ياز پەسلى كېلىپ قالدى،
قىشلىق چاپاننى تاشلىدۇق.
مۇنبەردىكى بارچە دوستلار ،
قوشاق ئېيتىشنى باشلىدۇق.
بۇلبۇل شادىمان سايرىدى،
گۈلگە تولغان بېغىمدا.
مۇنبەردىكىلەرنى كۈيلەيمەن،
ياڭرىغان شاد ناخشامدا.
بېغىمدىكى ئالمىلارنىڭ ،
ئوخشاپ كەتتى دانىسى.
چاخچاق بلىەن كۈلمەمدۇ،
مۇنبەردىكى ھەممىسى.
مېنى سورىساڭلار ئەگەر،
ئاقسۇ دېگەن يەردە.
ئەگەر مۇنبەر بولمىسا ،
قوشاق يوللايمىز نەگە.
مېھمان بولۇپ كېلىڭلار،
ئاقسۇ دېگەن ياخشى جاي.
خەۋەر قىلىڭلار كەلسەڭلار،،
تۇتاي پىيالىدە سىنچاي.
ھەر تەرەپكە ياڭرىسۇن،
دوستلۇق كۈيى مۇنبەردە،
جىدەل–غەۋغا كەتسۇن يىراق،
كىر قالمىسۇن كۆڭۈلدە.
مەنبە : ئۆزۈمنىڭ قېرى كاللىسى
ئەسكەرتىش:‹‹مۇنبەرنى جانلاندۇرۇپ،خۇش –چاخچاقلار بىلەن كۆڭلىمىزنى كۆتىرەيلى ››دېگەن مەقسەتتە يوللۇدۇم بۇ تېمىنى،تىل –ھاقارەتلەر بىلەن قوشاق يوللىغانغا تويغۇزىۋەتمەڭلار....ئىنكاس يازغاندا ئىلمىي بولغان چاخچاق ئارىلاش قوشاقلارنى يوللىساڭلار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-24 02:10 PM