  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					windows8.1 دىكى «سۈرەتلەر» ئەپىنىڭ سۈرەتلەرنى كۆرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ يەنە باشقا يەنىمۇ مۇھىم رولى بار . بىر پەرچە رەسىمنى ئاچقاندىن كېيىن ئېكراننى قول بىلەن ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىسىڭىزلا ( مائوس ئىشلىتىدىغانلار رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بىرنى چەكسىڭىز بولىدۇ) ، رەسىمنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى ، سېلىشتۇرما دەرىجىسى قاتارلىق ھەر خىل تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . سۈرەتكە ھەر خىل ئۈنۈملەرنى كىرگۈزگىلىمۇ بولىدۇ، سۈرەتنى ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. 
تۆۋەندە windiws8.1 دىكى «سۈرەتلەر» ئەپىنى تونۇشتۇرىمىز :
 
ئالدى بىلەن win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ياكى مائوسنى ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستنقى بۇلۇڭدىكى باشلاش كۇنۇپكىسىغا بىرنى چىكىپ " باشلاش " ئېكرانىغا كىرىپ « سۈرەتلەر » ئەپىنى قوزغىتىمىز . 
(دىققەت: سۈرەت ئامبىرىنىڭ سۈكۈتتىكى ئورنى  سىستېما دىسكىسى/user/ئىشلەتكۈچى ئىسىمى/رەسىم ئامبىرى)
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
خالىغانچە بىر پارچە رەسىمنى ئېچىپ پۈتۈن ئېكران ھالەتتە ئېچىپ مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى باسساق ھەر خىل ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى كۆرۈنىدۇ ، مەسىلەن ئۆچۈرۈش ، ئاچىدىغان پىروگىرامما ،  قىلىپ بېكىتىش ، بىرمۇ بىر كۆرسىتىش ، ئايلاندۇرۇش ، كېسىش ، تەھىرلەش دېگەندەك. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن ئىقتىدار تەھىرلەش ئىقتىدارى بولۇپ ئادەتتىكى ئۈستەل يۈزىدىكى سۈرەت كۆرگۈچنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن . 
 
«سۈرەتلەر»ئەپىنىڭ بىرىنجى ئىقتىدارى : سۈرەتنى قۇلۇپ ئېكرانى سۈرىتى ياكى سۈرەت يېيىلمىسى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ . 
 
 
 
 
«سۈرەتلەر»ئەپنىڭ ئىككىنچى ئىقتىدارى : سۈرەتنى خالىغانچە كېسىش . 
 
 
 
 
«سۈرەتلەر»ئەپنىڭ ئۈچىنجى ئىقتىدارى : كۈچلۈك بولغان سۈرەت تەھىرلەش ئىقتىدارى . 
تەسىرلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاپتۇماتىك ئوڭشاش ، دەسلەپكى ئوڭشاش ، نۇر ، رەڭ ۋە ئۈنۈم دىن ئىبارەت بەش خىل ئىقتىدارى بار . تۆۋەندە بۇ بەش خىل ئىقتىدارى بىلەن بىرمۇ بىر تۇنۇشۇپ چىقايلى . 
1. ئاپتۇماتىك ئوڭشاش . 
سۈرەتنىڭ ھەر خىل ئاپتۇماتىك ئوڭشاش ئۈنۈمىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ ، شۇ ۋاقىتتلا كۆرگىلى بولىدۇ . 
 
 
 
 
2.دەسلەپكى ئوڭشاش . 
ئايلاندۇرۇش ، كېسىش ، قىزىل كۆز ، قايتا ئوڭشاش قاتارلىق قۇشۇمچە ئىقتىدارلار بار . 
 
 
 
 
3.نۇر. 
سۈرەتنىڭ يۇرۇقلۇقى ، سېلىشتۇرما دەرىجىسى ، قىزىق نوقتىلىرى ۋە سايە قاتارلىقلارنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.(مائوس ئىشلەتكۈچىلەر بىۋاستە مائوسنىڭ غەلتكىنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارالايدۇ ) 
 
 
 
 
4.رەڭ .  
سۈرەتنىڭ تېمپۇراتۇراسى ۋە تۇيۇنۇش دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى ، سۈرەتنى بويىغىلى ۋە رەڭ كۈچەيىتكىلى بولىدۇ. 
 
 
 
 
5.ئۈنۈم. 
سۈرەتنى سۇسلاشتۇرغىلى ۋە تاللىنىشچان فوكۇسنى تەڭشىگىلى بولىدۇ .  
 
 
 
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |