- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-9
- توردا
- 2017 سائەت
- شۆھرەت
- 2276
- پۇل
- 2989
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2626
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2276
- UID
- 1
  
- توردا
- 2017 سائەت
- شۆھرەت
- 2276
- پۇل
- 2989
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-9
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2276
- يازما
- 2626
|
«ئۇيغۇر بار يەردە مۇقام بار ، مۇقام بار يەردە ئۇيغۇر بار» دىگەن سۆز چىن ھەقىقەتتۇر.2005-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ، ئىلىم-پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى «ئون ئىككى مۇقام»نى ۋەكىل قىلغان ،«دولان مۇقامى»،«تۇرپان مۇقامى»،«قومۇل مۇقامى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى»نى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» مۇندەرىجىسىگە كىرگۈگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئەقىل-پاراسىتى،شانلىق ئىجادىيىتى،قىممەتلىك تۆھپىسى بىلەن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇلدى.
ئەمگەكچان، باتۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەھىرى بولغان «ئون ئىككى مۇقام » جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مادانىيەت غەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر: دۇنيا مەدەنىيىتى تەرەققىيات تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان سەنئەت قامۇسىدۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي كەچۇرمىشلىرى،مىللىي مەدەنىيىتى،مەنىۋىي دۇنياسى ، تەپەككۈر ئۇسۇلى ، سەنئەت ھۆزۇر تەلىپى قاتارلىقلارنى مۇزىكا ، شېئىر ، ئۇسسۇل ، تىياتىر قاتارلىق بەدىئىي شەكىللەر بىلەن جانلىق، ئۇبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئىي قامۇستۇر.ئۇ يەنە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئاڭ كەڭ ئاممىۋىيلاشقان تىپىك بەدىئىي كۆرۈنۈشىدۇر: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى»دۇر:«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت»تۇر:«شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى چوڭ مۆجىزە»دۇر.
سەنئەت ئۆرۇپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ سىستېمىلاشقان مۇجەسسىمى بولمىش«ئۇن ئىككى مۇقام » ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ كۇندىلىك ھاياتىغا ھامراھ بولۇپ ،زىمىستان كۈنلەر ، ئاچچىق تۈنلەر ئىز قالدۇرغان خەستە كۆڭۈلەرگە شادلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان روھىي ئوزۇق بولۇپ كەلدى. خەلقىمىز خوشاللىق كۈنلىرىدىمۇ ، قايغۇ-ھەسرەتلىك ئاچچىق تۈنلەردىمۇ « ئون ئىككى مۇقام»غا ئىلتىجا قىلدى.
«ئون ئىككى مۇقام» قانداقتۇر بىرەر شەخىسنىڭ ياكى بىرەر قوۋمنىڭ ئىجىادىيىتى ئەمەس ، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدىكى كوللېكتىپ ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى. تارىغ سەھنىسىدە ئۈزۈلمەس دولقۇندەك ئۆزئارا ئىز بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق تۇرمىشى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا چۆل-باياۋان ،تاغ-دالا، دەريا-ئۆستەڭ ،يايلاق ۋە ئېتىز-ئېرىق كۈيلىرىنى،ئۇنۇڭغا مۇناسىپ ناخشا-قوشاقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەەن.بۇ كۈيلەر مېلودىيە ئالاھىدىلىكى بويىچە تۈركۈملىشىپ تەدرىجىي يۈرۈشلەشكەن مۇقام گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىل قىلغان.
ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام»ىنىڭ قېزىلىپ ،رەتلىنىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىر قېدىرخان ۋە خانىش ئاماننىساخان ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. كېيىن مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ۋە 1956-يىلى تۇنجى قېتىم ئۈنئالغۇغا ئاۋاز بېرىشى بىلەن نوتىغا ئېلىنىپ ،بىر پۈتۈن تەۋەرۈك سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى.
«ئون ئىككى مۇقام»دا ئىنسانىي مۇھەببەت ، گۈزەل ئارزۇ-تىلەكلەر،كىشىلىك ھاياتتىكى شاد-خوراملىق ،ھەسرەت-نادامەت، جۇدالىق،بىرلىك -ئىناقلىق، كۆڭۈل ئازادىلىك ، مۇڭ-يىغا، غەزەپ-نەپرەت، زۇلۇم-كۈلپەت قاتارلىق ئۆتمۈشلەر تۇرمۇش مەنزىرىلىرى ناخشا-مۇزىكا شەكلى بىلەن بايان قىلىنغان.
قىسقىىسى،«ئون ئىككى مۇقام» ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلىپ تۆرىدىن مۇققەدەس سەنئەت «ئىلاھى»سۈپىتىدە كىشىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت ۋە ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىپ كەلگەن:تىل بىلەن ئىزھار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈرەك تارىلىرىمىزنى تىترىتىپ ،پىسخىك ھالىتىمىز بىلەن ئورگانىك بىرلىشىپ كەتكەن.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى
باغداش تورىدىن ئىلىندى |
|