ئەسسالام دوسلار!
ھەممەيلەن كۈتكەن بۇ كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى،نۇرغۇن جەريانلارنى بىسىش ئارقىلىق..........مۇنبىرىمىز ئەسلىگە كەلدى.
مۇنبەرنى ئېچىش ئۈچۈن چەككەن جاپالارنى تەكىتلەپ ئولتۇرماي........
1-ئالدى بىلەن مۇنبەر مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم قىلغان مەدىكار،ئاقىل قاتارلىق دوسلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
2-دوسلارنىڭ بۇرۇنقىدەك مۇنبەر تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
(
http://www.makanmusic.com/bbs/viewthread.php?tid=187)
شۇنداقلا دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
3-تېما تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى ،مۇزىكا بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
4-نۇرغۇن تېمىلاردىكى رەسىملەر يوق بولدى،بۇنى باشقۇرغۇچىلار بىرلىكتە ھەل قىلىمىز.
5-بۇرۇنقىدەك ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىش تەكىتلىنىدۇ،شۇنداقلا ئاتالغۇلار بىردەك ئۇيغۇرچە ئاتىلىدۇ(بىلمىسىڭىز خەنزۇچىسىنى يېزىپ يىنىغا ئۇيغۇرچىسىنى چۈشەنچىڭىز بويىچە ئاتىسىڭىز بولىدۇ،شۇ ئارقىلىق بەزى ئاتالغۇلاردا بىرلىككە كىلىمىز).
دوسلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا تېما يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز،ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تور بىكىتى!
ئۆيگە قايتقىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
2010 -يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى