مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 6

رۇستەم قاراسۇ : سەن كەلمەي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40218
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1308 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 08:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى



سەن كەلمەي

نەچچە باھار ئۆتۈپ كەتتى سەن كەلمەي،

يۈرۈكۈمگە ئەلەم يۈتتۈم سەن كەلمەي.

شۇ ھىجراننىڭ چۆللىرىدە تەمتىرەپ،

كېچە-كۈندۈز سېنى كۈتتۈم سەن كەلمەي.


يىراقلاردا يۈردۈڭ بەلكىم بىخەۋەر،

مەھەللەڭدىن تالاي ئۆتتۈم سەن كەلمەي.

ياتلار يارى بىلەن ئويناپ كۈلگەندە،

مەن پىنھاندا غەمگە چۆكتۈم سەن كەلمەي.


ئارمانلىرىم ساڭا مۇھتاج بىر ئۆمۈر،

پىراقىڭدا ئوتتەك كۆيدۈم سەن كەلمەي،

كونا جايدا قالغان ئاشۇ ئىزىڭغا،

لەۋلىرىمنى يېقىپ سۆيدۈم سەن كەلمەي.


سۈرۈتىڭگە قاراپ ھەر كۈن سېغىنىپ،

ئۈنسىز يىغلاپ ياشلار تۆكتۈم سەن كەلمەي.

سېغىنىشنىڭ ئازابىدا تولغۇشۇپ،

مىڭ تىرىلىپ مىڭ بىر ئۆلدۈم سەن كەلمەي.


بولدى كۆڭلۈم


بولدى كۆڭلۈم ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالدىما،

تاشلاپ كەتتى بىۋاپا يار ئەمدى بەس.

ئۇ كەلمەيدۇ تاشلىمىغىچە يات بىرى،

قايتىپ كەلسە كەچۈرمىكىم بەكمۇ تەس.


بېغىمدىكى رەيھان دىدىم بىلمىدى،

باياۋانغا تاشلىدى ئۇ چاندۇرماي.

باھاردىكى سىم-سىم يامغۇر بۇ داغنى،

يۇيۇۋەتكىن يۈرۈكۈمدىن قالدۇرماي.


ئىچىشىدۇ يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتى،

ئەسلىسەم گەر ئاشۇ گۈزەل ئۆتمۈشنى.

ئىچىڭدىلا قالسۇن دەرتنىڭ ھەممىسى،

سۆزلەپ يۈرمە قايتا كۆڭلۈم بۇ چۈشنى.


بولدى كۆڭلۈم ئۆز-ئۆزۈڭنى ئالدىما،

ئالدامچى يار خوش بولىدۇ يېغلىساڭ.

سىمايىنى ئەسكە ئالما ئىككىنجى،

ئۇنتۇپ كەتكىن ھەم بەرىبىر تېللىساڭ.

رۇستەم قاراسۇ...ئالاتاۋدا يېزىلدى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 08:17 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101813
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 03:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوزۇرلاندۇق رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32284
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 07:18:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆركەش ياساپ ئاقىدۇ،
ئاتۇشتىكى قىزىل سۇ.
ئۇچرىشايلى ئاقسۇدا،
دولقۇنلىسۇن قاراسۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 08:15:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ شېئىرلىڭىزدا ئۆزگىچە بىر خاسلىق بار، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىمۇ ياخشى... سىزنىڭ شېئىرلىڭىزنى يىغىپ بىر «قارا سۇ شېئىرلار توپلىمى» نەشىر قىلدۇرسا بولغىدەك...
ئىلھامىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى، ياخشى ئەسەرلەرنى «مىسرانىم» مۇنبىرىگە تەقدىم قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن...
كۆز تەگىمسۇن يىگىت، بارىكاللا!

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100831
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2013-12-14
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 10:47:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىرڭىز ياخشى چىقىپتۇ، تىخمۇ تىرشىڭ،!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1937
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 969 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 04:14:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40218
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1308 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 08:56:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
menggutax يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 08:15 AM
سىزنىڭ شېئىرلىڭىزدا ئۆزگىچە بىر خاسلىق بار، ئىپادىلىگ ...

رەھمەت ئاللاھ خالىسا دىگىنىڭىز كەلگەي قېرىندشمىز

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش