altaxna1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 11:07 PM 
بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىسە بىكار ھەم قانۇنسىزلى ...
 
  ئادەمنى قورقۇتماڭلار ھەي ئاداش تىنىم شۈركىنىپ كىتىۋاتىدۇ .  .....ناۋادا  قانۇنسىز مەبلەغ يىغىپسىز دەپ مسرانىم ئەپەندىمنى سۆرەپ ئەكىرىپ  كەتسە . سىلى بىزلەر قايسى مۇنبەردە كۆرۈشىمىز . ھەممىدن ئويلىشىدىغان مەسىلە ماۋۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىسرانىم ئەپەندىم بويتاق تۇرسا جانىمتى ، يۈرەك پارەمتى ، باغرىمتى .....دەپ يولىنى ماڭىدىغان ئايالى بولمىسا ...........ئۇ ئاداش سىرىتتىن بىخەۋەر مىسرانىمنى مۇنبىرىنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۈنلەپ ھەسىرەتتىن تولغىنىپ گۇندىخانىدا موما يەپ ياتسا سەن-بىز چىداپ تۇرالمايمىزدە . 
   ھىچ بولمىسا گۈرۈچنىڭ دانىسچىلىك بولسىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسىمۇ  ئاز-تولا ئاق كۆڭۈللۈك بار دەپ سەن-بىزدە .
   .... پۈتۈن ئىنكاسلارنى كۆرسم ساپلا قورقۇنۇشلۇق گەپلەر .
   بولدى-بولدى بۇ ئىشمۇ ئوخشاپ بوپتۇ قارىسام . بىر يۈۋەنلىك ئىئانە ئۈچۈن بۇ يەردە قالماقتەك ۋىچىرلىشىپ يۈرۈپ شۇنداق يەتتە-سەككىز مىڭ يۈۋەن توپلىدىقمۇ . قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان قانۇنسىز ئىئانە بەرگەن دەپ ھەممىمىزنى تازلىقىچى ئەخلەت سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۇپلا يامۇلغا تۆكۈپلاۋاتسا ئالە شەرىڭنى ....... ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرغۇ  ئۆتەپ كىتەرسىلە ، لىكىن مىنىڭ موما بىلەن خۇشامنىڭ شۇنداق بىر يوقلىغى . 
  .... يەيمەندە ئۇ ۋاقىتتا  تۆت-بەش كۈنلۈك بولۇپ قالغان كۆكۈرۇپ قىتىپ قالغان  مومىنى سۇغا چىلاپ يۇمۇشتۇپ سۇدا يۇمشىمىغان پوستىنى ئامالسىز پىچاق بىلەن  ( ھەر راسىت گۇندىخانىدا پىچاق ، تاپانچا ئىشلەتكىلى قويمايدۇ  ،ماۋۇ گەپ بار ماۋەدە ) ياق گۇندىخاننىڭ تىمغىا سۈرۈپ قاتتىق پوستىنى ئاقلىۋىتىپ . 
   قالغىنى مەن سىللەرگە قاراشلىق بالىلار . سىلەر ئوتقا كىرسەڭلەر سۇغا ، سۇغا كىرسەڭ سۇغا كىرگۈچىلىكم بار .  
    ئاللاھ ساقلىسۇن ئەمدى ناۋادا تەقدىر قىسمەت شۇنداق بولۇپ قالسا ، جىلۋە يۇمۇر ئوقۇيدۇ ، نازىلە  ناخشا ئوقۇيدۇ . ئىپار چۈش ئۆرەيدۇ ، ئەزىزان ساما چۆرىيدۇ ،  شاتۇتى سەي قورىيدۇ مىسرانىم ياخشى چىققان-چىقمىغاننى تەستىقلايدۇ ....دىگەندەك  گۇندىخاندە مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ئۆتۈپ كىتىمىز .نۆۋىتمىىز كەلگەننى ئىلىپ چىقىپ ئاتقاچ تۇردۇ . ئانىسىدىن دۇئا ئالغانلار  نۆۋىتى كەلگۈچە شۈكۈر قىلىپ ياتقاچ تۇردۇ ، گۇندىخانىغا كىرىشكە سالايىتى يوق ئاققۇنلار ئىتىلغانلارنىڭ ئىڭەكلىرنى نەچچە قات تىڭىپ . نامىزنى چۈشۈرۈپ كۆمگەچ كىيىنكى چىقىدىغان مىيىتكە تەييارلىق قىلغاچ تۇردۇ ، ناۋادا باي خىنىمنىڭ بىزلەرگە ئىچى ئاغىرىپ كۆڭلىگە ئىنساپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىرىپ قالسا پۇلى كۆپ بولغاندىن كىيىن گۇندىخاندىن كىپىللكە چىقرىش ئۈچۈن پۇل چىقىردۇ ..............نىمىلەرگە كۆنمىگەن بىر خەق . 
   مەقسەت .
     ناۋادا ئىش ئوخشاپ خەيرى-ساخاۋەت باشلانسا تارتىنىپ تۇرماي يۈزۈڭلارنى پولۇ قىلىپ قىسقا ئۇچۇردا ماڭا مۇنداقراق ئىش بار ئىدى دەپ بىر شەپە بىرۋىتىڭلار . ئاتغىمىنى تاشلاي . بولمىسا قىنى كىم مۈز چىلەك ئىئانىسى چىقىشتىن بۇرۇن خەيرى-ئىھسان قىلىپ بىقىپتىكەن دىگەن ئاتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ   دوزاقتىن يىراق بىدئەتكە يىقىن ، ساقالدىن يىراق ئاللاھغا يىقىن دىگەندەك ئەل-جامائەتلەرنىڭ قاتتىق لەنىتىگە قالمايلى ئەمدى .
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 03:29 PM