە نېمە ۋاي توۋا ! . . .  مەست بوپ قۇسۇش – ياندۇرۇش ، 
مۇمكىن بولسا ھەسسەنە !  ئۆمرىمىزنى قايتۇرۇش ، 
ئەۋلادلارغا قېنى ئىز ، قېنى تۆھپە ، قېنى بىز ؟ 
  « سالامەتلىك ئۈچۈن ! » دەپ ساغلاملىقنى بۇزۇپتۇق ، 
كېچىپ شىرىن .ئۇيقىدىن كۈندە سورۇن تۈزۈپتۇق ، 
ئەمدى بىلسەك شۇ چاغلار ئەقلىمىزدىن ئېزىپتۇق ، 
بۇ ئۆمۈردىن ياشلارغا ئىبرەتنامە يېزىپتۇق ، 
قېنى ئارمان دىلدىكى ، قېنى ھايات ، قېنى بىز ؟
ئەللىك بەشكە بارمايلا ، ئەمما بۈگۈن يېشىمىز ،
مۇشۇ مىسراغا قايتا ئىشلىسەك گۈل گۈلىگە كىلەتتىكەن . بۇ مىسرادا زىتلىق بار
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 06:21 PM