 |
 |
 |
 |
شەيتان لۇغەت
ئاچلىق ئىلان قىلىش
تېخىمۇ كۆپ تاماق يىيىش ,تېخىمۇ ياخشى تاماق يىيىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە تاماق يىيىشتىن پەرھىز تۇتۇش قىلمىشى .
ئاخپارات ئەركىنلىگى
يېزىقنىڭ ھەرقانداق تۆشۈككە كىرىشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت خەۋىپلىك غايىسى
ئادەتتىكى پۇقرا
سايلىنىش ھوقۇقى بار , ئەمما سايلىنىش مۇمكىنچىلىگى يوق پۇقرا
ئادوكات
قانۇنغا تۇزاق قويۇشقا ماھىر ئادەم
ئاشپەز
قازاننىڭ خۇجايىنى , خېرىدارنىڭ چاكىرى
ئالغا بېسىش
ئۆلۈمگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىش
ئائىلە باشلىغى
بالىلىق بولمىغۇچە ئىرىشكىلى بولمايدىغان مەنسەپ
1. دوختۇر _ ئەزرائىل ئەڭ نەپرەت بىلەن قارايدىغان ئادەم.
2. رېتسىپ _ دورا ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان, ئەمما باھاسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان قەغەز.
3. ئۆچۈرگۈچ _ خاتالىقىنى تۈگۈتۈپ بولالماي ئاخىرى ئۆزى تۈگەپ كېتىدىغان نەرسە.
4. مۇئەللىم _ ئىمتاھان ۋاختىدا تۆت ئەتراپىغا قارىيالايدىغان بىردىن-بىر كىشى.
5. يول قۇيۇش _ يېڭىشكە كۆزى يەتمىگەندە, ئۆزىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك چارە.
6. مۇنبەر _ ئىقتىدارسىز باشلىقنىڭ ئەيىپى ئېچىلىدىغان سەھنە.
7. خىمىيىۋى ئۇغۇت _ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ, ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان دورا.
8. گال _ ئىنساپنى سۇغۇرۇۋالسا, مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغان كامار.
9. مۇسابىقە مەيدانى _ باتۇرلۇق, چەبدەسلىك, گۇرۇھۋازلىق, يۇرتۋازلىق, چىدىماسلىق توپلاشقان جاي.
چاچ:ـــــــ ئاقارغاندا قارا بويىلىدىغان، قارا ۋاقىتىدا قىزىل بويىلىدىغان، بار ۋاقتىدا بوياۋىرىپ مىيىپ قىلىنىدىغان، ‹‹ ئۆلگەن››دىن كىيىن ‹‹ ياسىن›› ئوقۇپ، دىمىدە ئىچۈرىلىدىغان بىچارە.
باش:ـــــــــــــــــ ئىشلىگىنى گۆھەرگە، ئىشلىمىگىنى قاپاققا ئوخشايدىغان شەكىلداش نەرسە .
قاش:ــــــــــــــــ ئاياللار ھەر كۈنى قارايتىپ ھارمايدىغان، ئەرلەرنىڭ زادىلا كارى بولمايدىغان نەرسە.
كۆز:ـــــــــــــــ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ، ئۆزگىنىڭ ئەيبىنى كۆرىدىغان كۆڭۈل ئەينىكى.
يۈز:ـــــــــــــ ئەسلىدە ياراتقۇچى بىر قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، بەزىلەر جان بىقىش ئۈچۈن ئىككىگە كۆپەيتىۋالغان نامايەندە.
بۇرۇن:ــــــــــ مەيلى گۈللۈك، مەيلى ھاجەتخانىغا كىرسۇن، دەسلەپتە پۇراقنى توغرا سەزسىمۇ كىيىن، ئاستا-ئاستا سەزگۈسىنى يوقىتىپ، ئاسانلا كۆنۈپ كېتىدىغان بىچارە.
قۇلاق:ــــــــــــ ئەرلەر ئۈچۈن بىرلا تۈردە خىزمەت قىلسا ، ئاياللار ئۈچۈن ئىككى خىل خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ سادىق چاكار.
ئېغىز:ــــــــ تاللاپ كىرگۈزۈپ، ئويلىماي چىقىرىدىغان بىردىنبىر كۆچمە ئۆتكەل.
تىل:ــــــــــــــــ ئەگەر 32 تال قوزۇقنىڭ ئىچىگە بەنت قىلىۋىتىلمىگەن بولسا، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بىشىغا چىقىدىغان تەنتەك.
گال:ــــــــــــــ ئىسمى بىلەن جىسمى زادىلا بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان، ئەگەر ماس كىلىپ قالسا، ئادەمنى يا ئاچلىقتىن، يا توقلىقتىن ئۆلتۈرىدىغان ئەزا.
قول:ـــــــــــــ پەقەت مايمۇن بىلەن ئادەمگىلا خاس بولغان ئونۋىرسال قورال.)
پۇت:ـــــــــــــ ئىشلىمىگەن باشنىڭ دەردىنى يېتىپ ئاشقۇچە تارتىپ، قاپىرىپ كېتىدىغان بىچارە.
ئادەم:ــــــــــــــــــــــــــ ‹‹ دەريا›› نىڭ ئۇ قىتىدىكى چاغدا، بۇ قاتقا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، بۇ قاتتا بولسا ئۇ قاتقا ئۆتۈشنىڭ كويىدا ھېرىپ ھالىدىن كىتىدىغان، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندە بولسا ، پۇشايمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كىتىدىغان ئەڭ ئەقىللىق ھەم ئەڭ دۆت بىر مەخلۇق. مەنبە:يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirdax998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-21 10:30 AM
|
 |
 |
 |
 |
|