- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-5-28
- توردا
- 9 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 0
- تىزىملاتقان
- 2009-3-20
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- UID
- 683

- توردا
- 9 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2009-5-28
- تىزىملاتقان
- 2009-3-20
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- يازما
- 14
|
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم .تورداشلار.تاسادىبى پۇرسەتتە بۇ توربەتكە كىرىپ ،ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بۇنداق بىر توربەتنىڭ بارلىقىدىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم.ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە ئولتۇرغانلىقىمغا ھەتران قالدىم.ئاساسى جەھەتتىن ھەممە تىمىنى كۆرۇپ بولدۇم دىسەم بۇلىدۇ.مەن ھەقىقەتەن بۇ مۇنبەردىكى تورداشلاردىكى سىخيلىكنى ھىچقانداق مۇنبەردە كۆرمىگەن.نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۇشۇرىۋېلىپ ئۇلگۇردۇم.بىلىۋالغان نەرسەم كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىلمەيدىغان نەرسەممۇ كۆپىيىپ كەتتى،نۇرغۇن ئاڭلىمىغان دىتاللار،ئاڭلىمىغان تېخنىكىلارنىڭ گىپى چىقتى.مەسىلەن مەن halion دىگەننى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.خەنزۇچە توربەتلەردىن ئىزدەپ باقساممۇ تۇزۇك بىر نىمە چىقمىدى.بىر نەچچە سۇئالىم بار ئىدى .بىلىۋالمىغۇچە ئارام تاپمايدىغاندەك قىلىمەن،مەن fl studio نى ئۇگىنىۋاتقان.قانداق بۇلۇپ ئۇنى ئۇگىنىپ قالدىم بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ يېرىم يادا بولسىمۇ بىلىمەن.باشقىا دىتالنى ئۇگىنەي دىسەم ئاشۇنى بىر ياخشىراق ئۇگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئۇگخنەت دەيمەن. لىكىن مەن ئۇنىڭدىن تازا رازى ئەمەس.ئىلىكتورۇنلۇق چالغۇلارنىڭ تەسىرى بەك كۇچلۇكتەك.ھەر قانچە قىلساممۇ dj دەك چىقىۋالىدۇ.لىكىن تورداشلار تەمىنلىگەن loopلارنى كىرگۇزگەندىن كىيىن خېلى ياخشى بولدى.flstudioدىمۇ ئاشۇنداق مىللى داپ،ناغرا،ھىچبولمىغاندا ئەرەپ دۇنبىقى دىگەندەك loopلارنى ياسىغىنى بۇلامدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدە بار بولغان fpc نىڭ ئاۋاز تۇسى قانداقراق.ئەگەر باشقا دۇنباق ئاۋاز مەنبىيى كىرگۇزۇش توغرا كەلسە ئەڭ ياخشى ۋە ئىشلىتىش ئاسان،مىللى مۇزىكىلارغا ماس كىلىدىغان دۇنباق مەنبىيى قايسى؟ نەي قاتارلىق يەللىك چالغۇلارنىڭچۇ. ھەر بىر خىل سازغا ئايرىم ئاۋاز مەنبىيى كىرگۇزگەندىلا ياخشى كەسپى ئۇنۇم ھاسىل قىلغىنى بولسا pypersonic دەك ئۇنۋىرسال ئاۋاز مەنبىينىڭ رولى نىمە،ئۇنىڭ قايسى خىل چالغۇلارغا بولغان ئاۋاز تۇسى ئەڭ ياخشى؟hypersonic دەك ئۇنۋىرسال ئاۋاز مەنبىينى ئىشلەتكەندىن كۆرە ھەر بىر چالغۇنىڭ ئايرىم مۇستەقىل ئاۋاز مەنبىينى ئىشلەتكەن ياخشىىمۇ قانداق.
2-سۇئالىم :halion دىگەن نىمە.ئۇ cubase,nuendoلارغا ئوىشان مۇزىكا تەھھىرلەيدىغان سىستىمىمۇ ياكى ئاۋاز مەنبىيىمۇ ياكى باشقا بىر نىمىمۇ؟مەن ماكان ئەپەندىنىڭ دۇتتار ،تەمبۇر قاتارلىق ئاۋاز تۇسى بار دەپ يوللىغان بىر تىمىسىنى كۆردم.مۇنبەردىكى بىر كونا دوستۇم ئارقىلىق ئۇنىى چۇشۇرۇپ ئېچىپ بېقىشقا نايىل بولدۇم.مەن تېخى realguitar دىگەندەكلەرگە ئوخشاش بىر ئاۋاز مەنبىيى.ئۇنى خالىغان بىر قانالغا توغىرلىسا ئۇنىڭدىكى ئاۋازلار دۇتتار تەمبۇر بۇلۇپ چىقىدۇ دەپتىكەنمەن.ئۇنىڭدا ھىچبىر دىتال يوق.ھەممىسى ئاۋاز ھۆججەتلىرىكەن. ئۇ تىمىغا قارىسام ئۇلارنى halion غا كىرگۇزۇش دىگەن گەپ با ئىكەن. ئۇ ئاۋازلارنى fl studio غا كىرگۇزگىنى بۇلامدۇ. دىمەكچى بولغىنىم قانداق ق ىلىپ خالىغان بىر قانالدىكى مۇزىكىنى ئاشۇ دۇتتار تەمبۇرلەرنىڭ ئاۋازى ق قىلىپ چىقىرالايمەن.
يەنە بىر مەسىلە مەن fl studio دىن باشقا بىر نەچچە خىل ئەۋەز مەنبەسى ۋە ئۇنۇمچۇكلەرنى ئۇگەندىنم.ئۇلارنىڭ خەنزۇچە نەشىرىنى تاپقىنى بولمايدىكەن. ئىنگىزچىسىنى چۇشۇنۇپ بۇلالماي بەك قىينالدىم ھەم قىيلىنىۋاتىمەن. مەن قارىسام بۇ مۇنبەردىكى قېرىنداشلار تىل مەسىلىسىدە ھىچقانداق قىينالماي چەتئەلنىڭ تور بەتلىرىدىن ئادەم ئاڭلاپ باقمىغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ چىقىدىكەن. قاراپ راستىنلا ق قايىل بولدۇم.بەزىللىرى ھەتتا خەنزۇچە توربەتلەردىمۇ بىرمۇ ئۇچۇر تاپقىنى بولمايدىغان دىتاللار. ئاشۇ ئىنگىلىزچە دىتاللارنى چۇشىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بارمۇ.تۇنجى قېتىم قۇرۇقلا كېلىپ بەك كۆپ نەرسىلەرنى سورىۋەتتىم،مەنمۇ يەنە ئازراق ئۇگىنىۋالسام مۇنبەرگە ئاز تولا بىر نىمە تۆكىدىغان چاغلارمۇ كىلىپ قالا،راس گەپنى قىلسام بۇ مۇنبەردىكىلەرنى سېخىيلىكىدىن بەكلار سۇيۇندىم، |
|