1#
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللىغان ۋاقىت: 2008-8-31 21:05
مۇشۇ ئەزانىڭ يازمىسىنىلا كۆرۈش
ناخشا يوللاش تۈزىمى
يېقىندا دوسلارنىڭ قىزغىنلىغى خىلىلا كۆتۈرەڭگۈ~~~~مۇنبەردىن خىلى بىلىملەرگە ئېرىشىپتۇ ،بۇنۇڭدىن بەكمۇ خوش بولدۇم،ئاساسلىق مەخسەتكە كەلسەك ،ناخشا يوللاش توغۇرلۇق بىر نەچچە تۈزۈم بىكىتىشنى لايىق كۆردۈم ،بۇنداق قىلىش ھەر-بىر ئەزا ئۈچۈن پايدىلىق .دوسلارنىڭ يىقىندىن قوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
1-يوللىغان ناخشا چوقۇم ئۆزىمىز ئېيتقان ياكى ئۆزىمىز ئىشلىگەن يا بولمىسا ئۆزىمىز ئاۋازغا ئالغان ناخشا -مۇزىكا بولىشى كېرەك؛
2-يوللىغان ناخشا -مۇزىكىنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى ،قانداق يۇمشاق دىتال بىلەن ئاۋازغا ئالغانلىغىنى،قانداق باسقۇچلار بىلەن شۇغۇللانغانلىغىنى ،ئۈنۈمگە قانداق ئۈنۈملىگۈچ ئىشلەتكەنلىگىنى ئېنىق يېزىپ ئۆز-ئارا پىكىرلىشىشكە،ۋە تەكلىپ بېرىشكە قۇلايلىق يارىتىشى كېرەك(مۇشۇنداق قىلغاندا تەپسىلى پىكىر بېرىشىپ ،ئۆز -ئارا ئۈگۈنۈش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ)؛
3-ئىشلىگەن مۇزىكىنىڭ قانداق يۇمشاق دىتال بىلەن ئىشلەنگەنلىگىنى، قانداق VST ياكى VSTi لارنى ئىشلەتكەنلىگىنى ،1-قەدەم،2-قەدەم،3-قەدەم....مۇشۇ تەرتىپ بىلەن چۈشەندۈرۈشى،ھەر بىر يوللاردا قايسى خىل ئۈنۈملىگۈچ ئىشلىتىلگەنلىگىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈشى كېرەك(مۇشۇنداق قىلغاندا تەپسىلى پىكىر بېرىشىپ ،ئۆز -ئارا ئۈگۈنۈش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ)؛
4-ئەگەر ئىشلەش جەريانىنى دوسلارغا دىيىشنى خالىمىسىڭىز ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى،ماكان مۇزىكا مۇنبىرى دوسلارنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىكتە ئۈگىنىدىغان ،ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدىغان سورىنى ،بىلگەنلىرىمىزنى ئايىمايلى،بىلمىگەنلىرىمىزنى بىرلىكتە ئىزدىنىپ ئۈگۈنىلى.
5-بۇنىڭدىن كىيىن بارىلىق ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتاش تەكىتلىنىدۇ،ئەگەر ئۇيغۇرچىسىنى بىمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىچە ئۇيغۇرچە ئاتاپ يېنىغا خەنزۇچىسىنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.،شۇ ئارقىلىق بەزى ئۇيغۇر تىلىدا بىرلىككە كەلمىگەن ئاتالغۇللارنى تەدىرىجى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇدا بىرلىككە كىلىمىز...........................
دوسلارنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،بۇ تۈزۈمگەچۈشمىگەن ناخشا مۇزىكىلار بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ.
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
2008-يىل 8- ئاينىڭ 31-كۈنى