كەچۈرۈڭلار! مەن بۇمۇنبەردە باشقۇرغۇچى بولمىساممۇ بۇيرۇق شەكىلدە بۇتىمىنى يازدىم ،باشقۇرغۇچىلار ئەپۇ قىلىۋىتەرسىلەر..ھە!!!
ئالدى بىلەن مۇنبەرنىڭ قايتا ئىچىلغانلىقىنى ھازىرچە قۇرۇق گەپ بىلەن بولسىمۇ تەبرىكلەپ تۇراي!
ئەمدى بۇتىمىنى يوللىشىمدىكى مەخسەتكەكەلسەك:
ماڭا بۇمۇنبەرگە ئەزابولغىلى بىر يىلدىن ئىشىپتۇ..لىكىن مۇنبەردىكى كۆپىنچە دوسلارھەقىچان مىنىڭ تونۇمايسىلەر..كىرەك يوق،مۇنبەرئاخىرى ئىچىلدى،ئەمدى ئاستا-ئاستا تونۇشىۋالىمىز
مەن مۇشۇ مۇنبەرنى ئۆتكەن يىلى 4-ئايلاردا زىيارەت قىلىغاندا مۇنبەردىكى مۇزىكانىت باللا ئىشلىگەن ناخشا - مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ئۈزۈمچە بۇمۇنبەرگە بەكلا قىزىقىپ قالدىم..
چۈنكى بۇمۇنبەردە مۇزىكا جەھەتتە تالانتى بارباللا بولۇپلا قالماستىن ماڭا ئەڭ تەسىرقىلغان بىريىرى مۇنبەردىكى تورداشلار توردا مۇزىكا بىلىملىرى جەھەتتە ئۆزىنىڭ بىلگەن بىلىملىرىنى تورداشلاردىن ئايىماي بىر-بىرىگە ياردەم قىلىپ كەلگەن يىرى بولدى..
مەن تونۇشىدىغان مۇزىكانىت دوستلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتە بىر-بىرىنىڭ ئىشلىگەن ناخشا-مۇزىكىلىرىنى بەك يارىتىپ كەتمەيتى ھەم بىر-بىرىدىن قىزغىناتتى..
لىكىن بۇمۇنبەردە بولسا كۆپلىگەن تورداشلارھەمنەپەس بولۇپ بىلمىگەن يەرلەرنى ئۈگۈتۈپ ،بايقالغان يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بىربىرىڭلاربىلەن شۇنداق ياخشى ھەمكارلىشىپ ئۆتتۈڭلار..
مەن بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم..

چۈنكى بۇمۇنبەردە بىلىم ئۈگۈنۈش ھەقسىز
مەن ئۈزۈم بىرمۇزىكا ھەۋەسكارى خالاس..ناخشا - مۇزىكىغا شۇنداق ئىشتىياقىم بولغاچقا توردا يىڭىلىق ناخشىلارنى ئىزدەپ ئاڭلايمەن..ئۆتكەن يىل تورنۇرمال چاغدا تورداشلارئىشلىگەن ناخشا مۇزىكىلار ماڭا چۇڭقۇرتەسىرقىلغان ئىدى..بولسا شۇنداق ئىجادى ناخشاڭلاربولسا داۋاملىق يوللىساڭلاربىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بايقىغان يىرىگىچە يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەرسەك ..ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلىسەك دىمەكچىمەن..
بولسا ئۆتكەن يىل مۇنبەرگە ناخشا يوللىغان تورداشلار يوللىغان تىماڭلاردىكى ناخشىلارنى قايتىدىن تەھرىرلەپ قويساڭلار..چۈنكى بىريىلغايىقىن ۋاقىت تورتاقالدى ئەمەسمۇ..ناخشا ئادرىسى ھازىرئۇلانمايدىكەن..
ھازىرچە گەپنى مۇشۇ يەرگىچە قىلىپ تۇراي ، قالدى گەپنى ئىنكاس شەكىلدە يازارمەن..