مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1289|ئىنكاس: 7

مۆئىمىننىڭ نەزىرىدىكى ۋاقىت قىممىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1553
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 02:19:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆئمىننىڭ نەزىرىدىكى ۋاقىت قىممىتى


دوكتۇر يۈسۈف قەرداۋىي
ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر!


مۆئمىن ئىنسانلار ئىچىدىكى ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ئەڭ بەك قەدىرلەيدىغان كىشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن سورايدۇكى:ئۆمرۈڭنى نىمە بىلەن ئاخرلاشتۇردۇڭ؟ ياشلىقىڭنى نىمە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزدۈڭ؟
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مۆئمىن ۋاقتىنى بىھۇدە، مەنپەئەتسىز ئىشلاردا ئۆتكۈزمەيدۇ
چۈنكى ۋاقىت مۆئمىننىڭ ھاياتتىكى دەسمايىسىدۇر! قانداقمۇ ئۇنى زايا قىلىۋېتىپ، قۇرۇق قول قالسۇن؟
ۋاقىت ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نىئمىتى بولۇپ بىز ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئادا قىلىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ۋاقىتقا سەل قاراپ ئاللاھنىڭ بۇ نىئمىتىنى قولدىن بېرىپ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماسلقىمىز كېرەك
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دەيدۇ:“كېچە ۋە كۈندۈز سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، سەنمۇ سالىھ ئەمەل قىلىپ ئۇ ئىككىسىدىن ياخشى پايدىلانغىن“‏
مۆئمىن ھەر كۈنى تاڭ ئېتىپ يېڭى كۈننىڭ قۇياشى چىققاندا ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە ئۈنلۈك ئاۋازدا نىدا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ:ئەي ئىنسان! مانا مەن بۈگۈن يېڭى كۈن، سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭغا شاھىدمەن، سەن مەندىن پايدىلان، ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق مېنى غەنىمەت بىلگىن، مەن ئۆتۈپ كەتسەم قايتىپ كەلمەيمەن
مۆئمىن كۈنلىرىنىڭ ھېچبىر پايدىسىز قۇرۇق قول ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدۇ، چۈنكى ئەتىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشلىرى بولىدۇ، ئەتىدە بۈگۈننىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ
مۆئمىن شۇنىڭدەك بۈگۈنىنىڭ تۈنۈگىنىدىن ياخشىراق بولىشىنى، ئەتىسىنىڭ بۈگۈنىدىن ياخشىراق بولىشىنى ، ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ ياخشى-گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن ئۇزۇن بولىشىنى بەك خالايدۇ. ۋە دۇنيادا مەنپەئەتلىك ئىلىم ، ياخشى ئەمەل، نەتىجىلىك بىرەر ئىش، سەدىقە جارىيە ياكى سالىھ پەرزەنىت قالدۇرۇشنى بەك خالايدۇ. ئۇ قالدۇرغان نەرسىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان پايدىسى قانچىلىك ئۇزۇن بولسا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابىمۇ شۇنچىلىك كاتتا بولىدۇ
مانا بۇ روھنىڭ تۈرتكىسىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ياڭاق كۆچىتى تىكىۋاتقان ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا:سەن ياشىنىپ قالغان تۇرۇپ بۇ كۆچەتنى تىكىۋاتامسەن، ھالبۇكى بۇ كۆچەت بىر قانچە يىلدىن كېيىن مىۋە بېرىدۇ؟دېگەندە ،ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا:بۇ كۆچەتنى تىككەنىڭ ساۋابى ماڭا بولۇپ، مېۋىسى باشقىلار ئۈچۈن بولسا بولمامدۇ!؟ دېگەن
بۇ روھنىڭ تۈرتكىسدە يەنە بىر كىشى زەيتۇن دەرىخى تىكىۋېتىپ مۇنداق دېگەن:ئىلگىركىلەر بۇ دەرەخنى بىز ئۈچۈن تىكىپ قويغان ئىكەن بىز ئۇنىڭدىن يەپ پايدىلاندۇق، بىزمۇ كېيىنكىلەرگە يىيىش ئۈچۈن تىكىپ قۇيايلى.                        
دوكتۇر يۈسۈف قەرداۋىينىڭ ( ئىمان ۋە ھايات)  ناملىق كىتابىدىن.                       

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2732
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 12:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.

تاماگەر بولۇپ تىرىك تۇرغىچە،
قانائەت قىلىپ ئاچتىن ئۆلگۈلۈك.               
تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە،          -ئەھمەد زىيائىي
شىرانە سۆۋلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96039
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 12:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن!!
ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

ھەر ئادەم قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ خالاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13664
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7801 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 01:26:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلنىش قىممىتى بار بولغان ،ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن بۇ .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5413
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20274
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2286 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 03:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەككۈر......

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98102
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-9-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 04:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...

  قىممەتلىك تېمىڭىزدىن،ۋاقتنى قەدىرلەشنىڭ ھەم پايدىلىنىڭشنىڭ تۈپ ئۆلچىمىنى چۈشەندىم.رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 09:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىز مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە بەك ماسلىشىپتۇ.قابىلىيتىڭىزگە تەشەككۇر.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 10:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ  ئاللاھ  ئەجىرىڭىزنى  بەرسۇن   قىرندىشىم   مەخەتجان  سۆزىڭىزگە  تۇزىتىش  بەرسەم  خاپا  بولمايدىغانسىز   بۇ  دىگەن  ھىكايە  ئەمەس   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش