ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 417 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 0

مۇقام(تېيىپجان ئېلىيوپ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-2-29 16:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇقام
(مۇخەممەس)
تېيىپجان ئېلىيوپ.
سازچى ياڭراق سازىدا قىلسا سېنى ناخۇن، مۇقام،
    جان قاناتلانغاي شۇئان بولغاچ ساڭا مەپتۇن، مۇقام،
سەن بىلەن دائىم ئۆمۇر گۇلزارىم گۇلگۇن، مۇقام،
دىلغا ئاتەشتەك ھارارەت بەرگۇچى گۈلخان مۇقام،
        ئاھ مۇقام، ئوتلۇق مۇقام، گۇلگۇن مۇقام، ئالتۇن مۇقام.

   سەن ئۇچۇن چىقتى ساتار، تەمبۇر، فارابى قالۇنى،
قوشتى نەغمەڭگە ناۋا ساھىر نەۋائىينىڭ ئۇنى،
           تىزدى مارجاندەك قىدىرخان ھەم رەشىت، خانىش سېنى،
      سەندە بار بىرنەچچە مىڭ يىلنىڭ مۇسىقى مەزمۇنى،
نەغمىلەر سۇرۇنىدا ئورنۇڭ شۇڭا ئۇستۇن مۇقام.

سەندە كۇيلەيدۇ كۆڭۇل كۇيىنى ئۇيغۇر مىللىتى،
سەندە ياڭرايدۇ ئۇلۇغۋارلىق، پەزىلەت رىغبىتى،
      سەندە روشەن سۆيگۈ ئەھلىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى،
سەندە ئۇرغۇيدۇ ئازادلىق ئاشىقىنىڭ جۈرئىتى،
      سەن ئازادلىق ھەم گۇزەللىك ئىشقىغا ئۇيغۇن مۇقام.

        ھەر مۇقامنى خۇددى بىر دەريا دېسەك، كۆپ تارمىقى،
    ئاقىدۇ شەرۋەت ئۇنىڭدا ھەمدە بار سۇت - قايمىقى،
       ھەر مۇقامنى بىر دەرەخ دېسەك، ئۇنىڭ كۆپتۇر شېخى،
  كۆزلىرىڭنى چاقنىتار ھەر شاختىكى گۇل، ياپرىقى،
    جانغا راھەت، دىلغا ئارام، مېۋىسى نۇرغۇن مۇقام.

ھەممە ئادەم ئىنتىزار ساز تەڭشىلىپ باشلانغىچە،
          ئويغا چۆمگەن بىر ھازا<<چوڭ نەغمە>>گە ئاتلانغىچە،
         دىل گويا دەريا بۇلۇپ ئۆركەشلىنەر <<داستان>>غىچە،
ئېيتسا  بىر  داستانمۇ  پۇتمەيدۇ  ھەتتا  تاڭغىچە،
         مەشرىپى ئۇندەر ئۇسسۇلغا، پەيزى مول، جۇشقۇن مۇقام.

سەندە ياڭرايدۇ خەلقنىڭ ئەڭ ئېسىل كۇي-نەزمىسى،
  بارچە ئۇيغۇرنىڭ سېنىڭسىز  قىزىماس توي - بەزمىسى،
سەن خەلقنىڭ  بىباھا ، رەڭدار ،  ئۇلۇغۋار  غەزنىسى،
سەن بىلەنمۇ  ئۆلچىنەر  ئۇيغۇر  دېگەننىڭ  ۋەزنىسى،
ئېسى بار  ئادەم سېنى ھەرگىز  دېمەس يۇچۇن مۇقام.

سەن گۆھەرنى بىر زامان ئەخلەتكە تاشلاپ قىلدى خار،
يىغلىدى خەلقىم  سېنىڭ  ھىجرىڭدە  قاقشاپ زار - زار،
شۇكرى  ئەمدى ، سېنى  قۇتقۇزدى  زامانەم  غەمگۇزار،
يېڭىدىن  چىقماقتا  تۇرداخۇنغا  ئوخشاش  ئىز  باسار،
           ئەمدى يايرا، سەن ئەمەس مەڭگۇ<<سېرىق>>تۇتقۇن مۇقام.

ئەي مۇقام، ساز ئوردىسىنىڭ بەكمۇ كۆركەم قەسرى سەن،
مۇرغىزارنىڭ  زىننىتى ،  گوياكى  بۇلبۇل ،  قۇمرى  سەن،
        خەلقىمىزنىڭ مېھرى سەن، ھەم قەھرى سەن، ھەم پەخرى سەن،
       سەندىن ئايرىلمايدۇ ئەل، چۇنكى ئۇنىڭ ئۆز ئەسىرى سەن،
سەن گويا لەيلى، سېنىڭ ئىشقىڭدا ئەل مەجنۇن، مۇقام.

       ئەي مۇقام، كەلدى زامانەڭ باشقىدىن نۇر ياغدۇرۇپ،
يېڭى  ئەۋلادلار  كۇيۇڭنى  تېخىمۇ  جانلاندۇرۇپ،
     تەنتەنەڭگە  تەنتەنە  قوشقۇسى  زىننەت  قوندۇرۇپ،
    چالدۇرار ئالقىش چاۋاك ئالەمنى ھەيران  قالدۇرۇپ،
   ياپقۇسى ئىنسانىيەت  شەنىڭگە  شاھى تون ، مۇقام.
                                                                   1982-يىلى فېۋرال، ئۇرۇمچى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-7 18:10 , Processed in 0.426285 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش