يېڭى تېما
بېسىپ چىقىرىش

بۇ تېكىستكە كىم ئاھاڭ ئىشلەپ باقىدۇ؟

بۇ تېكىستكە كىم ئاھاڭ ئىشلەپ باقىدۇ؟

تۆۋەندىكى غەزەلگە ئاھاڭ ئىشلەپ باقىدىغانلار بارمىدۇ؟ ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كىلەتتى.

                            كېلۇر
                           كۇرشات


ئىچكىن ھىكمەت جامىدىن دەپ روھىي پەرمانىم كىلۇر،

ھالىتىمنى ئويلىسام گەر دىلدا  ئەفغانىم  كىلۇر.



ئەيىپ ئەتمەڭ دەرت تۆكۈپلا  ئۆتىدۇ ھەر كۈندە دەپ،

دەرت - پىغانغا سوڭدىشىپ ھەم ئارزۇ-ئارمانىم كىلۇر.



ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چىكىپ تۈگەشتى بۇ دەپ ئويلىماڭ،

ئىشق  ئوتىدا  تاۋلىنىپ  ۋۇجۇتقا  دەرمانىم  كىلۇر.



شاخلىرىمنى باسسا قار،  بار يىلتىزىم  يەر  تەكتىدە،

قايتا ھايات بەخش ئىتىپ كۆكلەمدە باھارىم كىلۇر.



بۇلبۇلۇم سايراپ كىتەر باغلار ئارا خەندان ئۇرۇپ،

تارىتىپ خۇشبۇي ھىدىنى گۈلى رەيھانىم كىلۇر.



شۇڭا مەن ھىجران چۆلىدە ئۈزمىدىم ياردىن ئۈمىد،

بىر  كۈنى تۈگەپ جۇدالىق، ۋەسلى دەۋرانىم  كىلۇر.



شۇ ۋىسال پەيتىدە كۇرشات كۈتكىنىڭ ھاسىل بولۇپ،

شادلىقىڭغا جۆر  بولۇشقا  يارۇ  جانانىڭ  كىلۇر.

TOP

ئەسسالام كۇرشاتجان~~~~ئايەم مۇبارەك~~~~~~~~
ئىسىل ئەسىرىڭىزگە ھەشقاللا~

TOP

مەن ئىشلەي ، رەھمەت سىزگە

TOP

مەن  ئشلەيمەن

TOP

TOP

ئۇنتۇپ قالماي ئىشلىگەننى يوللىۋىتەرسىلە جۇما....

TOP

يېڭى تېما