ئادەتتىكى ئەزا
تەرەققىپەرۋەر شائىر ___ ئەھمەد قازىئاخۇنۇم
شائىر ئەھمىدى (قازىئاخۇنۇم كىيىن قويۇلغان مەنسەپ نامى) مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە مەكىت ناھىيىسىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ، ئۇستا خەتتات ۋە 30 –يىللاردىكى مەكىت پەننى مەكتەپ مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا تۆھپە قوشقان تەرەققىپەرۋەر زات . ئۇ 1907 – يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزا لايلىق پاختىلىق كەنتىنىڭ چېكىلىك مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى ئىگەمبەردى ھاجىم ئۇنى مەخسۇمنىڭ تەربىيىسىگە بەرگەن . بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ئاشۇ مەدرىسنىڭ مۇددەرسلىرىدىن بىرى بولغان جامال ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ قولىدا ئوقۇپ ، ئەرەپ ، پارىس تىلىنى ئىگىلىگەندىن سىرت ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە شەرق ئەدەبىياتىنى پىششىق ئۆگۈنۈپ ، ئالى مەلۇماتلىق كىشىگە ئايلانغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئىقتىدارى يېتىلىپ ، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان . ئەھمىدى 1927 – يىلى قەشقەردىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، يۇتىغا قايتىپ كېلىپ مەكىت ناھىيىسىگە قازى بولغان . ئەمما ئۇ قەشقەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش ئىلغار دىموكراتىك پىكىر ئېقىمىدىكى زاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا ، بەزى مەسىلىلەردە يەرلىك فېئودال مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىلەن چىقىشالماي ، قازىلىقنى تاشلاپ ، يەكەنگە كېلىپ مۇددەرسلىك قىلغان . 1933 – يىللاردا كۆتۈرۈلگەن مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ تەسىرى بىلەن يەنە مەكىتكە قايتىپ كىلىپ ، مەكىت ناھىيىسىدە قۇرۇلغان مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭكاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە مەكىت ناھىيىسىدە يېڭىچە پەننى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ كۈچ چىقارغان . بىراق ، 1936 – يىلى جاللات شېڭ شىسەينىڭ مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان زىيالىلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن شائىر ئەھمىدىمۇ يەنە بىر قېتىم ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ يەكەن ، يېڭىسار ، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان . 1939 – يىلى ، مەكىتكە قايتىپ كېلىپ شەھەر ئىچىدىكى ئوسمان ھاجىمنىڭ مەدرىسىسىدە مۇددەرسلىك قىلغان ۋە ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شېئىر يازغان . ئەرەپ ، پارىس تىللىرىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان . شائىرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى قەشقەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە باشلانغان بولۇپ ، ئۇ ئۆز ھاياتىدا 3800 مىسرادىن ئارتۇق غەزەل ، مەسنىۋى ، مۇخەممەس ، رۇبائىيلارنى يازغان . شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ، «بوستان» قاتارلىق ئىككى ئەسىرىنى ھەم «لوقمان ھېكىمنىڭ 100 نەسىھىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەزمىي شەكىلدە ، مەسنەۋىي ئۇسلوپتا بىر قۇرنى بىر مىسراغا سىغدۇرۇش ئاساسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان . يەنە زەمەخشەرنىڭ «ناۋابىغۇل كەلىم» دىگەن كىتابىنىمۇ نەزمىي شەكىلدە تەرجىمە قىلغان . ئەپسۇسكى ، شائىرنىڭ بۇ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم قوليازمىلىرى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە كۆيدۈرۈپ تاشلانغان . ساقلىنىپ قالغىنى رەتلەنمىگەن ئىككى پارچە دىۋاندىن ئىبارەت بولۇپ ، بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21.6 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 14 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ، جەمئىي 220 بەت .يەنە بىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 19 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12.4 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ، جەمئىي 214 بەت . شائىرنىڭ كۆن – خۇرۇم بىلەن مۇقاۋىلانغان بۇ ئىككى دىۋانىنىڭ بىرىدە «كەيدان» ، «رىسالەئى رەپئى سابابە» ، «ھەدىس» ، «ھەدىس مۇننەخىيە» ، «مۇفتا ھۇل ئەدەپ» (ئاندۇقادىر داموللامنىڭ ئەسىرى) ، «قۇتبەئى ئىزھار» قاتارلىق قازان ، تاشكەنت ، لاھۇر مەتبەسىدە بېسىلغان ۋە قوليازما قىلىپ كۆچۈرۈلگەن 148 بەت ئەسەردىن باشقا ، ئاپتۇرنىڭ «ئەجرۇمىيە» (تىل قائىدىسى) ، «قائىدە مەكتۇپ» (ھۆسنىخەت يېزىش قائىدىسى) دىگەن ئىككى پارچە ئەسىرى ، بىر ھېكمەت ، ئالتە پارچە غەزىلى بار . دىۋاننىڭ يەنە بىرىدە زەمەخشەرنىڭ 80 بەت ئەتراپىدىكى «ناۋابىغۇل كەلىم» دىگەن ئەسىرىنىڭ قوليازمىسى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمىسىدىن باشقا ، «قول دەپتىرى» نامىدىكى 134 بەتلىك قوليازمىغا توپلانغان مەشرەپ ، ھۈۋەيدا ، خوجاپىز قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئارىلاش كۆچۈرۈلگەن ئەھمەدىنىڭ 19 غەزىلى ، تۆت مۇخەممىسى بار . شائىر ئەھمەد قازىئاخۇنۇمنىڭ بۇ دىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى توغرىسىدىكى قائىدىلەر ۋە دىۋاننىڭ بەت ئارىسىغا بىرىلگەن قىستۇرما ھالەتتىكى رەڭلىك ھەرخىل گۈل سىزمىلىرىدىن قارىغاندا ، شائىرنىڭ ئۇستا خەتتات ۋە ماھىر رەسسام ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ . شائىر 1941 – يىل 26 – يانۋار كېسەللىك سەۋەبىدىن 34 يېشىدا مەكىتتە ۋاپات بولۇپ ، ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان چېكىلىك مەھەللىسىگە دەپنە قىلىنغان ، ھازىر ئۇنىڭ نامىدا شائىرنىڭ قەبرىگاھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مازارلىق بار . تەرەققىپەرۋەر شائىر ئەھمەد قازىئاخۇنۇمنىڭ بۇ قەبرىسى ناھىيە دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ياردىكارلىق ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن .
ئەھمىدى غەزەللىرىدىن نەمۇنە كېلىڭلار ياخشى ئولانلار ئوقۇماق خۇش سائادەتتۇر . خۇداۋەندا نەسىپ ئەتسە ئىككى ئالەم شاراپەتتۇر . كېچە – كۈندۈز ئەدەپ بىرلە كېلىپ مەكتەپتە ئولتۇرماق ، ئەگەر بىلسەڭ بەخت ئىقبال – سائادەتكە ئالامەتتۇر . گەدەكلىك ۋاقتىدا ھەركىم ئوقۇپ ئىلمى ئەدەپ بىلسە ، قېرىغۇنچە كۆرەر ئۆمرى ھەممە ئەيشى پاراغەتتۇر . ئەگەر ھايۋان كەبى ئويناپ يۈرۈپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە ، ئوتۇنچىدەك جاپا تارتىپ تۈرۈك قالماق پالاكەتتۇر . يېمەك – ئىچمەك ، ياتىپ قوپماق بىلەن ئەسلا ئەدەپ بىلمەس ، نىچۈك ئادەم بولۇر ئانداغ بالا خۇي مىڭ كاساپەتتۇر . ئايا ئوغلۇم ئەگەر ئىلمى مائارىپ ئەسلىنى بىلسەڭ ، ھەمە ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارا پەرقۇتاپاۋەتتۇر . كىشىكىم ئىلمى يولىغا قەدەم بىسمىللاھى دەپ قويسا ، ھارامدۇر ئاتەشى دەۋزەخ ، ئاڭا جەننەت بىشارەتتۇر . ئوقۇشنى پەرز دەپ بىلگەن كىشى خالىس ئوقۇر بولسا ، بۆشۈكتىن تا تۆشۈككە بارغىچە بۇ ئىش ۋاقتى سائەتتۇر . ئوغۇل – قىز ئەھلى ئەۋلادىن كىشى مەكتەپكە تاپشۇرسا ، قىيامەت كۈن بۇ تۆت ئادەمگە دەۋزەختىن بارائەتتۇر ① . ھەدىسى مۇستاپادۇر بۇ جان دىل بىرلە قۇلاق سالغىل ، ئوقۇماق جۈملە مۆمىنلەرگە پەرز ئولغان ئىبادەتتۇر . ھاياتىڭ بارچەسىن ئەھمەد ئىلىم يولىغا سەرپ ئەتسەڭ ، بىھەمدۇللا② ، بىھەمدۇللاكى پەزلى③بى نىھايەتتۇر . ھېكمەت ھەزرىتى سۇلتان مەۋلانا شاھى سۇلتان شەيخ ، ئابدۇلباقا ئەل يەركەندى ، ئەلقادىرىل ئېلۋى ئەل ھۈسەيىن قۇددۇسىللا تائالا سىررە ھۇلقازى ئەھمەدىل مەركىتى . بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ئىشقىڭدا كۆيگەچ مەستانە بولدۇم ، ھىجرىڭ تۇتاشتى ھەيرانە بولدۇم . يادىڭدا يىغلاپ دىۋانە بولدۇم ، دىۋانە قىلغاچ ۋەيرانە بولدۇم . سۇلتان دىلىدە مىرانىم كۆرگەچ ، خۇمى ئەلەستە④ جۇرئەئى تاشقان⑤ . زىندانى بولدۇم قەدرىنى بىلگەچ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم . سۇلتان ئىشقىدىن بولدى بىشارەت ، جامى مۇھەببەت قىلدى رىۋايەت . دىۋانە خىلئەت ئۆزدىن ئىنايەت ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . زاھىد ئەھلى⑥ دىۋانە بولماس ، سۈرەتپەرەسلەر مەردانە بولماس . بەدبەخت تەلئەت پىرزانە بولماس ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . دىۋانە بولماي ساڭا ۋابالدۇر ، ئەسلىڭنى تاپماي بىھەد زىياندۇر . قىلغان ئىبادەت مىسلى زىناندۇر⑦ ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . ئەسلىڭنى بىلسەڭ قايىن كېلىپسەن ، ئۆمرۈڭ گۈلىنى كىمگە بېرىپسەن . نىمە قويۇپسەن ، نىمە ئېلىپسەن ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم . ئەسلىڭنى تاپساڭ نىچۈك لىتاپەت ، پەنج ۋەقت⑧ ئىبادەت مىڭ يىللىق راھەت . مۇندىن ئۆتەلمەس تۈرلۈك ئىبادەت ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . ئەسلى ئىبادەت ئاگاھى ھەقتۇر ، سۇلتان ئىشقىدىن كەلگەن سەبەقتۇر⑨ . ئۇستادى ئېنىڭ رۇسۇلى ھەقدۇر ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم . دىۋانە ھەقنىڭ دىلىدۇر دەرگاھ ، ھەربىر نەپەستە ئەسلىدىنئاگاھ . قايتىپ كىرىشتە تەجەللى ھەمرا ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . ئەسرار ھەقغە ھەمراز⑩ بولماق ، سۇلتان ئىشقىغە دەمساز⑾ بولماق . خىرۇچ دۇخۇلدە⑿ پەرۋاز قىلماق ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم . ئىچمەكتە ھەديوق دىۋانە بولماق ، بىلكۇللى ھاۋادىن⒀ بىگانا بولماق . ئەينىل پەقىنغە⒁ ھەمرايى بولماق ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم . نى چارە باردۇر دىۋانىلققە ، نى دارە باردۇر ھەيرانىلىقغە . كىم دارە بەردى ۋەيرانىلىقغە ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . بويىنى تاشلاپ كۆڭلۈمنى ئالدى ، خۇيى تۇتاشتى بۇ يولغا سالدى . ۋەيرانە دىلنى قولىغا ئالدى ، ئاللاھۇ ئەكبەر ، دىۋانە بولدۇم . تۇبۇئىلەيكى⒂ دەپپەسلىمغە كەلدىم ، مۇندىنمۇ ئۆتتۈم ۋەسلىمغە كەلدىم . ئۆزلۈكتىن كەچتىم ئەسلىمغە كەلدىم ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم . قازى ئەھمەددۇر ئىسمىنى سورىساڭ ، نۇرى شۇھۇددۇر⒃ ئەسلىمنى سورىساڭ . زاھى جىلان⒄ دۇر پىرىمنى سورىساڭ ، ئەلھەمدۇلىللا ، دىۋانە بولدۇم .
ئىزاھلار : ①بارائەت ___ يىراق ، خالىي . ②بىھەمدۇللا __ خۇداغا شۈكۈر . ③پەزلى ___ پەزىلەت ، خىسلەت . ④خۇمى ئەلەس ___ مەي قاچىسى . ⑤جۇرئەئى ___ بىر يۇتۇم . ⑥زاھىد ئەھلى ___ تەقۋادارلار ، تەقۋادار كىشىلەر . ⑦زىنان ___ ئايال كىشى . ⑧پەنج ۋەقت ___ بەش ۋەقت . ⑨سەبەق ___ ساۋاق . ⑩ھەمراز ___ سىرداش . ⑾دەمساز ___ ھەمنەپەس . ⑿خىرۇچ دۇخۇلدە ___ كىرىش – چىقىش . ⒀بىلكۇللى ھاۋا ___ ئاتموسفىرا . ⒁ئەينىل پەقىنغە ___ بىرەر ھادىسىنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئېنىق بىلىش . ⒂تۇبۇئىلەيكى ___ توۋا قىلىش . ⒃نۇرى شۇھۇد ___ خۇدانىڭ بىرلىكىگە شاھادەت ئېيتقان . ⒄زاھى جىلان ___ غەۋسىلئەزەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ . مەنبە : ئادىل مۇھەممەت تۇران يازغان «مەكىت تارىخ مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاپ . (1147~1150 بەت ، 1171~1173 بەتلەر)
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ