- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-5
- توردا
- 2006 سائەت
- شۆھرەت
- 2234
- پۇل
- 2924
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2619
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2234
- UID
- 1
  
- توردا
- 2006 سائەت
- شۆھرەت
- 2234
- پۇل
- 2924
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-5
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2234
- يازما
- 2619
|
. ئالدىنقى دەرىس: Virtual Bassist نىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسلىگى(1)
PLAY كونۇپكىسىدىكى باشقا ئامىللارنىڭ ئىشلىتىلىشى
ئۇسلۇب شەكلىنى تاللاش ۋە ساقلىۋىلىش
PLAY يۈزىنى باسساق ئوڭ تەرەپتى ئۇسلۇب تاللاش جەدىۋىلى چىقىدۇ

بۇ يەردە كۆرۈنگەنلىرى ھەمىىسى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇب شەكىللىرىدۇر،مۇناسىپ ئۇسلۇبنى قوش چەكسەك شۇ ئۇسلۇبنى تاللىغان بولىمىز.شۇنداقلا شۇ ئۇسلۇبنى تاللاپ ئاستىدىكى [LOAD] دىگەن خەتنى باسساقمۇ بولىدۇ.
جەدىۋەلنىڭ ئاستىدىكى [SAVE] نى باسساق دىالوگ رامكىسى كۆرۈنىدۇ(يەنى ساقلىۋىلىش رامكىسى).سىز خالىغان ئورۇن ۋە خالىغان ئىسىم قويۇپ ساقلىيالايسىز،شۇنداقلا ئۆزىڭىز ياسىغان باس ئۇسلۇبىنى ساقلىۋالىسىز.
تاللىغان ئۇسلۇبنى ئاڭلاپ بېقىش
ھەر بىر ئۇسلۇبقا Virtual Bassist تا مەخسۇس مۇزىكا كىرىشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان،بۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇزىكىلار Steinberg شېركىتىنىڭ Virtual Bassist تەقلىدىي باسچىسى،Virtual Guitarist تەقلىدىي گىتتارچى ۋە Groove Agent تەقلىدىي دۇمباقچىسى قاتارلىق يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق ئورۇنلانغان.

يۇقۇردىكى رەسىمدىكىدەك،سىز تاللىغان ئۇسلۇبنى بىسىپ ئۇنىڭدىن كىيىن [LISTEN] كونۇپكىسىنى باسسىپ تۇرسىڭىز،شۇ خىل ئۇسلۇبتا ئورۇنلانغان مۇزىكىنى ئاڭلىيالايسىز.[AUTO] كونۇپكىسىنى بىسىپ خالىغان ئۇسلۇبنى بىسىپ تۇرسىڭىز شۇ ئۇسلۇبتىكى مۇزىكىنى ئاڭلىيالايسىز،قويىۋەتسىڭىز مۇزىكا توختايدۇ.
تىللارنىڭ تەقسىملەپ ئورۇنلاشتۇرلىشى
ئۇسلۇب كونتىرول يۈزىدىكى [PARTS] نى باسسىڭىز تىللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئورىنى كۆرىنىدۇ.

بۇ جەدىۋەلدە C1 دىن B2 غىچە بولغان ھەر قايسى تىللارنىڭ ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،سىز خالىغان ئىسىم قويۇپ ئىسمىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
PLAY كونۇپكىسىدىكى باشقا ئامىللار:
PLAY نىڭ ئىچىدىكى باشقا ئامىللارنى تەڭشەش ئارقىلىق Virtual Bassist نىڭ ئۇسلۇبىنى ۋە خاسلىغىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
4STRING/5STRING

سىز بۇ كونۇپكا ئارقىلىق 4 تارىلىق ۋە 5 تارىلىق باس گىتتارنى ئالماشتۇرالايسىز،شۇنداقلا MIDI رىيالىڭىزنىڭ #C2 تىلى ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز.
MIDI In

بۇ MIDI IN نىڭ يىنىدىكى قىزىل چىراق يانسا Virtual Bassist نورمال خىزمەت قىلغان بولىدۇ،ئەگەر سىز MIDI رىيالنى چالسىڭىز ياكى MIDI قويسىڭىز بۇ چىراق يانمىسا Virtual Bassist نورمال خىزمەت قىلمايدۇ.زاپچاسلىرىڭىزنىڭ ئۇلۇنىشىنى تەكشۈرۈڭ.
Chords/Note

ئاكوردلۇق شەكلى بسىش ۋە يەككە پاس چىلىش شەكلى،سىز MIDI رىيالنىڭD2 # نى بىسىش ئارقىلىق بۇ چىلىش شەكىلىنى ئالماشتۇرالايسىز،CHORDS نى تاللىسىڭىز ئاكورد باسسىڭىز چىققان باس پىسىنىڭ ئىچىدە بىر خىل مىلودىيە ئەگىشىپ چىقىدۇ.NOTE نى تاللىسڭىز ئاساسى ئاھاڭ بىلەن ئوكتاۋا (8 گىرادۇسلۇق ئاۋز)لا ئاڭلىنىدۇ.
tch mode

LATCH بولسا ئاۋاز سوزۇش تاختىسىنىڭ ئىقتىدارى،LATCH نى ON ھالىتىگە ئەكەلسەك سول تەرەپتىكى چىراق يانىدۇ،بۇ چاغدا بىز midi رەيالنىڭ تىلىنى بىسىپ قويىۋەتسەك ئاۋاز تەكرارلىلىنىپ ئۆچمەيدۇ.پەقەت رىيالنىڭ #C1 تىلىنى باسساق توختايدۇ.LATCH نى OFF ھالىتىگە ئەكەلسەك midi رىيالنى باسساق ئاۋاز چىقىدۇ،ئەگەر قولىمىز midi رىيالدىن ئايرىلغان ھامان ئاۋاز توختايدۇ.
Retrigger mode

RETRIG نى قوزغاتقىنىمىزدا سول تەرەپتىكى چىرىغى يانىدۇ،سىز بۇ چاغدا مۇزىكىنى قايسى تاككىتىن باشلىشىڭىزدىن قەتتىي نەزەر Virtual Bassist ئۆزىنىڭ باشلىنىش قىسمىدىن باشلاپ تەڭكەش قىلىدۇ،بۇ چاغدا باس تەڭكەش مۇزىكىسى بىلەن ناخشىنىڭ پاسى بىرلىككە كەلمەي قالايمىقانچىلىق چىقىدۇ.
RETRIG نى ئىتىۋەتسەك Virtual Bassist ئاپتۇماتىك ھالدا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىلىرىنى تېپىپ تەڭكاش قىلىپ بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىتىۋىتىڭ.
Speed

سىز مۇزىكا ئىشلىگەندە Virtual Bassist مۇزىكىنىڭ تىزلىگى بىلەن تەڭ سۆرەتتە تەڭكەش قىلىدۇ،سىز بۇ يەردە Virtual Bassist نىڭ تىزلىگىنى(تەڭكەش تىزلىگى)[1/2] قىلىپ يېرىم ھەسسە ئاستىلىتالايسىز،شۇنداقلا [1] قىلىپ ئەسلىدىكى تىزلىككە كەلتۈرەلەيسىز،[2] نى بىسىپ بىر ھەسسە تىزلىكتە تەڭكەش قىلدۇرالايسىز.
ئاستىدىكى چىراقلار 1 ئۇدارنىڭ ئىچىدىكى4 تاكىتنى بىلدۈرىدۇ،ئاپتۇماتىك يانىدۇ.
Swing

تەۋرىتىش.بۇ يۇمۇلاق بۇرۇغۇچنى بۇراش ئارقىلىق Virtual Bassist نىڭ پاسلىرىنى تۇراقسىزلاشتۇرۇپ ئاۋز نوتىلىرىنى ئىلگىرى كەينى قىلىپ تەڭشىيەلەيمىز،تەڭشەش دائىرىسى:%100+/-.نورمال ئەھۋالدا بىر تاكىتتا ئىككى ئاكتاۋا(2 سەككىز گىرادۇس) بولىدۇ،ئەگەر swing نى %100- قىلىپ تەڭشىسەك بۇ چاغدا بۇ تاكىت ئالدىنقى 16 دەك تۇيغۇ بېرىدۇ،ئەگەر %100+ قىلىپ تەڭشىسەك كىيىنكى 16 دەك تۇيغۇ بېرىدۇ(بەك چۈشۈنۈشلۈك بولمىدى،ئەمىلىي سىنىسىڭىز بىلىۋالىسىز )
Variance

ئۆزگۈرۈشچانلىق.بۇ ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز خۇددى بىر ھەقىقىي باسچى سىزگە باس گىتتار چىلىپ بېرىۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولىسىز،چۈنكى بۇ ئىقتىدار ئىچىلسا ئاۋازنىڭ يۇقۇرلىغى بىلەن سۆرىتى(تىزلىگى) شۇنداق كىچىك ھالدا ئۆزگۈرۈپ ماڭىدۇ،شۇنداقلا قانۇنىيەتلىك چىلىنماي ھەر بىر تاكىتتىكى چىلىنىش ئوخشىمايدۇ.ھەرگىز بىر يۇمشاق دىتالدا چالغاندەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ.
Early/Late

بۇ بۇرۇىغۇچ Virtual Bassist ئومومى تىزلىگىنى كونتىرول قىلىدىغان بۇرىغۇچ،بۇ ئارقىلىق پاسنىڭ مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىنىڭ تىزلىگىدىن بالدۇرراق باشلىنىدىغان قىلىدۇ(يەنى بالدۇر باشلايدۇ،مۇزىكا يۇمشاق دىتالىنىڭ تىزلىگىدىن بالدۇر چىلىۋالىدۇ)،ياكى كىچىكىپ چالىدۇ.
Bass Selector

بۇ يۇمۇلاق تاللاش بۇرىغۇچ Virtual Bassist نىڭ باس شەەكلىنى تاللايدىغان بۇرىغۇچ، 3 خىل باسنى خالىغانچە تاللايمىز،يەنى MODERN ھازىرقى زامان باس گىتتىرى،VINTAGE قەدىمىي باس گىتتار شۇنداقلا CLASSICكىلاسسىك باس گىتتار قارتارلىق 3 خىل باس گىتتارنى تالىيالايسىز.يۇمىلاقنىڭ ئىچىدىكى كىچىك شارچىنى يۆتكەش ئارقىلىق بۇ خىل باسلارنى ئالماشتۇرالايسىز.
Fret Noise

بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى تالالش ئارقىلىق باس گىتتىرىڭىزنىڭ پەدىسىدىن چىققان سىرىلما ئاۋازلارنىڭ ئۈنۈمىنى چىقىرالايسىز،خۇددىي راس باس گىتتاردەك چىقىدۇ.OFF نى تاللىسىڭىز بۇ خىل ئاۋاز يوقايدۇ،MID قا ئەكەلسىڭىز بۇ خىل ئاۋاز كىچىكرەك چىقىدۇ،FULL قا ئەكەلسىڭىز بۇ خىل ئاۋاز كۈچلۈك چىقىدۇ.
Fret Buzz

بۇ ئىقتىدارمۇ يۇقۇرقىغا ئوخشاش باس گىتتارنىڭ راسلىق دەرىجىسىنى ئاشىرىدۇ،بۇنىدا سىز دۇك،دۇك....قاتارلىق زەخمەكنىڭ ياكى قولىمىز باس گىتتار تارىسى بىلەن ئۇرۇلغاندىكى ئاۋازى چىقىدۇ،OFF بۇ خىل ئاۋاز يوقايدۇ.MID بولسا بۇ خىل ئاۋاز مۇۋاپىق چىقىدۇ،FULL دا كۈچلۈكرەك چىقىدۇ.
Compression, Drive, Master

بۇ 3 بۇرىغۇچ باس گىتتار ئاۋاز تۈسىنى ئۆزگەرتىشتە ناھايىتى قوللىنىلىشچان،[Compression] باس ئاۋازىغا پىرىسلىغان ئۈنۈم بېرىدۇ.[Drive] باس ئاۋازنىڭ ئالدىنقى قىسمىغا كۈچلەندۈرۈش ئىلىپ بارىدۇ.[Master] ئومومى ئاۋاز مىقدارىنىڭ چىقىرىش قىممىتىنى تەڭشەيدۇ.بۇ ئىقتىدارىنى ئاخىردىراق تەپسىلىي تونۇشتۇرىمەن.
The bass sound lock
بۇ كۆزىنەكنىڭ ئاستىغىراق قارىساق بۇ قۇلۇپ كۆرىنىدۇ،ئادەتتە كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدۇ.

بۇنى چەكسەك سېرىق ھالەتكە كىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ھەممە تەڭشەش ئۆزگەرمەس ھالەتكە كىلىدۇ(بۇ ئىقتىدار ئىشلىمەيدۇ،ئىشلەتمەڭ)
بۇ PLAY كونتىرول يۈزىنىڭ سول تەرىپىدە باس گىتتارنىڭ سۆرىتى بار(رەسىمى) شۇنداقلا باس گىتتارنىڭ ئۈستىدە 4 دانە تەڭشىگۈچ بار.بۇلار باس گىتتارنىڭ ئاۋاز تۈسىنى ئۆزگەرتىدۇ.

Volume ئاۋاز مىقدارى
Tone باس ئاۋازىنىڭ سۈزۈكلىگى ۋە خىرەلىگى
Attack ئاۋاز بىشى،بۇنى چوڭ قىلسىڭىز باشلىنىش قىسمىنىڭ كۈچەيگەنلىگىنى ھىس قىلىسىز.
Damp ئاۋاز پەسەيتكۈچ.چوڭ قىلسىڭىز ئاۋاز چوڭ چىقىدۇ،بوشايتسىڭىز ئاۋاز پەسىيىدۇ.
Pickup position ئاۋاز ئالغۇچىنىڭ ئورنىنى تەڭشەيسىز.
Chord recognition ئاكورە پەرىقلەندۈرۈش
Virtual Bassist نىڭ ئىنتايىن سەزگۈر ئىقتىدارى بار يەنى MIDI رىيالدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئىنتايىن ئىنىق پەرىق ئىتەلەيدۇ.سىز Virtual Bassist دا ئاددىي ئاكورد باسامسىز ياكى مۇرەككەپ ئاكورد باسامسىز Virtual Bassist بۇنى ئىنىق پەرىق ئىتەلەيدۇ.
ئەگەر سىز C F G نى باسسىڭىز Virtual Bassist بۇنى ئاپتۇماتىك ھالدا Csus4 دەپ تونۇيدۇ.
سىز G7 نى باسماقچى بولسىڭىز رىيالدىن G ۋە F نى ياكى G بىلەن E نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن سىناپ بېقىڭ ،بەك تەپسىلى چۈشەندۈرسەك گەپ ئاۋىپ كىتىدۇ،بۇ ئىقتىدارنى ئويناپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
Chord display

سىز چىلىۋاتقان ئاكورد شەكلى بۇ كۆزىنەكتە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ
داۋامى بار
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ |
|