بۇ بىكەتنى بەكمۇ سىغىنىپ كەتكەن ئىدىم ، ئۇھ بىر يىل ئاران تۇشتى ھە . شۇ باھانىدا بىر قانچە تىما يۇللاپ باقاي .
1)
windows 7 مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرگە ئەڭ مۇۋاپپىق سىتىما بولۇپ ، ئىغىر بىسىق ، ھەر خىل مىدىيا ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى سۈپەتلىك ئۇقۇيدۇ .
ئەگەر بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپ قالسا ، مۇزىكانت دۇستلار windows xp لارنى ياراتماي تاشلاپ قۇيۇشى مۇمكىن .
ئىشلىتىپ باقامدۇق ؟
2) مەن قايسى كۈنى مەشغۇلات قىلۋىتىپ ، يادىمدا يۇق ctrl +alt + پەسكە قارايدىغان يۈلىنىش كونۇپكىسىنى بىرنى باسسام ئوپتىك دىسكا ئۇقۇغۇچ )光驱(نىڭ ئاغزى ئىچىلدى ، بىرلەشمە كونۇپكىلارنى يەنە بىرنى باسسام يىپىلدى . قارىغاندا قۇلىمىزدا بىسىپ ئىچىپ يۈرمىسەكمۇ بولغىدەك
3) windows media player 10 دا مۇزىكا قۇيۋاتقاندا بەزىدە چۇڭ بەزىدە كىچىك بولۋىلىشى مۇمكىن ، بۇ چاغدا بىرلەشمە كونۇپكىلاردىن ctrl + 1 , ctrl + 2 نى باسساق ، ئىككى خىل پاسونغا ئۆزگىرەيدۇ . سىناپ باقامسىز
3) قايسى كۈنى مەن شىركەتنىڭ Excel دا قىلغان سانلىق مەلۇماتىنى رەسىمى بىلەن چۇڭ رەڭلىك باسما قىلىپ ( 喷绘 ) قىلىپ كىلىڭ دەيدۇ ، قانداق قىلىش كىرەك ، phtoshop تا قايتا ئىشلەش كىرەكمۇ ،

بۇنداق جىق سان-سىغىرلارنى قانداق پۇتۇشۇپتا قىلىپ تۈگەتكىلى بولسۇن ؟
<< ۋاھ ، سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ >> دىگەندەك ، بۇنىڭغىمۇ ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئامال تاپتىم ، ئاۋال ئايلاندۇرماقچى بولغان رەسىم ۋە جەدىۋەللەرنى بۇياپ تاللاپ ، Sfit كونۇپكىسىنى بىسىپ قۇيۋەتمەي تۇرۇپ ، تىزىملىك ستونىدىن 编辑 تاللاپ ، چىققان تارتما تىزىملىكىتىن 复制图片 تاللاپ ، پۇتۇشۇپكا ئەكىرسەك بولىدۇ . ( excel 2000 دە سىنالغان )
يۇللايدىغان ئۇششاق تىمىلار بەك جىق ئىدى ، ئۇيلاپ باقسام بۇ مۇزىكا مۇنبىرى بولغاندىكىن ، ئۇنداق تىمىلار لازىم بولماس دەپ ئۇيلاپ قالدىم .
كۆڭۈل قۇيۇپ كۆرۈپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت .
ئاخىردا ، نىئىندۇدا مۇزىكىسى ئىشلەپ ، ناخىشىسى ئۈنگە ئىلىنغان ، ئۈچ ياشلىق بالامىنىڭ << ئاپئاق تۇشقانلار >> دىگەن ناخشىسىنى سوۋغا قىلىمەن .
مۇزىكىسىغا كەتكەن دىتاللار : خالىيۇن ، رىيال گىتتار ، باس شاھى ، خەيپىر سونىك ، سوزۇلما ئاۋازلىق چالغۇلار ، لۇپلار .
ئاۋازنى ياساشقا wave نىڭ ئاۋاز كۈچەيتىش ئۈنۈمى ئىشلىتىلدى .
ئۇستازلارنىڭ تەنقىد پىكىر بىرىشىنى سورايمەن .
ئەكرەمجان تۇرسۇن
http://moz0996.qupan.com/6605160.html