ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 10

Virtual Bassist نىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسلىگى(4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2006 سائەت
شۆھرەت
2234
پۇل
2924
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2234
يازما
2619

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-16 22:27:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى دەرىس :Virtual Bassist نىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسلىگى(3)

Amp &FX ئۈنۈملىگۈچ كونتىرول يۈزى




بۇ كۆرۈنمە يۈزدە، ئۆزىمىز تاللىۋالغان باس ئاۋاز تۈسىگە ئۈنۈم بېرىمىز.بۇ يەردە جەمئى 8 مۇستەققىل ئۈنۈملىگۈچ ۋە بىر ئاساسى كونتىروللىغىۇچ  تەمىنلەنگەن،بىز تۆۋەندىكى سىرىلما كۆزىنەكتىن ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئۈنملەرنى كۆرىۋالالايمىز.




بۇ ئۈنۈملەر زاۋۇتتىن چىققاندىلا ئالدىن تەڭشەپ قويۇلغان ئۈنۈملەردۇر،بىز خالىغان بىرىنى قوش چەكسەك باس ئاۋازى شۇ خىل ئۈنۈمدە چىقىدۇ.ئەگەر ئاستىدىكى [SAVE] نى باسساق بىز ئۆزگەرتكەن ئۈنۈم ساقلىنىدۇ،[LOAD] نى باسساق بىز بۇرۇن ساقلىۋالغان ئۈنۈمنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

The Amp section

بۇ FX كۆرۈنمە يۈزنىڭ ئۈستىدە رەسىمدىكىدەك Virtual Bassist ئاۋاز كۈچەيتكۈچ سەپلەنگەن




بۇ ئاۋاز كۈچەيتكۈچنىڭ يۈزىگە نۇرغۇن كونتىرول قىلىش كونۇپكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ،بۇ ئارقىلىق باس ئاۋاز تۈسىنى ئۆزگەرتىمىز.

كۈچەيتكۈچنى تاللاش




Solid State / Tube كۈچەيتكۈچ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسى

Solid State كىرىستال لامپىلىق كۈچەيتكۈچ.بۇ كۈچەيتكۈچتە [DRIVE] نى بۇرىساق پاككىز ئاۋازغا شۇنداقلا غاژ-غۇژ ئاۋازغا (تولغانما مۇزىكىلاردىكى ئاساسى گىىتارنىڭ ئاۋازىدەك) ئېرىشەلەيمىز.
Tube ئىلىكتىر لامپىلىق كۈچەيتكۈچ .بۇنى تەڭشىگىنىمىزدە شۇنداق ئىللىق ئاۋاز تۈسىگە ئېرىشەلەيمىز.[DRIVE] بۇراش ئارقىلىق ئاۋاز مىقدارىنى كۈچەيتىمىز.بۇنىڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز ئۈستىدىكى لامپا ئاۋاز مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىگە قاراپ يورىيدۇ.
كۈچەيتكۈچنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تەقلىدىي VU جەدىۋەل بولۇپ ئۇ كۈچەيتكۈچنىڭ چىقىرىۋاتقان قىممىتىنى تەپسىلى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.ئاۋاز قويغان چىغىمىزدا ئاستىدىكى چىراق يانىدۇ،يىشىل چىراق يانسا نورمال ئىشلەۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ،ئەگەر قىزىل چىراق يانسا زىيادە كۈچلۈك بوپ كەتكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.

EQ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ




بۇ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغان كۈچەيتۈچلەرگە بىر 3 بۆلەكلىك تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ سەپلەنگەن.
BASS تۆۋەن چاستوتا تەڭشەش
MID ئوتتۇرا چاستوتىدا MID FREQ  نى ئوتتۇرا چاستوتىدا كۆرۈش،ئوتتۇرا چاستوتا خىزمەت ھالىتىنى كۆرۈش
TREBLE يۇقۇرى چاستوتا تەڭشەش
MASTER  تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنىڭ سانلىق قىممىتىنى تەڭشەش.

Routing يول




كۈچەيتكۈچ يۈزىنىڭ سول تەرىپىدە يول تەڭشەش كونۇپكىسى بار،بۇ كونۇپكىلار ئارقىلىق ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلۇنۇشتىكى رەت-تەرتىۋىنى بەلگىلەيدۇ.
EQ Pre/Post تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنىڭ ئارقىغا ياكى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇش
DI Pre/Post بۇ DI  نىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇش كونۇپكسى
omp Pre/Post پىرىسلىغۇچنىڭ ئالدىغا ياكى كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇش كونۇپكىسى
يۇقۇرقىلارنى ئۆزىڭىز قول سىلىپ سىناپ بېقىڭ.

FX يۈزىدىكى ئۈنۈملىگۈچلەر

Octaver




بۇ ئۈنۈملىگۈچ Bass ئاۋازىغا بەزى بىر تاۋۇشلارنى قوشىدۇ،ئاۋازلارنى تېخىمۇ جۇشقۇن قىلىدۇ.[Mix] نى كۈچەيتىپ [Tone] نى ئاجىزلاشتۇرغىنىمىزدا خور ئاۋازى چىققاندەك باس ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.بۇنىڭ تەپكۈسىنى باسقىنىمىزدا ON بەلگىسى چىقىپ چىراق يىنىپ ،خىزمەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ.
Octaver نىڭ ئىشلىنىشى:
MIX نىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش،بۇنى ئەڭ چوڭ تەڭشەش ئارقىلىق ئەسلى ئاۋازنى بىر ئوكتاۋا يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
Tone نى سول تەرەپكە بۇرىساق بىر ئوكتاۋا ئاۋازغا كۆتۈرىلىدۇ،ئوڭغا بۇرىساق بىر ئوكتاۋا ئاۋازدىن يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ

Fuzzbox



بۇ Fuzzbox ئۈنۈملىگۈچ تولغانما مۇزىكا سەھەسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۈنۈملىگۈچتۇر.



Fuzz نىڭ ئىشلىتىلىشى:
1- Drive نى بۇرىساق غاژ-غۇژ قىلغان ئاۋاز(失真) كۈچىيىدۇ.
2-Tone نى سولغا بۇرىساق بىراز يۇمشاق ئاۋازغا ئېرىشىمىز،ئوڭغا بۇرىساق سۈزۈك ئاۋازغا ئېرىشىمىز.

Wah pedal



ۋار-ۋار ئاۋازلىق ئۈنۈملىگۈچ(哇音،بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى يوقكەن)خەنزۇچە ئوقۇلىشىدىنلا ۋار-ۋار دىگەن مەنانى كۆرىۋالالايمىز،بۇ پىدالنى باسساق مۇشۇنداق ئاۋاز چىقىدىغىنىنى ۆكپىنچە دوسلار بىلىشى مۇمكىن شۇڭا ۋار-ۋار دەپ ئالدىم،ئەمىلىيەتتە ۋاۋ~~~ۋاۋ دەپ چىقىدۇ
ئاستىدىكى سول تەرەپتىكى كۇنۇپكىنى باسساق خىزمەت ھالىتىگە كىلىدۇ،مائۇس بىلەن بۇ پىدالنى ئاستىغا ياكى ئۈستىگە باسساق بۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئاڭلىيالايمىز.

Reso ئەكىس سادا
بۇ Reso نى بۇراش ئارقىلىق پىدالدىن ئاۋازنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى تەڭشەيمىز.

Speed /Sync بۇ سۆرەت/ماس قەدەم

Spee نى ئوڭغا بۇراش ئارقىلىق Speed نىڭ مىقدار قىممىتىنى ئاشۇرىمىز،بۇنىڭ ئاستىدىكى سېرىق كاتاكچىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆرەت قىممىتى بار،شۇنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىمىز خالىغان ئۇسلۇبنى تاللاىساق بولىدۇ.

Compressor



بۇ FX كۆزنىگىنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇ پىرىسلاپ ئۈنۈملىگۈچ بار،بۇ  پىرىسلاپ ئۈنۈملىگۈچ  باس گىتتار ئۈچۈن ھەركەتچان ئۈنۈم بىلەن تەمىنلەيدۇ ( جانلىق دەپ چۈشەنسەك بولا ).كونۇپكىنى باسساق خىزمەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ.
[Amount]  سىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ 1دىن(يۇمشاق)6 گىچە(كۈچلۈك) بولغان پىرىسلاپ ئۈنۈملەش شەكلىنى تالىيالايسىز.
[Speed] (تىزلىك)  سىز بۇنۇڭدىن پايدىلىنىپ 1 دىن (ئاستا) 6 (تېز)گىچە پىرىسلاپ ئۈنۈملەشنىڭ تىزلىگىنى تاللايسىز.
[FULL]  بۇ پۈتۈن چاستوتا بۆلىگىگە پۈتۈنلەي پىرىسلاپ ئېلىپ بارىدۇ.
[LOW]  باسنىڭ تۆۋەن چاستوتىسىغا پىرىسلاش ئىلىپ بارىدۇ.
[HIGH] باسنىڭ يۇقۇرى چاستوتىسىغا پىرىسلاش ئىلىپ بارىدۇ.
[SPLIT]  باسنىڭ يۇقۇرى ۋە تۆۋەن چاستوتىسىغا ئايرى-ئايرىم پىرىسلاش ئىلىپ بارىدۇ.
پىىسلاش ھالىتى REDUCTION نىڭ ئۈستىدىكى ئۇزۇن قىزىل چىراغلاردا كۆرىلىدۇ.

Tremolo تىتىرەڭگۈ ئاۋاز



ئوخشاشلا ئوتتۇردىكى يۇمۇلاق كونۇپكىنى باسساق خىزمەت ھالىتىدە بولىدۇ.
[Rate] نى تەڭشەش ئارقىلىق تىتەيدىغان ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ تىزلىگىنى ۆنتىرول قىلىمىز.تاللىغان قىممىتىمىز ئاستىدىكى سېرىق كەاتەكچىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.[Depth] نى تەڭشەش ئارقىلىق تىتەڭگۈ ئاۋازنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەيمىز.

Amp كۈچەيتكۈچ




سىز بۇ يەردە ئاۋاز چىقىدغان ياڭراتقۇنىڭ ھەرخىل شەكلىنى ،مېكرافوننىڭ شەكلىنى............تاللاپ ئاۋاز تۈسىنى تاللايسىز،DI ۋە mic تاللاش تۈرىدىن ئاۋازغا ئىلىش شەكلىنى تاللايسىز،بۇ ئىقتىدار ئىنتايىن ئىسىل ،ھەقىقىي ئاۋازغا ئىلىش زالىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولىسىز  كەمبىغەل مۇزىكانتلارنىڭ جەننىتى دەپ تۇرىلى بىكالىق سايمان بولغاندىكىن تاللاپ ئويناپ كۆرۈڭ........پېقر ماكانمۇ مۇش يەرنى بەك تاللاپ ئوينايمەن......

Chorus/Flanger خور ئاۋازلىق ئۈنۈم




بۇ ئىككى ئۈنۈملىگۈچنى بىرلەشتۈرگەن كۆرۈنمە يۈز.ئايرىم CHORUS (خور ئاۋاز) ۋە FLANGER (فلانگېر) ئۇسلۇبىدىن تەركىپ تاپقان.
Chorus خور
سىز بۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى ئاۋازنى خور ھالىتىدىكى ئۈنۈمگە كەلتۈرەلەيسىز.
[SPEED]  خور ئۈنۈمىنىڭ تىزلىگى.
[DEPTH]  خور ئۈنۈمىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى.
FEEDBACK]  خور ئاۋازىغا بەزى دولقۇنسىمان ئۈنۈم بېرىدۇ.

Flanger
بۇ خىل ئۈنۈم ئەسلىدىكى ئاۋازغا ئازــــــــــــــــــــــــــــراق ئاۋاز كىچىكىش ئىلىپ بېرىپ ،قىزىقارلىق ئاۋازغا ئېرىشتۈرىدۇ.
speed نى كۈچەيتسەك Flanger نىڭ تىتىرەڭگۈ ئاۋازىنىڭ قىممىتى ئۆزگىرىدۇ.depth كونۇپكىسى ئارقىلىق ئاۋاز كىچىكىش ۋاختىنى تەڭشەيمىز.

FX routing




رەسىمدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى ،بۇنىڭدا ھەرخىل ئۈنۈملىگۈچلەر ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان بولىدۇ،بىز ئۆزىمىزنىڭ خائىشى بويىچە شۇ خىل ئۈنۈملىگۈچلەرنى تاللاپ قويساق يورىيدۇ،يەنى خىزمەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ،يەن ياندۇرغان ئۈنۈملىگۈچلەر بىر ۋاقىتتا تەڭ ئىشلەيدۇ.ئىشلىتىشنى خالىمىسىڭىز خالىغاننى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.ئۈنۈملىگۈچلەر قىسىمى مۇشۇ يەردە تۈگىدى،داۋاملىق باشقا ئىقتىدارىنى كۆرۈپ ئۆتىلى.

Virtual Bassist دا MIDI كونتىروللىغۇچنى تەقسىملەش
سىز سىرتقى MIDI كونتىروللىغۇچ ئارقىلىق Virtual Bassist نى كونتىرول قىلالايسىز،ئىشلەتمەكچى بولغان ئىقتىدارنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك تاللاش تۈرى چىقىدۇ.




چىققان كۆزىنەكتىن [Learn] نى تاللاپ سىرىتتىن كونتىرول قىلىدىغان MIDI كونتىروللىغىۇچى تاللايمىز.شۇنىڭ بىلەن سىرىتتىن چاتقان كونتىروللىغۇچ بۇ باسنى كونتىرول قىلالايدۇ.
[NO CC] بۇ زاۋۇت تەرەپتىن بىكىتكەن كونتىرول قىلىش ئىقتىدار ى.

Virtual Bassist نىڭ تەڭشەش كۆزنىگى
Virtual Bassist نىڭ سول تەرىپىنىڭ ئۈستىدىكى Steinberg نىڭ بەلگىسىنى باسساق Virtual Bassist نىڭ تەڭشەش بىتى ئىچىلىدۇ،بۇ يەردە ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشىيەلەيسىز.




Vibrato تىتىەڭگۈ ئاۋاز
[RATE]  تىتىرەڭگۈ ئاۋازنىڭ تىزلىگى
[DEPTH]  تىتىرەڭگۈ ئاۋازنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى
  [DELAY]  تىتىرەڭگۈ ئاۋازنىڭ ئەكىس سادا مىقدارى

Key Change Quantize ئۆلچەملەشتۈرۈش قىممىتىنى تەڭشەش(ئىلىكتىرونلۇق رىيال ۋە nuendo  دا مۇزىكا ئىشلىسەك بۇ ئىقتىدار بار،دوسلار بۇنى بىلىشى مۇمكىن،پېقىر ماكان ئاقساقاللىق قىلىپ قويدى ).




[FILL TRIGGERING]  ئوينۇتۇش قوشۇش دىسەك بولا بۇنى ،ئىكتىرونلۇق رىيالدا FILL نى مۇشۇنداق ئاتايتۇققۇ~~~~ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق دەپ تۇرىلى.
[Key Change Quantize] نى تاللاپ ئاستىدىكىنى [Auto] قىلىپ تەڭشىسەك ئاپتۇماتىك ئوينۇتۇش قوشۇپ بېرىدۇ،پېقىر ماكان مۇشۇنداق چۈشەندىم،مىنىڭچىمۇ چوقۇم شۇنداق .نەچچىدە نەچچە ئۇدار بولسا مۇۋاپىق يېرىگە كەلتۈرۈپ ئوينۇتۇش قوشىدۇ.
  [KEYBOARD LAYOUT]  دىن سىز  [Pitch Range Right] نى تاللىسىڭىز ئەسلىدىكى تەڭشەكلىك ھالەتتىكى midi رىيالىنىڭ تىلى ھالىتىدە بولىدۇ.
[Pitch Range Left] نى تاللىسڭىز ئۆزگىرىش بولىدۇ،سىناپ بېقىڭ،مەنمۇ ئانچە چۈشۈنۈپ كىتەلمىدىم
[BAR SYNC]  بۇ مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىڭىزنىڭ سۆرىتى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تەڭشەيدىغان ئاچىقۇچ،ئىچىپ قويسىڭىز ،مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىڭىزنىڭ تىزلىگى بويىچە تەڭكەش قىلىدۇ.

Master Fine Tune




بۇ Virtual Bassist نىڭ ئاۋاز يۇقۇرلىغىنى كىچىك دائىرىدە تەڭشەيدۇ،تەڭشەش دائىرىسى:± 50

Save Defaults




[SAVE] نى باسساق ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارغان مەشغۇلاتلىرىمىز ساقلىنىپ قىلىپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
[EXIT] نى باسساق كونتىرول يۈزىگە قايتىمىز.


تۈگىدى



تۆۋەندىكى ئادىرىستىن Virtual Bassist نىڭ فىلىملىك چۈشەندۈرلىشىنى كۆرۈڭ،ھەممىسى ئېنگىلىسچە
http://www.youtube.com/watch?v=7pSXt9gzq-8&hl=zh-CN

رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

Rank: 1

توردا
66 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-2
تىزىملاتقان
2008-11-12
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
84
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-16 22:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ،كۆپ ئەجىر قىپسىز،ئەجرىڭىز ئۈچۈن پەقەت رەخمەتلا دىيەلەيدىكەنمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2006 سائەت
شۆھرەت
2234
پۇل
2924
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2234
يازما
2619

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-16 22:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دىيىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بار
ئۈستىدىكى ئېنگىلىسچە ئېلانى چەكسىڭىز كىرىم بولىدۇ،كىرىمگە تور بىتىمىزنى ياسايمىز
تور بەت لاھىيلىتىمىز   سېت بولدى

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
67
پۇل
66
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
67
يازما
331
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-17 00:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما   باس گىتارغا  ئۇستا بوپ كەتتىم  مەن  ، ئالامەت چېلىپ قويىمەنغۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2006 سائەت
شۆھرەت
2234
پۇل
2924
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2234
يازما
2619

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-17 00:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر پەدە چىلىپ ئەۋەتمەمسىز ئاڭلاپ باقىلى

Rank: 3Rank: 3

توردا
486 سائەت
شۆھرەت
381
پۇل
917
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
381
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-17 01:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ماكان  كۆپ ئەجىر قىلىۋاتىسىز تورداشلارنىڭ ھەممىسى سىزدىن بەكلا خوش
arkxir ئەپەندى باس گەتاردىن بىرەر پەدە چېلىپ ئەۋەتمەمسىز بىزنىڭمۇ كۆزىمىز ئېچىلىپ قالسۇن
قانداق دىدىم ماكان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2006 سائەت
شۆھرەت
2234
پۇل
2924
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2234
يازما
2619

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-3-17 10:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ark-xir يىقىندا بىر مۇزىكا ئىشلىدىم دەۋاتىتى ،شۇنى ئاڭلاپ باقىلى

Rank: 8Rank: 8

توردا
51 سائەت
شۆھرەت
10
پۇل
4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-12
تىزىملاتقان
2008-4-30
نادىر
0
جۇغلانما
10
يازما
152
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-17 14:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىق بولغان بىر ئىشلتىش  جەريانىنى چۇشەندۇرۇپ يازغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاركەن...


  سۇرەتلىك قىلىپ  بىر مۇزىكىغا ئۇنۇم بىرىش   ماستىرلاش جەريانىنى يازغان بولسىڭىز . ...


ھىلىمۇ جاپا تارتىۋاتىسىز......

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
67
پۇل
66
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
67
يازما
331
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-19 00:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ  ،  ئۇزاققا قالماي  ئەۋەتىمەن   مۇنبەرگە ،  ئاقسالىق قىلىپ  نوچىراق قىلىپ  ئىشلەپ  باقاي  دىسەم   بەك  مۇرەككەپلىشىپ  كېتىۋاتىدۇ   ، ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالماي  شۇ  

Rank: 2

توردا
28 سائەت
شۆھرەت
188
پۇل
573
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2011-3-4
نادىر
0
جۇغلانما
188
يازما
116
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 21:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىۋاتىسىز،رەھمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچى مەڭگۈچاقناپ تۇرغان سېخى قۇياشتۇر

Rank: 2

توردا
37 سائەت
شۆھرەت
126
پۇل
598
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2011-9-10
نادىر
1
جۇغلانما
126
يازما
134
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 22:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-6 07:21 , Processed in 0.313756 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش