يېڭى تېما
بېسىپ چىقىرىش

ئىجادىيەت<< خوش ئېيتماي كەتمە >>

بۇ تېما Sama تەرىپىدىن 2010-9-9 00:37 دە تەستىقلانغان

ئىجادىيەت<< خوش ئېيتماي كەتمە >>

مۇنبەر قايتا ئېچىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يوللىغان تىمام ئىكەن .

مۇنبەرنىڭ بارغانسىرى گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن ،شۇنداقلا يىقىندىن كۈچ چىقىرىمەن .

تۇنجى تىمامدىكى بۇ ئىجادىيەت ناخشام بىلەن بارلىق مۇنبەرداشلارغا سالام يوللايمەن ھەم كىلىش ئالدىدا تۇرغان روزى ھېيتىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن .

مۇزىكا ئىشلىگۈچى ،ئاكورتلاشتۇرغۇچى،ئۈنگە  ئالغۇچى : LOVE MUSIC (نەجىىپ نىياز ).     تېكىستى :مۇھەممەتجان راشىدىن .

مۇزىكا ئىشلەش ، ئۈنگە ئېلىش يۇمشاق دىتالى :   NUENDO 3.2   ,قىستۇرما يۇمشاق دىتاللار :ADD , STYLUS RMX ,TIRLOGY ,HYPERSONIC   قاتارلىقلار .

كەمچىلىك ھىس قىلغان تەرەپلەر بولسا دوسلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۇستازلارنىڭ ئىرىنمەي تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .   



چۈشۈرۈش



.......

TOP

ياخشى چىقپتۇ
  ناخشلرڭىزنى ھەرۋاقىت ئاڭلاپ تۇرۋاتىمەن
  بەزەن چاغلاردا قىزلارغا تىلفۇن ئۇرسام ناخشڭىز ئاڭلنىپ قالدۇ

TOP

ياخشى چىقىپتۇ داۋاملىق يولاپ تۇرۇڭ ھوزۇرلىنىلى

TOP

ئۇزۇن بوپتىكەن سىزنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىڭىزنى ئاڭلىمىغىلى..
گەرچە مەن مۇزىكا ئىشلەشنى بىلمىسەممۇ ئىشلىگەن مۇزىكىڭىزغا قارتا ئۆزكۆزقارشىمنى ئىيتىپ باقاي..
مازاق قىلماڭلار..ھە..
1-مۇزىكىنىڭ باشلىنىش قىسمىدىكى رويال ئاۋازىنىڭ ئورنىغا توك گىتتاردا سولو چىلىپ سىناپ بىقىڭ
2-قاپاق گىتتاردا مۇزىكىنىڭ بەزى يەرلىرىگە لىرىك سولو چىلىپ سىناپ بىقىڭ
3- ئوقۇغان ناخشىڭىزنىڭ مۇۋاپىق يەرلىرىگە يانداش ئاۋاز بىرىپ سىناپ بىقىڭ..
قالغان يەرلىرىگە تورداشلارباھابىرىپ باقسۇن..



[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى serlik ، ۋاقتى: 2010-9-9 02:51  ]

TOP

ھە ..راس..
سىزنىڭ چىقارغان پىلاستىنكىلىرىڭىزنى قاچان ئاڭلايمىز..

TOP

ياخشى چىقىپتۇ. بۇرۇنقى مۇزىكىلىرىڭىزغا سېلىشتۇرغاندا زور ئىلگىرلەش بار جۇمۇ. يەنە بىرسىگە ئاۋازىڭىز دەھشەت جۇمۇ، كۆز تەگمىسۇن.

TOP

ئوخخو  ئاداش ،  سېنىڭ  ئاۋازىڭنىمۇ  ئاڭلايدىكەنمىز  ،  ناخشاڭ  پەيزى چىقىپتۇ ، لىكىن ئاۋاز  ئازراق  جانسىز  ئاڭلىنىۋاتىدۇ ،   سىرلىق  دىگەن  دوستىمىز  ئېيتقاندەك  ئاكورت ئاۋاز  بېرىپ  باققىن ،  مېنىڭچە  تېخىمۇ  پېچەت  چىقىدۇ .

TOP

نەجىپنىڭ ئاۋازىغا مەنمۇ ھەقىقەتەن ئامراق،بۇ بالا بەك كەمتەر  ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ،پۇرسەت يىتىلدى دىسەڭ،مەن ياردەم قىلىمەن
قالغان تەكلىپ-پىكىرنى ھىلىراق يازىمەن

TOP

ھەممىڭلار مۇزىكات بوپ كىتىپسىلەر،مەنمۇ سىلەرگە يىتىشۋالىسام بولمىدى!

TOP

تەلەپلەرمۇ ياخشىكەن ،مەن داۋاملىق تىرىشىمەن ،سىلەر ياقتۇرغان بولساڭلار ماڭا شۇ بېرىلگەن ئەڭ چوڭ ئېلھام !

مەن دوسلىرىمىز ئېيتقاندەك شۇ تەرەپلەردىن كۆپرەك ئىزدىنەي .
.......

TOP

بەك كەمتەركەنسىزجۇمۇ...
مەنمۇ سىزنىڭ ئىيىتقان ناخشىلىرىڭىزنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن..
ئاۋازىڭىز ئىنتايىن يىقىملىق ..

TOP

ھەراس ..دوستلار..
بۇمۇنبەركەسپى مۇنبەربولغاندىن كىيىن ئەزالاربىرەر ئىشلىگەن ناخشا - مۇزىكىلىرىنى يوللىغاندا باشقىلىرىمىز يالغۇز ئىشلىگەن ناخشىلىرىنى ماختاشلا ئەمەس ئەستايىدىل ھالدا شۇئىشلىگەن ناخشا-مۇزىكىدىن كۆپرەك قۇسۇرتىپىشقا تىرىشايلى..
بۇنداق بولغاندا مۇزىكا ئىشلەيدىغانلارغا نىسپەتەن ئەڭ چوڭ ياردەم بولىدۇ..
مۇزىكانىت دوسلارنى بەك ماختىۋەتسەك كۆزتىگىپ ماختىغانغا ئۇچۇپ كىتىپ يوقاپ كەتمىسۇن ..يەنە..
قانداق دىدىم دوستلار...؟

TOP

ياخشى چىقىپتۇ. ماڭىمۇ يارىدى.ئاۋازىڭىز ياخشىكەن.

TOP

ناخشىڭىزدىن ئىلھام ئىلىپ،  ھازىرلام بىر ناخشا ئىجات قىلىۋىتىدىغاندەك ھسياتقا كىلىپ قالدىم جۇمۇ

TOP

يېڭى تېما