- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2725
- پۇل
- 3728
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2715
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2725
- UID
- 1
  
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2725
- پۇل
- 3728
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2725
- يازما
- 2715
|
مۇققەددىمە:بۇ تېما ھەقىقەتەن بىزدىكى چوڭ بۆسۈش ھىسابلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن،مۇزىكا ئىشلەشتە ئۇيغۇرچە پايدىلىنىش سېستىما ماتىرياللىرى يوق بولۇشتەك بۇ بۇ بوشلۇق ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى تەرىپىدىن خاتىمە بېرىلدى (نەزىريىۋى بىلىم ئەمەس بەلكى مۇزىكا ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتال تۈرىدىكى كەسپىي سېستىما دىمەكچى)،بۇ سېستىمىنى خەلقارادىكى ھەرقانداق مۇزىكانىت بىلسە كېرەك،سېستىما كىچىك بولغىنى بىلەن ئەھمىيىتى چوڭ بىر سېستىما.بىز بۇ بىرىنجى قەدەمنى مۇۋاپىقىيەتلىك باستۇق،ئەمدى دوسلارنىڭ قوللىشى بىلەن كەسپىي مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرىغا تۇتۇش قىلىمىز(بۇ خىزمەتنى باشلاپ بولدۇم ) دوسلارنىڭ قوللىشى ۋە ئورتاق تىرىششىچانلىغى ئاستىدا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر مۇزىكا ئىشلىرىغا ماكان مۇزىكا بىلىملىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرالايدۇ ئەلۋەتتە،شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمىز مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. دوسلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىغى ئاستىدا ماكان مۇزىكابىلىملىرى تورى مۇشۇ ساھەدىكى تور بەتلەرنىڭ سەركىسى بوپ قالىدۇ (بۇنىڭغا ئىشىنىمەن).بۇ كىچىك سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەكلا ھاياجانلاندىم،چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىشانىمىزدىكى تۇنجى قەدەم،سۆزىلگەنسىرى سۆزلىگىم كەلدى،ئەمدى توختاپ قالاي،قېنى بۇنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار،كۆپىرەك ئېيتىشسىڭىز بۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز
سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.
ئۈنگە ئىلىش ئۆيىڭىز ياكى ئائلىڭىزدىكى كىچىك تىپتىكى ئۈنگە ئىلىش ئايرىمخانىڭىزنىڭ مۇھىتى مۇۋاپىقمۇ؟ بۇنىڭدىكى بىر ئامىل ئاۋازنىڭ يىيىشىش ۋاختى،بىز تۆۋەندىكى پىراگىرامما ئارقىلىق بۇنى قىينالمايلا ھىسابلاپ چىقالايمىز(مۇشۇ پىراگىراممىنى ئۆزلەشتۈرىمەن دەپ 1 ئاي ۋاقىت كەتتى ).
نەزىريىۋى نوقتىنەزەردىن ئېيتقاندا ،بىز ئاۋازنىڭ بىر ئۆيدىكى ئەكىس سادا سانىنى ھىسابلاپ چىقالايمىز،بۇ ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىگى(ھەجىمى) ۋە ئۆيدىكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئاۋاز سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە،ئەكىس سادا ۋاختى ئۈنگە ئىلىش ئۆيىنىڭ ھەجىمى بىلەن تاناسىپ بولىدۇ.ئادەتتە ئاۋاز يىيىشىش ۋاختىغا ئىنىقلىغا بەرگەندە ئاۋاز ئاجىزلىشىپ dB60 قا چۈشكىچە كەتكەن ۋاقىت كۆزدە تۇتىلىدۇ. قىسقارتىلىپ :RT60 دەپ يىزىلىدۇ.
1922 - يىلى ئۆي ئاۋاز ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى Wallace Sabine بۇ ھىسابلاش فورمىلاسىغا ئېرىشتى.
)RT60=k(V/Sa يەنى مۇشۇ فورمىلا.
k قىممىتى بىر تۇراقلىق قىممەت بولۇپ،مىتىر بىرلىگىنى ئىشلەتكەندە قىممىتى :0.161،ئېنگىلىس چىسى قىممىتىنى ئىشلەكەندىكى قىممىتى:0.049.
Sa قىممىتى(sabinsنىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى)ئۈنگە ئىلىش ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئاۋاز سۈمۈرۈش قىممىتىنىڭ يىغىندا قىممىتى،ئوخشاش بولمىغان ماتىرىيالنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىنى سۈمۈرىش قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى تەجىربىلەر ئارىقىلىق ئىسپاتلانغان.
V بولسا ئۈنگە ئىلىش ئۆيىنىڭ ھەجىمى.
تۆۋەندىكى سېستىما نىيو يورك ئونۋىرستوتى (New York University) نىڭ RT60 ھىسابلاش سېستىمىسى.
ياسىغۇچى iotr Filipowski ،تۆۋەندىكى سېستىمغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنگە ئىلىش ئۆيىنىڭ سانلىق قىممىتىنى كىرگۈزۈپ ئاۋاز يىيىشىش ۋاختىنى ھىسابلاڭ.بۇ يەردە Piotr Filipowski قا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
بۇ سستىمىنى ئايرىم بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويدۇم .
كىرىش
بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ RT60 قىممىتىنى ھىسابلاپ چىقىپ نىمە قىلىمىز؟1- قەدەمدە :ئەگەر بىزنىڭ ئۈنگە ئىلىش ئۆيىمىزنىڭ ئۇزۇنلىغى 6 مىتىر،كەڭلىگى 5 مىتى،ئىگىزلىگى 2.4 مىتىر دەپ پەرەز قىلايلى.تام،پول،تورۇس ھەممىسى سىرلانغان بېتون دەپ ھىسابلايلى.2- قەدەمدە:بىز ئەمدى بۇ ئۆيگە گىلەم سالىلى،ئالدى ئارقا تاملارغا قىلىن ماتىرىيال ئىشلىتىلى،باشقا تام ۋە تورۇسقا يۇمشاق ماتىرىيال ئىشلىتىلى،1- قەدەمدىكىدەك ئەھۋالدا بۇ ئۆيدىكى ئەكىس سادا ئاۋازى تۈزىرەك ئەكىس سادا بولىدۇ.(رەسىمدىكىدەك كۆك رەڭ)ھەر قايسى ۋاقىت بۆلىگىدىكى ئاۋازنىڭ ئەكىس سادا(ئاۋاز يىيىشىش) ۋاختى 8 سېكىنوت ئەتراپىدا بولىدۇ.ئاۋاز خلىلا سۈزۈك ئاڭلىنىدۇ.2- قەدەمدىكىدەك بۇ ئۆينى زىننەتلىگىنىمىزدە شۇنداق چوڭ پەرىق بولىدۇ،(رەسىمدىكىدەك قىزىل رەڭ)125Hz تىكى ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى ئۇزۇرايدۇ،4kHz تىكى ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى قىسقىرايدۇ.چۈنكى يۇقۇرى چاستوتىلىق بۆلەكنىڭ ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى ئازىراق كىچىكلىگەن بولىدۇ.بەلكىم بەزىلەر بۇنداق ئۆي بولمايدىكەن دەيدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئەمەس،ئۇ پەقەت يۇقۇرى چاستوتا بۆلىگىدىلا ئازىراق< ئۆلۈك> چىقىپ قالدى ،ئەمىلىيەتتە 500Hz تىن تۆۋەن چاستوتىدا يەنىلا ياخشىلىنىپ كەتتى.
كۆرۈنمە يۈزى مۇشۇنداق
مانا بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتكىزىدىغان خاتالىق.بىز ھەممە دىقىتىمىزنى يۇقۇرى چاستوتا قىسمىغا مەركەزلەشتۈرۋالماسلىغىمىز كېرەك،ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدىكى ھەممە چاستوتا قىسمىنى ئەتراپلىق ئويلۇشىمىز كېرەك.يۇقۇرى چاستوتا قىسمىدا ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ۋاختى 0.3 سېكىنوت بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ.ئەگەر 0.4 ۋە 0.5 سېكىنوت بولسا مۇۋاپىق بولمايدۇ.چوقۇم ئۇنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
رەسىمدىكىدەك 125Hz دا 2سىكىنوت،250Hz دا0.92 سېكىنوت،500Hz دا 049 سېكىنوت،1000Hz دا 0.3 سىكىنوت،ئەڭ ئاخرىدا 4kHz دا 0.21 سېكىنوت بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.قەتتى يۇقۇرى چاستوتىغىلا ئىسىلىۋالماڭ!
ئەسلى مەنبە: http://www.johnlsayers.com/Pages/Reverb_Calc.htm
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ(كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ)
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
|