[3] ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ سۆرىتى(تىزلىگى)،ئەپچىللىك بىلەن سۈرئەت ئۆزگەرتىش ۋە ئۈنۈم تەقسىملەش (ئۈنۈم قوشۇش)
13-مەشغۇلات: ئىكىرگەن ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئاۋاز مىقدارى ماس كەلمىگەن قىسىمنى ئۆلچەملەشتۈرۈش
1-ئاۋاز مىقدارىنى ئۆلچەملەشتۈرمەكچى بولغان ئاۋاز چاسوتىسى بۆلىگىنى تاللىۋالىمىز،تىزىملىكتىن Audio-Process-Normalize نى باسىمىز.

2-ئۆلچەملەشتۈرمەكچى بولغان ئىلىكتىر تەكشىلىگىنىڭ(电平) چوڭ كىچىكلىگىنى تاللايمىز،ئەسلىدىكىسى 0dBبولىدۇ،[Process] نى باسقاندىن كىيىن ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگىنىڭ ئاۋاز مىقدارى ئۆلچەملىشىدۇ.

14-مەشغۇلات:سۆرەت ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ناخشا -مۇزىكىلارنىڭ سۆرىتىنى سۆرىتىنى ئۆلچەش
1-تىزىملىكتىن Project-Beat Calculator نى ئىجىرا قىلىمىز،بۇ چاغدا سۆرەت ئۆلچەش كۆزنىكى چىقىدۇ.

2-ئالدى بىلەن ئاۋاز چاستوتىسىنى قويىمىز(چوقۇم قويۇش كونۇپكىسىنى بىسىپ قويۇڭ)،ئاندىن Beat Calculator نى بىسىپ [Tap Tempo] كونۇپكىسىنى تاللايمىز،بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىكى كاتەكچە كونۇپكىسىنى(كونۇپكا تاختىنىڭ ئاڭ ئاستىدىكى ئۇزۇن كونۇپكا )ئۇرۇپ ماڭىمىز(مائۇس بىلەن چىكىپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ).شۇنۇڭدىن ئوتتۇرىچە قىممىتىگە ئېرىشىمىز،چىكىش قىتىم سانىمىز قانچە كۆپ بولسا توغۇرلۇق دەرىجىسى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.

15-مەشغۇلات:ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىدا كۈچەيتكۈچنى (推子،بۇ ئۇقۇمنى ئۆتكەنكى تېمىدا دەپ ئۆتكەن:http://www.makanmusic.com/bbs/viewthread.php?tid=156) گورىپىغا ئايرىش
1-مەسىلەن يېڭى بىر تۈرنىڭ ئىچىدە 4 ئاۋاز چاستوتىسى يولى بار دەپ پەرەز قىلساق ،مەلۇم بىر نوقتىنى تاللاپ،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاىتىسىدىكى Ctrl نى بىسىپ تۇرۇپ باشقا نوقتىلارنى يەنى باشقا كۆزىنەكلەرنى تاللىساق ھەممىسى تاللىيالايسىز(بۇ كومپىيۇتىر نىڭ ئەڭ ئاددى ھۆنىرى ،دوسلار دائىم مۇشۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە ناخشا ياكى ھۆججەتلەرنى تاللاپ كۆچۈرىدۇ)،شۇنىڭ بىلەن بۇ 4 ئاۋاز يولىنى تاللىيالايسىز.

2-ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىنى ئىچىڭ(调音台) ،ئاچسىڭىز 4 يولنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە ئاق سىزىق بارلىغىنى كۆرىسىز،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+G نى بىسىڭ،كۈچەيتكۈچلەر (推子)گورىپىغا ئايرىلىدۇ،بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز يەنىلا كۆرىسىز،كومپىيۇتىر كونۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+G نى بىسىڭ.

16-مەشغۇلات:قۇرغان يېڭى تۈرنىڭ ئىچىدە ئۈنۈملىگۈچنى سىناش(تاللاپ ئىشلىتىش)
1-يېڭى تۈرنىڭ ئېكران يۈزىدە ،خۇددى يېڭى يول قۇرغاندەك مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىچىدىن [Add FX Channel Track] نى تاللايمىز.

2-چىققان [Add FX Channel Track] كۆزىنەكتىن Plugin نى تاللاپ Plugin نىڭ ئىچىدىن ئىشلەتمەكچى بولغان ئۈنۈملىگۈچنى تاللاپ OK نى باسىمىز،شۇنىڭ بىلەن بىر FX ئۈنۈملىگۈچ يولى چىقىدۇ.

3-بىز بىر تەرەپ قىلماقچى(تەھرىرلىمەكچى) بولغان ئاۋاز چاستوتىسى يولىنى باسىمىز،سول تەرەپتىكى [Sends] نى بىسىپ ئىچىپ ئاستىدىكى بوش ئورۇننى تاللايمىز(FX 1 نى ئىسمىنى تاللايمىز).

4-ئۈنۈملىگۈچنىڭ ئىچىش-ئىتىش كونۇپكىسىنى بىسىپ يورىتىمىز،مائۇسنىڭ سىن بەلگىسى ئارقىلىق رەسىمدىكى كۆك تەڭشەش سىزىقچىسىنى سۈرۈپ(ئوڭ-سول) ئۈنۈملىگۈچنىڭ مىقدارىنى تەڭشەيمىز،ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ئىچىش-ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنىڭ يىنىدىكى e نى بىسىپ ئۈنۈملىگۈچنىڭ سانلىق قىممىتىنى ئاشۇرىمىز،ئۈنۈملىگۈچنى ئىچىش -يىپىش كونۇپكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كونۇپكا كۈچەيتكۈچنىڭ(推子) ئالدى ۋە كەينىنى ئالماشتۇردىغان كونۇپكا.

17-مەشغۇلات:ئەپچىللىك بىلەن ئاۋاز چاستوتىسى يولىنىڭ سۆرىتىنى تەڭشەش
1-سۆرىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئاۋاز چاستوتىسى يولىنى تاللىۋالىمىز،[Sample Editor] نى ئاچىمىز ۋە [Musical Mode] نى بىسىپ يورىتىمىز(تاپالمىسىڭىز ئاستىغا قاراڭ)،ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ تېزلىگىنى بىكىتىمىز يەنى كىرگۈزىمىز.

2-كومپىيۇتىر كونۇپكا تاخـتىسىدىن Ctrl+T نى بىسىپ [Tempo Track] نى ئاچىمىز،كۆك رەڭلىك ئۇزۇن سىزىق سۆرەت سىزىغىدۇ(ئاساسى كونتىرول قىلىش تاياقچىسىنىڭ ئىچىدىكى Tempo ھالىتى Track بولىشى كېرەك).

3-رەسىم سىزىش قۇرالىنى تاللاپ ،كۆك سىزىقنى چىكىپ تۈگۈن نوقتىلارنى كۆپەيتىپ سۆرەت كونتىرول قىلىش ئەگىرى سىغىنى تەھرىرلەيمىز،ئۈستىدىكى Ramp ھالىتىنى ئارقىلىق سۆرەت ئەىرى سىزقلىرىنى سىزغىلى بولىدۇ.

4-ئەگەر قويغان چاغدا ئۈنۈمى بولمىسا ،ئاۋاز چاستوتىسى يولىدىكى سائەت ئىستىرىلكىسىنى بىسىپ كىچىك تون بەلگىسىگە ئىكىلىپ قايتىدىن قويۇڭ،ئەسكەرتىش:ھەر قىتىم سۆرەت ئۆزگەرتكەندە ئوخشاشلا مۇشۇ خىل مەشغۇلات تەكرارلىنىدۇ.

كۆپچىلىك ئاۋاز چاستوتىسىنى قوش چىكىپ [Sample Editor] نى ئاچقاندىن كىيىن [Musical Mode] كونۇپكىسىنى تاپالماسلىغى مۇمكىن،ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
A: سىز [Sample Editor] كۆزىنىگىنىڭ ئوڭ -سول تەرىپىنى تارتىڭ،ئېكراننىڭ ئىككى تەرىپىگە توشقىچە تارتىڭ،تارتىلمىغىچە تارتىڭ؛

B:ئۇنىڭدىن كىيىن [Sample Editor] نى مائۇس بىلەن بىسىپ تۇرۇپ ئۇنى ئېكراننىڭ سول تەرىپىگە سۆرەڭ،خىلى سۈرگەن بولسىڭىزمۇ كۆرۈنمىسە؛

C:داۋاملىق [Sample Editor] نىڭ سول تەرەپتىكى گىرۋىگىنى ئو تەرەپكە تارتىڭ،ئەمدى ھېلىقى كىچىك تون بەلگىسى [Musical Mode] كۆرۈندى.

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى