ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 420 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 3249|ئىنكاس: 16

ئۈنگە ئىلىش ئۆيىڭىزنىڭ ئاۋاز يىيىشىش ۋاختىنى ھىسابلاڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-1 21:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇققەددىمە:بۇ تېما ھەقىقەتەن بىزدىكى چوڭ بۆسۈش ھىسابلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن،مۇزىكا ئىشلەشتە ئۇيغۇرچە پايدىلىنىش سېستىما ماتىرياللىرى يوق بولۇشتەك بۇ بۇ بوشلۇق ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى تەرىپىدىن خاتىمە بېرىلدى (نەزىريىۋى بىلىم ئەمەس بەلكى مۇزىكا ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتال تۈرىدىكى كەسپىي سېستىما دىمەكچى)،بۇ سېستىمىنى خەلقارادىكى ھەرقانداق مۇزىكانىت بىلسە كېرەك،سېستىما كىچىك بولغىنى بىلەن ئەھمىيىتى چوڭ بىر سېستىما.بىز بۇ بىرىنجى قەدەمنى مۇۋاپىقىيەتلىك باستۇق،ئەمدى دوسلارنىڭ قوللىشى بىلەن كەسپىي مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرىغا تۇتۇش قىلىمىز(بۇ خىزمەتنى باشلاپ بولدۇم ) دوسلارنىڭ قوللىشى ۋە ئورتاق تىرىششىچانلىغى ئاستىدا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر مۇزىكا ئىشلىرىغا ماكان مۇزىكا بىلىملىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرالايدۇ ئەلۋەتتە،شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمىز مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. دوسلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىغى ئاستىدا ماكان مۇزىكابىلىملىرى تورى مۇشۇ ساھەدىكى تور بەتلەرنىڭ سەركىسى بوپ قالىدۇ (بۇنىڭغا ئىشىنىمەن).بۇ كىچىك سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەكلا ھاياجانلاندىم،چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىشانىمىزدىكى تۇنجى قەدەم،سۆزىلگەنسىرى سۆزلىگىم كەلدى،ئەمدى توختاپ قالاي،قېنى بۇنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار،كۆپىرەك ئېيتىشسىڭىز بۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز
سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.

                                                                                                                                                                                               

ئۈنگە ئىلىش ئۆيىڭىز ياكى ئائلىڭىزدىكى كىچىك تىپتىكى ئۈنگە ئىلىش ئايرىمخانىڭىزنىڭ مۇھىتى مۇۋاپىقمۇ؟ بۇنىڭدىكى بىر ئامىل ئاۋازنىڭ يىيىشىش ۋاختى،بىز تۆۋەندىكى پىراگىرامما ئارقىلىق بۇنى قىينالمايلا ھىسابلاپ چىقالايمىز(مۇشۇ پىراگىراممىنى ئۆزلەشتۈرىمەن دەپ 1 ئاي ۋاقىت كەتتى ).
نەزىريىۋى نوقتىنەزەردىن ئېيتقاندا ،بىز ئاۋازنىڭ بىر ئۆيدىكى ئەكىس سادا سانىنى ھىسابلاپ چىقالايمىز،بۇ ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىگى(ھەجىمى) ۋە ئۆيدىكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئاۋاز سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە،ئەكىس سادا ۋاختى ئۈنگە ئىلىش ئۆيىنىڭ ھەجىمى بىلەن تاناسىپ بولىدۇ.ئادەتتە ئاۋاز يىيىشىش ۋاختىغا ئىنىقلىغا بەرگەندە ئاۋاز ئاجىزلىشىپ dB60 قا چۈشكىچە كەتكەن ۋاقىت كۆزدە تۇتىلىدۇ.  قىسقارتىلىپ :RT60 دەپ يىزىلىدۇ.
1922 - يىلى ئۆي ئاۋاز ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ باشلامچىسى Wallace Sabine بۇ ھىسابلاش فورمىلاسىغا ئېرىشتى.

)RT60=k(V/Sa يەنى مۇشۇ فورمىلا.
k قىممىتى بىر تۇراقلىق قىممەت بولۇپ،مىتىر بىرلىگىنى ئىشلەتكەندە قىممىتى :0.161،ئېنگىلىس چىسى قىممىتىنى ئىشلەكەندىكى قىممىتى:0.049.
Sa قىممىتى(sabinsنىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى)ئۈنگە ئىلىش ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئاۋاز سۈمۈرۈش قىممىتىنىڭ يىغىندا قىممىتى،ئوخشاش بولمىغان ماتىرىيالنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىنى سۈمۈرىش قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى تەجىربىلەر ئارىقىلىق ئىسپاتلانغان.
V بولسا ئۈنگە ئىلىش ئۆيىنىڭ ھەجىمى.
تۆۋەندىكى سېستىما نىيو يورك ئونۋىرستوتى (New York University) نىڭ RT60 ھىسابلاش سېستىمىسى.
ياسىغۇچىiotr Filipowski ،تۆۋەندىكى سېستىمغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنگە ئىلىش ئۆيىنىڭ سانلىق قىممىتىنى كىرگۈزۈپ ئاۋاز يىيىشىش ۋاختىنى ھىسابلاڭ.بۇ يەردە Piotr Filipowski قا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
بۇ سستىمىنى ئايرىم بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلىپ قويدۇم .

كىرىش



بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ RT60 قىممىتىنى ھىسابلاپ چىقىپ نىمە قىلىمىز؟1- قەدەمدە :ئەگەر بىزنىڭ ئۈنگە ئىلىش ئۆيىمىزنىڭ ئۇزۇنلىغى 6 مىتىر،كەڭلىگى 5 مىتى،ئىگىزلىگى 2.4 مىتىر دەپ پەرەز قىلايلى.تام،پول،تورۇس ھەممىسى سىرلانغان بېتون دەپ ھىسابلايلى.2- قەدەمدە:بىز ئەمدى بۇ ئۆيگە گىلەم سالىلى،ئالدى ئارقا تاملارغا قىلىن ماتىرىيال ئىشلىتىلى،باشقا تام ۋە تورۇسقا يۇمشاق ماتىرىيال ئىشلىتىلى،1- قەدەمدىكىدەك ئەھۋالدا بۇ ئۆيدىكى ئەكىس سادا ئاۋازى تۈزىرەك ئەكىس سادا بولىدۇ.(رەسىمدىكىدەك كۆك رەڭ)ھەر قايسى ۋاقىت بۆلىگىدىكى ئاۋازنىڭ ئەكىس سادا(ئاۋاز يىيىشىش) ۋاختى 8 سېكىنوت ئەتراپىدا بولىدۇ.ئاۋاز خلىلا سۈزۈك ئاڭلىنىدۇ.2- قەدەمدىكىدەك بۇ ئۆينى زىننەتلىگىنىمىزدە شۇنداق چوڭ پەرىق بولىدۇ،(رەسىمدىكىدەك قىزىل رەڭ)125Hz تىكى ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى ئۇزۇرايدۇ،4kHz تىكى ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى قىسقىرايدۇ.چۈنكى يۇقۇرى چاستوتىلىق بۆلەكنىڭ ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى ئازىراق كىچىكلىگەن بولىدۇ.بەلكىم بەزىلەر بۇنداق ئۆي بولمايدىكەن دەيدۇ،ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئەمەس،ئۇ پەقەت يۇقۇرى چاستوتا بۆلىگىدىلا ئازىراق< ئۆلۈك> چىقىپ قالدى ،ئەمىلىيەتتە 500Hz تىن تۆۋەن چاستوتىدا يەنىلا ياخشىلىنىپ كەتتى.



مانا بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتكىزىدىغان خاتالىق.بىز ھەممە دىقىتىمىزنى يۇقۇرى چاستوتا قىسمىغا مەركەزلەشتۈرۋالماسلىغىمىز كېرەك،ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدىكى ھەممە چاستوتا قىسمىنى ئەتراپلىق ئويلۇشىمىز كېرەك.يۇقۇرى چاستوتا قىسمىدا ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ۋاختى 0.3 سېكىنوت بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ.ئەگەر 0.4 ۋە 0.5 سېكىنوت بولسا مۇۋاپىق بولمايدۇ.چوقۇم ئۇنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
رەسىمدىكىدەك 125Hz دا 2سىكىنوت،250Hz دا0.92 سېكىنوت،500Hz دا 049 سېكىنوت،1000Hz دا 0.3 سىكىنوت،ئەڭ ئاخرىدا 4kHz دا 0.21 سېكىنوت بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.قەتتى يۇقۇرى چاستوتىغىلا ئىسىلىۋالماڭ!
ئەسلى مەنبە: http://www.johnlsayers.com/Pages/Reverb_Calc.htm

رۇخسەتسىز  كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ(كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ)
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

Rank: 2

توردا
80 سائەت
شۆھرەت
56
پۇل
47
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
تىزىملاتقان
2008-5-20
نادىر
1
جۇغلانما
56
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-1 21:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ماكان ئەپەندى ئۇيغۇر كومپىيوتىر مۇزىكىچىلىقى ئۈچۈن كۆپ جاپا چىكىۋاتىسىز ئاللا قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىگەي باسقان يولىڭىزنى ئۇچۇق قىلغاي

Rank: 3Rank: 3

توردا
489 سائەت
شۆھرەت
393
پۇل
938
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
393
يازما
1144

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-1 22:50:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ماكان ئەپەندى ، سىز جىىق ئەجىر قىپسىز مۇشۇنداقلا  تەرەقى قىلىپ ماڭىدىغان  بولسا ئىشىنىمەنكى
ئۇيغۇر كومپىيوتىر مۇزىكىچىلىقى تېخىمۇ تەرەقى قىلىدۇ .   

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
71
پۇل
73
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
71
يازما
332
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-1 23:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  راس  گەپنى  قىلسام  بۇ  تېمىنى  30  قېتىمدىن  كۆپ  ئوقۇدۇم .  ئەمما ،  سەۋىيرەم  يەتمەيدىغاندەك  قىلىدۇ  چۈشۈنۈشكە .  بەك  سەۋىيىلىك  ماقالە  بوپتۇ ،  يارايسىز  ماكان  ئەپەندى ،  ئىشقىلىپ  چوقۇم  چۈشىنىۋالىمەن .  مۇشۇنداق  ئېسىل  تېما  بىلەن  تەمىنلىگىنىڭىزگە  رەخمەت ،  ھارمىغايسىز .

Rank: 1

توردا
83 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-19
تىزىملاتقان
2008-9-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 00:07:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىساپلاپ باقسام NaNدەپ چىقتى،بۇ نىمە مەنىدە؟

Rank: 1

توردا
83 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-19
تىزىملاتقان
2008-9-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 00:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا ھىساپلىسام 0.4چىقتى، تامغا ئاۋاز سۇمۇرۇش ماتىرىيالى ئىشلەتسەم بۇلامدۇ نىمە؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 00:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىماكان ~~~~~~~ قارىغاندا سىز تونۇرنىڭ سانلىق قىممىتىنى كىرگۈزگەن ئوخشايسىز،شۇڭا NAN دەپ چىققان گەپ (چاخچاق ھە~~~~راسلا يۇمۇر بولدى بۇ)

مەن ھىسابلىسام نورمال

Rank: 1

توردا
83 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-19
تىزىملاتقان
2008-9-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 00:42:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 1

توردا
83 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-19
تىزىملاتقان
2008-9-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 00:51:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندى مەن ناخشامنى يوللىيالمايۋاتىمەن  قۇشۇمچە دىتاللارنىمۇ ھەم،شۇڭا سىزگە بىۋاستە تىلىفۇن قىلسام نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز،بۇلامدۇ؟(نان سوۋغاقىلاتتىم)

Rank: 3Rank: 3

توردا
264 سائەت
شۆھرەت
260
پۇل
541
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
260
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 11:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندى تارتقان جاپايىڭىزغا تۇشلۇق ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي ، بۇ سېستىما ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن مەن ھىساپلاپ باقسام 0.91چىقتى .

سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر گەپ ئاۋازساندۇقىمىزدىن چىققان ئاۋازنىڭ hz سانىنى قانداق پەرىق ئېتىمىز مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭز  رەھمەت سىزگە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 13:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىپىڭىزنى چۈشەنمىدىممۇ ياكى ،سىز تەپسىلى دىمىدىڭىزمۇ؟چۈشەنگىنىمچە جاۋاب بېرەي .
Hz بولسا گېرتىس دەپ ئوقۇلىدۇ،يەنى چاستوتا دىگەن مەنىدە،تەۋرىنىش چاستوتىسىنىڭ بىرلىگى.
1Hz دىگىنىمىز 1 سېكىنوتتىكى تەۋىرىنىش چاستوتىسى،قانچە يۇقۇرى بولسا شۇنچە تېز تەۋرىنىدۇ.
ياڭراتقۇلاردىن چىققان ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىگى ئۆزىڭىز تەڭشىگەن چاستوتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك،شۇنداقلا ئاۋاز ياڭراتقۇڭىزنىڭ قۇۋىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن(ھەممىسى شەخسىي كۆز قاراش )
تەپسىلىي ماتىريال ئاختۇرۇپ باقاي

Rank: 3Rank: 3

توردا
264 سائەت
شۆھرەت
260
پۇل
541
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-9
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
260
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-2 13:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئاۋارە قىلدىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-1 13:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن تېما ئارلاۋىتىپ بۇنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم..... دەسلەپكى ئەمگەك ،دەسلەپكى باشلىنىش....
مۇشۇ تېما بويىچە ئاۋازغا ئىلىش ئۆيىنىڭ بۇ قىممەتلىرىنى ئوڭشاپ باققان دوسلار بارمىدۇ؟ دىگەن خىياللار تۇغۇلدى،شۇڭا قايتىدىن ئېنكاس يوللىدىم

Rank: 3Rank: 3

توردا
140 سائەت
شۆھرەت
222
پۇل
808
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
222
يازما
301
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 22:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھىم تېما ئىكەن، ئۆز ۋاقتىدا كۆرمەي قالغان ئوخشايمەن، مەن دەل ئاۋاز يىيىشتۈرۈشتە ئۆزەم رازى بولغۇدەك ئۈنۈمگە ئىرشەلمىدىم، قېنى بۇنى بىر سىناپ باقاي

Rank: 3Rank: 3

توردا
140 سائەت
شۆھرەت
222
پۇل
808
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
222
يازما
301
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 22:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئاۋاز ئېلىش ئۆيۈمنىڭ سانلىق قىممىتى 0.02 چىقتى، قېنى تېمىنىڭ مەزمۇنى بۇيچە ئاۋاز يىيشتۈرۈپ باقاي... رەھمەت ماكان ئەپەندى! سىناش ئەمىلىيەتكە ماس كىلىپ مەن رازى بولغۇدەك ئۈنۈمگە ئىرشەلىسەم سىزگە ئايرىم مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزىمەن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-12 03:24 , Processed in 0.215344 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش