ئۈزۈمنىڭ گىتتارغاھىرىسمەنلىگىمدىن ئانچە-مۇنچە گىتتارچىلىپ قوياتتىم،لىكىن گىتتارچىلىش سەۋىيەم خىلىلاتۆۋەن..خەنزۇچەۋەبىرقىسىم فىلامىنگو توربىكەتلەردىن گىتتارچىلىشنى ئۈگۈتۈشكە ئائىت خىلى دەرىسلىكلەرنى كۆرگەن ئىدىم..لىكىن مەن شۇنى ئويلىنىپ قالدىم..
بىزنىڭ ئۇيغۇرتوربىكەتلىرىدە گىتتارچىلىشقا ئائىت بىرمۇ دەرىسلىك يوقكەن،بولۇپمۇفىلامىنگو ئۇسلۇبىدا گىتتارچىلىشنى ئۈگۈتىدىغان ئۇيغۇرچە دەرىسلىكلەر يوقكەن
مۇنبەردە ھەقىچان فىلامىنگو ئۇسلۇبىدا گىتتارچالىدىغان تورداشلارخىلى كۆپقۇ دەيمەن..
ئۆتكەندە مۇزىكانىتلارچايخانىسىدا 1-2 دوستىمىزنىڭ فىلامىنگو ئۇسلۇبىدا چىلىپ ئىيىتقان ناخشىلىرى مىنى بەكمۇ جەلىىپ قىلىۋالدى..مەن شۇلارنىڭ ئۇسلۇبىدا چىلىشنى ئۈگۈنىمەن دەپ شۇنچە مەشىق قىلدىم..پاسنى ئاساسەن توغرائىگەللىيەلىدىم،لىكىن پاسقا تەڭكەش قىلىنغان دۇمباق ئاۋازىنى پەقەتلا چىقىرالمىدىم..دۇمباقنى ئايرىم بىرسى ئۇرۇپ بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ شۇ باللادىن سورىسام دۇمباق ئاۋازىنىمۇ بىرئادام گىتتارنى ئۆزى چىلىپ دۇمباق ئاۋازىنىمۇ گىتتاردىن چىقارغانلىقىنى ئىيىتتى..
باشقىلارئىچىدىمۇ شۇلارنىڭ نەخ مەيدان شۇنداق چالغىنىنى كۆرگەن بالىلاربارئىكەن...
ئۇلارمۇ بۇنداق چىلىشنى توردىن فىلامىنگوئۇسلۇبىدىكى گىتتارچىلىش دەرىسلىگىدىن ئۈگەنگەن ئىكەن..
لىكىن مەن ئۇدەرىسلىكنى توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم..
ئۇ 2 دوستىمىزنى مۇنبەردىكى خىلى باللا تونۇيسىلەرھەقىچان..
ئەمدى ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك..قاپاق گىتتارچالىدىغان دوستلاربىلەن مۇنبەردە گىتتارچىلىش ئۇسلۇبىمىزۋەتىخنىكىمىز توغرىسىدا پىكىرئالماشتۇرساق دىمەكچىمەن..بولسا مۇنبەردىكى قاپاق گىتتارئۇستىلىرىمىز مۇشۇتوغرىسىدا ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك دەرىسلىك قىلىپ ئىشلەپ يوللاپ قويساڭلار..
يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە كۆپ پايدىسى بوپ قالاتتى..
بەلكىم مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە سۈرەتلىك دەرىسلىكلەرنىڭ باھانىسىدا مۇنبەردە ئەركىن ئابدۇللادەك گىتتارچولپانلىرىدىن نەچچە10 نى يىتىشىپ چىقامدۇ - تىخى
قىنى تورداشلارسىلەرمۇ مۇشۇ تىما ئۈستىدە ئۆزكۆزقارشىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار؟