 |
يەنە مېھىمان قىلىۋالمىسۇن دەپ
ئەپەندىمنىڭ بىر ئۇچىغا چىققان قىزىل كۆز تۇغقىنى بار بولۇپ , ئەپەندىمنى كۆرسىلا: <<ئاكا سىلىنى مېھمان قىلمىسام بولمايدۇ>> دەپ ئاشخانىغا باشلايدىكەن, ئەمما تاماقنى يەپ بولۇپلا, < ئاكا پۇل سالماي كەپتىمەن>> دەيدىكەن. ئەپەندىم بىر كۈنى كوچىدا ھېلىقى تۇغقىنىنى كۆرۈپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ. تۇققىنى دەرھال ئەپەندىمنى چاقىرىپ:
-ئەپەندىم نېمە بولدۇڭلار, مېنى كۆرۈپلا مۈشۈكنى كۆرگەن چاشقاندەك كېتىپ بارىسىلەرغۇ؟ دەپتۇ.شۇنداق دەپتۇ ئەپەندىم تۇققىنىغا, نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىلى تولا مېھمان قىلىپ كەتكەچكە يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى, شۇڭا سىلىنى يەنە مېھمان قىلۋالمىسۇن دەپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭدىم شۇ.
سۈيۈش ئۈچۈن دەرەخكە چىققان نەدە بار
زىراپە مايمۇنغا ياتلىق بۇپتۇ.بىر يىلدىن كىيىن زىرەپە ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلىپ,مايمۇنغا:ئىگز-پەس سەكىرەپ يۈرشىڭنى ئەمدى كۈرگۈم يوق!-دەپتۇ.
مايمۇنمۇ كۈڭلىدىكىنى دەپتۇ: ئاجىراشساق ئاجىرشايلى,سۈيۈش ئۈچۈن دەرەخكە چىققان نەدە بار؟!
كۈلگۈمنى كەلتۈرمىڭە ئۇلار پاھىشە..
ئايال قىزىنى ئېلىپ تاكسىدا ئۆيىگەمېڭىپتۇايولدا يۈزلىرىنى بوياپ , بىر يەرلىرىنى ئېچىپ تۇرغان قىزلارنى ئۇچرىتىپتۇ , بۇ قىزلارنى كۆرگەن قىز ئانىسىدىن: - ئاۋۇ قىزلارنىمە قىلىدۇ؟ قىزىنىڭ قەلبىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن , مۇنداق دەپتۇ: - ئۇلارئېرىنى ساقلاۋاتىدۇ بۇنى ئاڭلىغانشوپۇر : « كۈلگۈمنى كەلتۈرمىڭە ئۇلار پاھىشە..» دەپ قوشۇق ساپتۇ , بۇنى ئاڭلىغان ئانا شوپۇرغا قاتتىق ھومۇيۇپ قاراپ قويۇپتۇ , ئۇنىڭ قىزى داۋاملىق سوراپتۇ:- ئانا ئۇلار بالا تۇغامدۇ؟ ئانا چىرايىنى ئۆزگەرتمەي: « تۇغىدۇ قىزىم,بولمىسا تاكسىلارنى كىم ھەيدەيدۇ...»
سىنىپ مۇدىرىمىز دېگەن ئوغرى دېرىزە مارىلاپ تۇرىدۇ
بىر ئوقۇغۇچى دائىم دەرس ۋاقتىدا يانفون ئويناپ ئولتۇرىدىكەن. بىر كۈنى سىنىپ مۇدىرى دېرىزە سىرتىدىن ئۇنىڭ يانفون ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە يانفونىنى ئېلىپ ئۇ ئوقۇغۇچىغا «نېمىشقا دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمايسەن؟», دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ, ئوقۇغۇچى بولسا ھەيران بولغان تەرىزدە «سىز كىم؟», دەپ قايتۇرۇپتۇ, مۇئەللىم ئارقىدىنلا « ھازىرنىڭ ئۆزىدە دېرىزە سىرتىغا قارا!» دەپ يوللاپتۇ, ئوقۇغۇچى دېرىزە سىرتىدىكى مۇئەللىمگە بىر قارىۋېتىپ, « سەل تۇرۇپ مۇڭدىشايلى, ھازىر سىنىپ مۇدىرىمىز دېگەن ئوغرى دېرىزە مارىلاپ تۇرىدۇ...» دەپ, ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ.
ئۆتنە جاھان دىگەن شۇدە
بىر ئايال قىزىل چىراغدا تۇختىماي بېسىپ ئۆتۈپ قاتناش قائىدىسگە ئېغىر دەرجىدە خلاپلىق قىلنغانلىقى ئۆچۈن سۇتقا تاپشۇرۇپ بىرلىپتۇ .
بۇ ئايال سوتچىغا چۆشەندۈرۈپ : مەن بىر ئۇقۇتقۇچى , دەرسىم بار ئىدى , ئىشقا ئالدىرايتىم , مېنى بىر قۇياپ بەرگەن بۇلسىڭىز دپتۇ .
سوتىچى بۇ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايتى خۇش بۇلۇپ كېتىپتۇ, ھەمدە ئۇ ئايالغا :
" خانىم , مەن ئۇزۇن يىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلىگىمنى بۆگۈن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بۇلدۇم , مەن ئۇزۇندىن بۇيان سىزگە ئۇخشاش بىر ئۇقۇتقۇچى داۋاغا تارتىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلسە دەپ تۇراتتىم , ھازىر سىز ئاۋۇ ئۆستەلدە ئۇلتۇرۇپ ' مەن قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتتۈم ' مەن قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتتۈم' دىگەن بۇ بىر جۈملە خەتنى 500 قېتىم يېزىڭ ...
ئايال ئۇقۇتقۇچى : ........
يالغانچىنىڭ ئاقىۋىتى
بىر ئايال لاتارىيە بىلىتى ئالماقچى بۇلۇپ ساتقۇچىدىن ياردەملىشىشنى سۇراپتۇ . ماڭا ياردەملىشىپ نۇمۇر تاللاپ بەرگەن بولسىڭىز . ئەلۋەتتە بۇلىدۇ . سىز قانچە قىتىم چەتئەلگە چىققان! 4 قېتىم。 نەچچە بالىڭىز بار! 2。 سىز بۇ يىل قانچە كىتاپ ئوقۇدىڭىز! 5。 ئىرىڭىز بىلەن ئايدا نەچچە قېتىم ئۇرۇشىسىز! بۇ مىنىڭ شەخسى سىرىمغا چېتىلىدىغۇ دەيمەن! ئۇغۇ شۇنداق بىراق سىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكۈڭىز بارمۇ يوقمۇ! ئۇنداقتا بوپتۇ دەپ بىرەي ئاز دىگەندە 2 قېتىم。 ئىرىڭىزگە قانچە قېتىم ئاسىيلىق قىلدىڭىز! مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز! مەن ئۇنداق ئېرىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان شاللاقلاردىن ئەمەس。 ئاچچىقلانماڭ خانىم . ئۇنداقتا ئاخىرقى نۇمۇرغا 0 نى تاللىساق بولغۇدەك。 لاتارىيە بىلىتىڭىزنىڭ نۇمۇرى 42520 بولدى ………………………………………… بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئايال گىزىتتە لاتارىيە بىلىتى نۇمۇرنىڭ 42527 ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ قاتتىق پۇشايمان قىلغان ھالدا 《ئىسىت راس گەپنى قىلغان بولسامچۇ》 دىگۈدەك …………
يەنە بىرنى قېتىپ بېرەي.
بىر كۈنى ھىسامكام ئىككى گىلىمىنى يۇغۇزۇش ئۈچۈن ئۆيدىن ئىلىپ چىقىپتۇ . نىمە بىلەن ئىلىپ بارارمەن دەپ تۇرىشىغا بىر ھىسامكامنى بىلىدىغان لوخەن سەللوڭدا كىلىپ ھىسامكامغا مەن ھەقسىز ئاپىرىپ بىرەي دەپ ئىلىپ مىڭىپتۇ. يولدا ھىسامكامنى گەپكە سىلىش ئۈچۈن ئىغىز ئىچىپتۇ . لوخەن : ھەي ھىسام مەن سىنىڭ ئىككى گىلىمىڭنى ئىلىپ ئىشكىرگە كەتسە سەن قانداق قىلىدۇ دەپ سوراپتۇ . ھىسامكام دەرھاللا : ھۆي كىركىتىدىغانلا ئىشىڭ بولسا مەن يەنە بىر گىلەم قىتىپ بىرىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش
مامۇت قوشنىسىنىڭ بېغىدا ئۇنىڭ چىرايلىق قىزى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپتۇ . توساتتىن يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىڭراق « ۋىڭڭىدە » ئۇچۇپ كېلىپ , ئۇلارنىڭ يېنىدىكى دەرەخكە قادىلىپ قاپتۇ . مامۇت چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ , خىجالەت ئىچىدە قىزدىن ئەپۇ سوراپتۇ :
- مەن كېتەي , ئايالىم مېنى تاماققا چاقىرىۋاتىدۇ .
بۇ ماركىدىكىسى ئەمەس ئىدى
روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەمىشە ئاشقازىنىمدا بىر پىۋا بوتۇلكىسى بار دەپ گۇمانلىنىپ يۈرۈپتۇ . ئۇ سوقۇر ئۈچەي كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قېلىپ ئوپراتسىيە قىلىنىدىغان چاغدا , تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بىلەن روھىي كېسەللەر دوختۇرى مەسلىھەتلىشىپ , ئۇنى بۇ غەلىتە خىيالدىن خالاس قىلماقچى بوپتۇ . بىمار ئوپراتسيە قىلىنىپ ئاستا – ئاستا ھوشىغا كەلگەندە , دوختۇر بىر پىۋا بوتۇلكىسىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ :
_ مانا بونى ئاخىرى ئېلىۋەتتۇق , - دەپتۇ .
_ خاتا ئېلىپ ساپسىلەر , - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ بىمار , - مېنىڭ قورىسقىمدىكى پىۋا بوتۇلكىسى بۇنداق ماركىلىق ئەمەس ! ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirdax998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-6 11:32 PM
|
 |