تىزىملىككە قايتىش ئىنكاس تېما يوللاش

كەسىپ ئەھلىلىرى-- MASTER

بۇ تېمىنى ئاخىرىسا  LOVEMUSIC ۋاقتى 2009-7-2 14:49  

ئۆلچەملىك بىر مۇزىكىنى پۈتتۈرۈشتە ماستىرلاش ئىنتايىن مۇھىم .

تۆۋەندە دۇنيادىكى داڭلىق ماستىر ئۇستىللىرىنىڭ WAVES تەڭشىكىنى دوسلىرىمىزغا سۇندۇم .پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى دەپ ئويلايمەن .




پىرىستىن يىشىلىپ چىقىدىغىنى  XPS ھۆججەت ~ ئالدىدا WAVES نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۈنۈملىگۈچىسىنىڭ ئىسمى بار .

XPS ھۆججىتىنى كۆپ دوسلىرىمىز ئۇقۇشى مۇمكىن ،ئۇقالمىغانلار بۇنى چۈشۈرۈپ يەشكەندىن كىيىنكى رەسىملىك چۈشەندۈرىشىنى كۆرسە بولىدۇ .




                                  ---چۈشۈرۈش---
تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالما ............
رەخمەت سىزگە
رەخمەت سىزگەLOVEMUSIC
دەششەت نەرسىدىن بىرنى يوللاپسەن،،،~~~~~~~~~`رەھمەت،بۇ چوقۇم ئىسىل ماتىرىيال

بۇ تېمىنى ئاخىرىسا  @@OTYVRAK@@ ۋاقتى 2009-7-2 15:34  

تولىمۇ ياخشى پايدىلىق  ئۇچۇرلارنى يوللاۋاتىسىز!!!
كۈپ رەخمەت
لىكىن چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپ  چۈشۈنەلمىدىم  بولسا چۈشەنچە بەرگەن  بولسىڭىز؟؟؟
ئوت مۇزىكا
رەخمەت سىزگەLOVEMUSIC ،،بەك خوش بولدۇم،
رەخمەت جۇما!
ئانچە-مۇنچە ئىلان چىكىپ قۇيايلى!
قىسمەن دوسلىرىمىز بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەلمەپتۇ ~

1. مەن ئارىسىدىكى بىر پىرىسلانغان خالتىنى يەشتىم .



2.ئىچىدىكى قىزىل رامكا ئىسىملارغا دىققەت قىلڭلار ،ھەممىسى WAVES نىڭ ئىچىدە بار ئۈنۈملىگۈچلەر .



3.NUENDO نى قوزغۇتۇپ WAVES نىڭ C4 ئۈنۈملىگۈچىسىنى ئاچىلى ، بۇ ماۋۇ ھالەتتە .





4.بۇيەردىكى بىرىنچى تاللاشنى چىكىمىز ،بۇ رەسىمدە ئاق چىقىپ قالدى ،ئەمىلىيەتتە نورمال چىكىلىدىغان تاللاش .



5. چەكسەك دەل بىز دەۋاتقان شەكىلدىكى ھۆججەتنى سورايدۇ ،بىز ساقلىغان يەرنى كۆرسىتىپ قويىمىز .
بۇ ۋاقىتتا ئەسلى تەڭشەك پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ بىز ئەكىرگەن ھۆججەتتىكى تەڭشەكنى ئوقۇيدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ تەڭشەك بار .
ھەممىسى شۇ كەسىپ ئىڭىللىرىنىڭ تەڭشىگەن تەڭشەكلىرى ،بۇنىڭ ھەممە خىل مۇزىكا مۇشۇنداق تەڭشىلىدۇ دىگەنلىك ئەمەس .
لىكىن ئۇلارنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان ئىشى بىزنىڭ تەتقىق قىلىپ بېقىشىمىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ .





6. بىز ياكى ئۇلارنىڭكىدىن پايدىلىنايلى ياكى باشقىدىن ئۆزىمىز تەڭشىگەن بولايلى ئۆزىمىز كۆڭلىمىزگە ياققان ۋاقتىدا ئۇنى ساقلاپ قويساق بولىدۇ ،ئىككىنچى قېتىمدا ئۇنى دىيىلىۋاتقان ئۇسۇل بويىچە ئوقۇتقاندا ناھايىتى تېزلا بىز ئىرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز .ئاۋاز ئېلىش نى مىسال قىلساق دائىم بىر خىل مۇھىتتا ئاۋاز  ئالدىغانلارنىڭ بۇنداق ئۇسۇللاردىن پايدىلانسا كۆپ ۋاقتى تېجىلىپ قالىدۇ ، پىلاستىنكىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار نىڭ ھەممە ناخشىسى ،مۇزىكىللىرىنىڭ ئومۇمى ھالىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھالەتتە چىقىشىغىمۇ كۆپ پايدىسى بولىدۇ ،قالغىنىنى يەنە ماڭغاچ دىيىشىلى ~ساقلاش ئۇسۇلى :



باشقا ماركىدىكى ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساقلاغلىق ئۈنۈملەرنى ئوقۇش ، ئۆزىمىز ياساپ ياقتۇرغاننى ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپىنچە شەكلى FXP ھالەتتە بولىدۇ ، لىكىن ئىشلەش قانۇنى يەنىلا بىرخىل.
1

باھا سانى

  • makan

تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالما ............
LOVEMUSICئەپەندى بەك ياخشى نەرسلەرنى يوللاۋاتىسىز . رەھمەت سىزگە
ئەجرىڭىز يەردە قالمىسۇن....
-
تىزىملىككە قايتىش