مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 783|ئىنكاس: 6

دۇنيادىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 02:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيادىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت مىراسلىرى


                                                 تۇرسۇن پىداقۇل
.

 گۇئادا لۇپې سان مارىيە موناستىرى ئىسپانىيەنىڭ غەربىدىكى ئېسترېمادۇرا رايونىنىڭ شەرىقى شىمالىدىكى گۇئادا لۇپې دېگەن يەردە بولۇپ، بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشلار ھەر قايسى دەۋرلەردىكى نەپىس بۇيۇملاردۇر. 1993 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  گۇئاناجۇئاتو مېكسىكىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇپ، 18 - ئەسىردە دۇنيادىكى كۈمۈش ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ چوڭ مەركەزنىڭ بىرى بولغان. 1988 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  گۇئا چېركاۋى ۋە موناستىرى ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقىدا بولۇپ، ھىندىستاندىكى مەشھۇر كاتولىك دىنى مەركىزى ۋە ساياھەت نۇقتىسى، «شەرقتىكى رىم» دېگەن نامى بار. 1986 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خاترا قەدىمكى شەھىرى  ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پايتەختى، ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل خارابە»دەپ ئاتالغان. 1985 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خادرىئانس مۇداپىئە سېپىلى مىلادىيەنىڭ 122 - يىلى خادرىئانس پادىشاھىنىڭ پەرمانى بىلەن ئىنگلاند ۋە ئىرېلاندىيە چېگراسىغا سېلىنغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 118 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىلىدۇر. 1987 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  قىزىل مەيدان رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى مەركىزى مەيدان شۇنداقلا موسكۋا شەھىرىنىڭ سىمۋولى. بۇ مەيدان 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بەرپا قىلىنغان بولۇپ، «كۆيۈپ كەتكەن مەيدان» دەپ ئاتالغان. 17 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاندىن «قىزىل مەيدان» دەپ ئاتالغان. 1990 - يىلى«دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  ۋارشاۋا قەدىمىي شەھەر رايونى پولشانىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمىدا بولۇپ، 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بەرپا قىلىنغان، تارىختا ئىزچىل سىياسىي، ھاكىمىيەت مەركەز بولغان. 1980 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خورتو باگى دۆلەتلىك باغچىسى ۋېنگىرىيەنىڭ شەرقىدىكى خايدۇ - بىخار ئوبلاستىنىڭ غەربىي شىمالىدا بولۇپ، كۆلىمى چوڭ، يايلاق ۋە نەم تۇپراقتىن تەشكىل تاپقان. 1999 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خوجا ئەھمەد يەسەۋى قەبرىستانلىقى قازاقىستاننىڭ يەسى بازىرىدا بولۇپ، 1389 -، 1405 - يىللاردا بەرپا قىلىنغان. ئۇ ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تېمورىلار دەۋرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر. 2003 - يىلى«دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خولا ئوۋسې قەدىمكى كەنتى چېخنىڭ جەنۇبىدىكى بوخىمىيە ئورمانلىق رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، 19 - ئەسىردىكى يېزا مۇھىتىنىڭ نەمۇنىلىرى ساقلىنىپ قالغان. 1998 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خوفۇزۇ موناستىرى رۇمىنىيەنىڭ ۋالاكسىيە دېگەن يېرىدە بولۇپ، 1690 - يىلى شاھزادە كونستانتىن بلانكو سالدۇرغان. موناستىر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاددىي ۋە سىممېتىرىكلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 1993 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خولوك ئۆرپ - ئادەت كەنتى  ۋېنگىرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، كەنت ئاساسلىقى ۋېنگىرىيەنىڭ شىمالىنىڭ تىپىك قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان. 1987 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  خوچىكالكو يادىكارلىقى مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى مورېيلوس ئوبلاستىدا بولۇپ، 8 -، 9 - ئەسىرلەردە بەرپا قىلىنغان. ئۇ ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان سىياسىي، دىنىي ۋە سودا مەركىزىدۇر. 1999 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


  كىجى يېزا چېركاۋى رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئونىكا كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كىچىك ئارالدا بولۇپ، 1862 - يىلى بەرپا قىلىنغان. چېركاۋدا سەككىز قىرلىق قوڭغۇراق راۋىقى بار. 1990 - يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~yilan~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 02:19 PM  


قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7110
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:29:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەككە مۇكەرەمدىكى كەبىنى كىرگۈزمەپتىا... ئاپتورنىڭ ئىسمىغا قارىسا ئۇيغۇردەك تۇرىدۇ...

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90346
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 04:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 04:29 PM
مەككە مۇكەرەمدىكى كەبىنى كىرگۈزمەپتىا... ئاپتورنىڭ ئىس ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 482 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 05:21:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدىكى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارمۇ يۇققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 05:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 05:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن باشقا  يەنە ئاپتورنىڭ(تۇرسۇن پىداقۇل) يازغان ، مەدەنىيەت  مىراسلىرىدىن :
ئېلېپخانتا غارى ھىندىستاندىكى مەشھۇر غار. ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى بومبايغا يېقىن بولغان ئەرەب دېڭىزىدىكى بىر ئارالغا جايلاشقان. بۇ غار 450- 750-يىللار بۇددا دىنى خارابلىشىپ ھىندى دىنى پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن مەزگىلدە قېزىلغان. 1987-يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.

ئېللوراس غارى ھىندىستان ماخاراشىترا ئىشتاتىنىڭ ئاۋرانگاباد شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېللوراس تېغىغا جايلاشقان. 7-10-ئەسىرلەردە قېزىلىپ ياسالغان. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئىبادەتخانا تاش ئويما بىناكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. 1983-يىلى «دۇنيامەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»كە كىرگۈزۈلگەن.

ئېچمىئادزىن كاتولىك چېركاۋى، خىرىستىيان چېركاۋى ۋە جۋارتنوت مەدەنىيەت خارابىسى ئېچمىئادزىن ئەرمېنىيە غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاراس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. بۇ چېركاۋلار مەزكۇر رايوننىڭ بىناكارلىق ۋە سەنئەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 2000-يىلى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»كە كىرگۈزۈلگەن.


ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104850
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2014-3-14
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 05:45:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 04:29 PM
مەككە مۇكەرەمدىكى كەبىنى كىرگۈزمەپتىا... ئاپتورنىڭ ئىس ...

ھەي قېرىندىشىم     ئۇ ئۇيغۇر بولمىسا ئۇيغۇرچە خەت يازامدۇ   ؟ ؟؟ ؟؟ ؟؟ ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش