مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2210|ئىنكاس: 17

خوشخەۋەر، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى قۇرۇلدى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32721
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5209
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 644 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،

مەنزىل گۇرۇپپىسى تور بېكىتىمىز بىر مەزگىللىك icp  بىجىرىش ئىشلىرىدىن كېيىن رەسمىي تۈردە تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى.  تۆۋەندە مەنزىل گۇرۇپپىسى ھەققىدە ئازراق چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتەي.



مەنزىل گۇرۇپپىسى ھەققىدە:


گۇرۇپپىمىز 2012-يىلى تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرغا كەلگىچە مەنزىل مىكرو-خەت گۇرۇپپىسى، تور تېخنىكا گۇرۇپپىسى ۋە مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى قاتارلىق ئەمگەك مېۋىلىرىنى كەڭ تورداشلارغا تەقدىم ئېتىپ كەلدى. گۇرۇپپىمىز خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەد قىلغان، ئورتاق نىيەتلىك ، ئوتيۈرەك ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.

گۇرۇپپىمىزنىڭ يىراق مەزگىللىك پىلانىدا تورداشلارغا يەنە سەرخىل ، مۇكەممەل بولغان تور مۇھىتى ھازىرلاشنى مەقسەد قىلدۇق. ئاللا خالىسا يېقىن مەزگىلدىلا يەنە ئېسىل نەتىجىلىرىمىز تورداشلار بىلەن يۈز  كۆرۈشكۈسى. گەرچە تورداشلارغا ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇكەممەل تور بىلىم مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەمىسەكمۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قولىمىزدىن كېلىشىچە خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىدە بولالىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆز ئەمگىكىمىزدىن مىننەتدارمىز. بىزنىڭ ئەمگەك مىۋىمىز سىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئازغىنە تەشنالىقىنى قاندۇرالىسىلا، مانا بۇ بىزنىڭ غەلبىمىزدۇر.

گۇرۇپپىمىز يەنە ھەرساھەدىكى قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ھەمكارلىشىش نىيىتى بار گۇرۇپپا ياكى شەخسلەرنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.



مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى :


بىلىمخۇمار خەلقىمىزگە مول ھەم مۇكەممەل بولغان ئېلكىتاب مەنبەسى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە  مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق.  تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ۋە ئۆزىدە بار بولغان ئېلكىتابلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.


بېكەت ئىقتىدارلىرى:

1 . ئېلكىتاب كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش

  بېكىتىمىز ئېلكىتابلىرى بەيدۇ تور بوشلۇقىغا يوللانغان بولۇپ ، چۈشۈرۈش سۈرئېتى تېز ۋە قولايلىق

2 . ئېلكىتابلارنى باھالاش

تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى باھالىيالايدۇ.

3 . تور بەتكە ئەزا بولۇش

4 . ئەزالار كىتاب يوللاش

ئەزا بولغان تورداشلار ئۆزىدە بار بولغان ماتىريالنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.

5 . ئەزالار كىتاب ساقلاش

ئەزالار ياقتۇرغان كىتابلارنى ساقلىۋالالايدۇ. كېيىن بىۋاستە ساقلانما كىتابلار ئىچىدىن تاپالايسىز.


ئېلكىتاب گۇرۇپپىمىز ھەرقايسى مۇنبەرلەر بىلەن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىدۇ. گۇرۇپپىمىز مۇنبەرلەر ئۈچۈن ئايلىق ژورنال ياساپ بېرىمىز ۋە تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىمىز.(ۋاقتىنچە 4 مۇنبەر بىلەن چەكلىنىدۇ).



مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى تور بەت ئادرىسى: http://book.menzil.biz


مەنزىل گۇرۇپپىسى باش بەت ئادرىسى: http://www.menzil.biz



كامالىي ئېھتىرام بىلەن : مەنزىل گۇرۇپپىسى





مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2638
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1703 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:54:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ ئەسەرلىرىمنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، بىي ياردەم قىلىدىغانلار بولسا بەك ياخشى بولاتتى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7809
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2131 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 01:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 12:54 PM
مېنىڭمۇ ئەسەرلىرىمنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويۇش  ...

مەن ياردەم قىلاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32721
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5209
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 644 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 02:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 12:54 PM
مېنىڭمۇ ئەسەرلىرىمنى بىر ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويۇش  ...

بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.  846333585

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1987
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2778 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 03:42:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى چوڭ بوشلۇقنىڭ مۇشۇنداق تولۇقلىنىپ كىتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
  ياشلىرىمىزنىڭ قولىدىن تىلفۇن چۈشمەيدۇ ، ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك ئەقلىفون شۇڭا ،ۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىمگە ئىرىشتۇرۈشمۇ ياخشى ئىش .
  

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 04:07:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن،تولىمۇ ياخشى ئىش قىپسىلەر. مەن دەل مۇشۇنداق بىر توربەتتىن بولۇشىنى خالايتتىم. رەھمەت سىلەرگە. توربەت ھەقىقەتەن ياخشى لاھىيىلىنىپتۇ،كۆپ تەشەككۈر.
تەكلىپىم،كىتاب ئامبىرىڭلار مەشھۇر ئەسەرلىرىمىزنى،داڭلىق يازغۇچىلرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپرەك كىرگۈزسەڭلار(چەتئەلنىڭمۇ ھەم شۇنداق). ئىغىر كۆرمەي ئويلىشىپ قويارسىلەر،بەلكىم بۇ پەقەت مېنىڭلا تەكلىپىم بولماسلىقى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26248
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7803 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 05:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بارلىق تەرجىمىلىرىنى ئېلكىتاب قىلىپ چىقىمەن، نەچچە يۈز پارچە بولامدىكىن...ھەممىسىنى ئوكيان تورىدىن چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9856
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 05:27:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 01:56 PM
مەن ياردەم قىلاي .

مېنىڭمۇ تارىم  تەڭرىتاغ  قاتارلىق ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان  يۈز  پارچىدىن  ئارتۇق شېئىرلىرىم  بارئىدى  شۇنىڭ ئەللىك  پارچىسىنى  تاللاپ  ئىلكىتاپ تۈزۈپ  قويغۇم  بار  ئىدى  ياردەم  قىلالارسىزمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 06:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر......

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7809
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2131 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 07:19:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 05:27 PM
مېنىڭمۇ تارىم  تەڭرىتاغ  قاتارلىق ژورناللاردا ئىلان ق ...

ئەمىليەتتە بۇ ياردەم قىلغىدەك ئىشمۇ ئەمەس . ئۆزىڭىز ۋوردتا ئۇرۇپ ئاندىن pfd قىلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش