مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2526|ئىنكاس: 17

مەرھۇم باقى يۈسۈپ ھاجىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68603
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 01:42:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەرھۇم  باقى يۈسۈپ ھاجىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

LC033RGFSDJXZD8(H]2~$FH.jpg


ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى دىيەرلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان , ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇتەخەسىسىسى مەرھۇم ئۇستاز باقى ھاجى يۈسۈپ 1933- يىلى خوتەن لوپ ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى بۇيا يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدا تۇغۇلغان.
ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياش چاغلىرىدا, ئۆز يۇرتىدا تېبابەتچىلىككە دائىر دەسلەپكى ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ خوتەن, قەشقەر, ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تېۋىپلىق قىلغان. 1981-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن ھەم ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجىربىسىگە ئاساسەن, ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش بىر قەدەر قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى, قان تومۇر سېستىمىسى كېسەللىكلىرى, نەپەس يولى, سۈيدۈك يولى سېستىمىسى كېسەللىكلىرى ۋە بوغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
«ئادىراسمان مەلھىمىنىڭ يېڭى دورا تەتقىقاتى» ۋە «غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى كىلىنكىلىق دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ۋە تەجىربىلەرنى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش» قاتارلىق ئاپتونۇم رايونلۇق, دۆلەتلىك پەن-تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم «زۇكام جەۋھىرى», «قۇۋۋىتى ئەلا ئىچىملىكى», «ئانار شەربىتى», «قىزىلگۈل گۈلقەنتى», «چايلىق», «سىيادان مېيى» قاتارلىق دورىلارنى يېڭى دورا ئۆلچىمىگە كىرگۈزۈپ, كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە ئاساس سالغان. سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2003-يىلى ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنىنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. 26 پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ ھايات ۋاقتىدا, شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى, شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونلۇق قىزىل كېرست جەمئىيتى, شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 4- نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى, شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يېڭى دورىلارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى,شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسىدىكى مۇنەۋەر مۇتەخەسىسىلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى,شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى-مىللىي سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانلىرىنى باھالاش كومېتىتىنىڭ ئەزاسى, خەلقئارالىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتى, ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ژۇرنىلى تۈزۈش ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى», شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى»,شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە سېستىمىسى بويىچە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى», «مۇنەۋەر مۇتەخەسىس» بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە  جۇڭگو جۇڭيى تېبابەتچىلىك دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئاسپىرانت يېتەكچىسى, شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئىدى.
مەرھۇم ئۇستاز باقى ھاجى يۈسۈپ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى, ئۈرۈمچىدە, 82 يېشدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى .
يىقىنقى زامان ئۇيغۇر دورا - تبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۈچ قوشقان بۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىرلەر بولسۇن !

مەنبەسى :  رەتلەپ يوللىغۇچى ئۆزۈم


باھار ھامان ئىللىق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4336
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 02:45:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم بوۋىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەيمەن مەرھۇمغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن جەننەت ئىنئام ى تىلەيمەن !

سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15107
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2799 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:04:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى مەرھۇم  ئۇستازتىۋپمىزنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىدىن ۋاقىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
كۆپ قىسىم ئۇستاز تېۋىپلىرمىز يالغۇز ئۇيغۇر تىبابىتىدە يتلىگەن كەسپى ماھارتى بىلەن نۇرغۇن بىمالارغا زور مەنپەئەت ئەكىلىپلا قالماي ،يەنە ئۆزلىرنىڭ ساپ ئەقىدە ،يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەنمۇ خەلقنىڭ ئالقشى ،دۇئاسىغا نائىل بولغان .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11366
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9476
تۆھپە نۇمۇرى: 530
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:09:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم بوۋىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەيمەن مەرھۇمغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن جەننەت ئىنئام ى تىلەيمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7288
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:16:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.
ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبىر تىلەيمىز.  ئامىن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uygurjan09 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-12 03:19 PM  


ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ھەق سۆزلەش گۇزەل ئەخلاق!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37348
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3626
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1132 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:32:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!

ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئاشسۇن دىسەڭ تەمكىن بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3956
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !!! مەن بۇ ئۇستازنىڭ قۇلىدا داۋالانغانغۇ دەيمەن.

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51306
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9905 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 03:48:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدە ئاپتۇنۇم رايۇندىن بەشى بار.ئاتالغۇلارنى توغرا ئىشلىتىڭ.تېمىڭىزنى تەھرىرلەپ قويدۇم.ئاساسىي قانۇندا بەلگىلگەن يەر-جاي ناملىرىنى توغرا ئېلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.ئاپتۇنۇم رايۇن دېسىڭىز ئادەمنى گاڭگىرتىپ قويدىكەن قايسى ئاپتۇنۇم رايۇننى دېگەن ئوخشايدۇ  دەپ....
مەرھۇم ئۇستازغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99236
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 04:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    قالۇ ئىننە لىللەھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن.
    مەرھۇمنىڭ سۈرەتى يوقمىكەن. مەندە بىر سۈرەت بار ئىدى. ئويلاپ قالدىم- دە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مارشال + 20 تېمىغا قىستۇرۇپ قويدۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-12 05:29:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ، ياتقان يىرى جەنئەتتە بولسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش