Uyghuran يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 07:35 PM 
بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىش ئەپل ...
يائاللا، ئۇيغۇران ئەپەندى، مىسرانىمىغىمۇ كىرىپ قالىدىكەنسىز ھە، مەرھابا، خۇش كەپسىز! دائىم كىرىپ تۇرغايسىز، ئەلكۈيىدە زېرىكىپ قالىسىز............
ياخشى پىلان بوپتۇ، ئەگەر تەشكىللەنسە ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايمىز..... قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەسسە قوشىمىز...
سىز دىگەندەك، بىرەر ھۆكۈمەت تەستىقلىغان، تامغىسى بار پاراۋانلىق فۇندىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ، ئوبىكت ئىنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كەڭ كۆلەمدە ئىئانە يىغىش ھەقىقەتنمۇ قانۇنسىزلىق قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ...شۇڭا بىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ساخاۋەت ئەتىرىتىمۇ جوڭپا فۇندىنىڭ بايرىقى ئاستىدا پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ.......
ئەسلىدە مىسرانىم مۇنبىرى مۇنبەرلەر ئىچىدىكى ئادەم سانى ۋە زىيارەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان باشلامچى مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مىسرانىم پاراۋانلىق فۇندىنى قۇرۇپ قويغان بولسا، بۇنىڭغا مەخسۇس ئادەم ۋە سەھىپە ئورونلاشتۇرۇپ، قىلىپلاشتۇرغان بولسا، بەكمۇ ياخشى ئىش بولغان بولاتتى.....بۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسى بولمايتتى...كىم قانچىلىك قىلغۇسى، قاچان قىلغۇسى كەلسە شۇ چاغدا كۆڭلىنى ئاتىسا بولاتتى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 11:01 AM