يازغۇچى\布鲁斯小تەرجىمە \ماكان
يازغۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تەرجىمە قىلىندى،رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
بۇ باپتا بىز ئۈلگە ئالىدىغان يۇمشاق دىتاللار ۋە بىرىكتۈرمە چالغۇلۇق يۇمشاق دىتاللار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى.
ئۈلگە ئالىدىغان يۇمشاق دىگەن نىمە؟
بىز ئالدى بىلەن ئۈلگە ئالىدىغان دىتال بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى،ئۈلگە ئالىدىغان دىتال دىگىنىمىز: ئاۋازغا ئالىدىغان ئەسۋاب ياكى سايمان.
ئۇ سىرىتتىكى ئاۋازلار يەنى:ئايىرىپىلان ، پويىز، قۇشلارنىڭ سايرىشى، سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئىقىىشى قاتارلىق ئاۋازلىرىنى ئۈنگە ئىلىۋىلىپ ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئاۋاز چاستوسى شەكلىدە خام ماتىريال قىلىپ ئىشلەپ تەييارلاپ ئىشلىتىشكە تەييارلىنىدۇ.
ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتاللى بىلەن ئۈلگە ئىلىش قاتتىق دىتالى(ئەسۋاب ياكى سايمان) بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن چوڭ پەرىق بار.
ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتالى ئاساسەن ئۆزى قوللايدىغان ئاۋاز تۈسلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىچىگە ئىكىرىپ تەڭشەپ ئىشلىتىدۇ،ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ھازىر قوللايدىغان ئاۋاز تۈسلىرى :GIGA、SF2、AKAI、WAVE قاتارلىق شەكىللەردە .
تۆۋەندە بىز بىرنەچچە ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتاللىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى:
1-ئالدى بىلەن كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان Kontakt 2 نى تونۇشتۇراي

Native Instrumentsشېركىتىنىڭ ئۈلگە ئىلىىش يۇمشاق دىتالى Kontakt 2 دۇنيادىكى ئەڭ نوچى ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىسەك بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئىككى دانە DVD سېغىمىدا ئۆزى ئۈلگە ئىلىپ تەييارلانغا ئاۋاز تۈسى بار،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ،سۈزۈش،تەڭشەش يۇمشاق دىتاللىرى بار ،Loop ئاۋازلىرىنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى Loop ئاۋازلىرىنى كىسىپ چاپلاپ ھەر خىل چاپلىغىلى بولىدۇ.
ئۇ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى قوللايدۇ:GigaStudio、Akai、 S-1000/S-3000、 EXS24、 HALion、 AIFF、WAV、SND、Emu EOS/E4B、 EMU、E3/Esi、SoundFont2、REX I & II、 ACID、 Apple Loops、Roland S-5x、S-7x、Akai MPC、 Akai S-5000/S-6000、 MachFive、 Reason NN-XT、 LM4、MKII、 SDII (Mac) 、 Unity、 Akai MESA、 Pulsar + STS、 Ensoniq EPS/ASR、 Kurzweil、 Reaktor、 Map、 KOMPAKT、 INTAKT、 KONTAKT 1.0、 BATTERY 1 ۋە BATTERY2
Kontakt 2 ھەقىقەتەن ئىسىل يۇمشاق دىتال،دوسلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
2-Steinberg شېركىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈلگە ئىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتالى Halion

Halion خۇددى Kontakt ئوخشاش ناھايىتى ئىسىل ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتالى ،ئۇمۇ كۆپ ساندىكى ھەر خىل ئاۋاز تۈسلىرىنى قوللايدۇ.
ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ Halion شەكلىدىكى ئاۋاز تۈسلىرى بار .
ھازىر Halionنىڭ ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى 3.0،پېقىر ماكان مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ.
HALion 3 نىڭ ئەڭ يېڭى باشقۇرۇش سايمنلىرى ۋە ئىقتىدارى بار،يەنى پۈتۈن ھۆججەتلەرنى كۆرۈش(تەكشۈرۈش) ئىقتىدارى،سانلىق مەلۇمات ئامبىرى،ئىزدەپ تېپىش ئىقتىدارى،ئاۋاز مۇندەرىجە سېستىمىسى قاتارلىقلار.
HALion 3 نىڭ يەنە ئاۋازلارنى ئىكىرىش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى.يەنە Kurzweil, ZeroX BeatCreator ۋەKontakt شەكلىدىكى ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى قوللايدىغان بولدى.
ئۇنىڭ 27 خىل ئاۋاز ئۈنۈمى شەكلى ۋە Steinberg ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ بەرگەن ئەستە ساقلاش تېخنىكىسىRAMSave بار.
Halion ھەقىقەتەن ئىسىل يۇمشاق دىتال ،دوسلارنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
3-GIGA تۈسىدىكى ئاۋازلارنى تۇتالايدىغان GIGA Studio

1998-يىلى NemeSys Music Technology شېركىتى GIGA Sampler ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۈلگە ئىلىش قاتتىق دىتاللىرى يەنى ئەسۋابلىرىنى ئىشلەيدىغان زاۋۇدلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.شۇنىڭدىن باشلاپ كومپىيۇتىر مۇزىكىسىنىڭ يېڭى بىر دەۋىرى باشلاندى.GIGA Sampler يۇمشاق دىتالىنىڭ مەيدانغا كىلىشى مۇزىكا ئىشلەيدىغان كومپىزېتۇرلارنى قىممەت باھالىق قاتتىق دىتال،يەنى ئەسۋابلار بىلەن ئۈلگە ئىلىش قىيىنچىلىغىدىن قۇتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن PC كومپىيۇتىرلىرىنىڭ ئاۋاز كارتىسىدىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتىرنىڭ بىلەن ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەپ مۇزىكا ئىشلەيدىغان ئېقىم مەيدانغا كەلدى.2001-يىلى Giga Studio بازارغا سېلىندى.بۇ يۇمشاق دىتالنى دۇنياغا كىلىشى ،قىممەت باھالىق ئەسۋابلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ كومپىيۇتىردا مۇزىكا ئىشلەشنى ئاددى پۇخرالارمۇ قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە ئەكەلدى.
GIGA شەكلىدىكى ئاۋاز تۈسلىرى ھەر بىر مۇزىكا ئەسۋسبلىرىنى قاپلىدى،باشقا ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتاللىرى GIGA شەكلىدىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى قوللىسىمۇ لىكىن Giga Studio غا قارىغاندا ئاۋاز سۈپىتى يەنىلا Giga Studio قا قارىغاندا چىرايلىق بولمىدى.
Giga Studio نىڭمۇ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىمۇ بار، ئۇنى ئىشلىتىۋاتقاندا كومپىيۇتىر ئۆچۈپ قالىدىغان،ئىشلىتىش قىيىن بولىدىغان مەسىلىلەر ئۇنىڭ كامچىلىگى.لىكىن ئۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنىڭ چىرايلىقلىغىغا ھەرقانداق يۇمشاق دىتال يىتەلمەيدۇ.
ھازىر Giga Studio نىڭ قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىق نۇسخىسى Cubaseۋە Nuendo دا ئىشلىسىمۇ ،لىكىن ئۇنىڭ كامچىلىگى شۇنداق كۆپ.
شۇڭا ھازىر Giga Studio نى ئىشلىتىدىغانلار ئازلاپ كەتتى. كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا Kontakt ۋە Halion نى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
4-ئوخشاشلا شۇنداق ئىسىل تەقلىدىي ئۈلگە ئىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتالى Vsampler 3.5

Vsamplerنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى 3.5،Vsamplerبولسا ھەرخىل شەكىلدىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى قوللايدىغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال.
مەسىلەن:WAV、AIFF、SoundFont、HALion、GIGA、TTI、LM-4、AKAI S1000/S3000/S5000/S6000 قاتارلىق.
256 بىرىكمە ئاۋاز ۋە 16 ئىستىرولۇق ئاۋاز چىقرىش يولى بار،ئىچكى قىسمىدا ADSRئورىغۇچى ،دولقۇن سۈزگۈچ،ئاۋاز ئەبجەش قىلىش يەنە ئاۋاز بىرلەشتۈرگۈچ،خور،ئاۋاز سوزۇش قاتارلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش قىستۇرمىلىرى بار(ئىقتىدارى بار).ئاۋازلارنى ئوقۇتۇش ۋە ئۆز -ئارا ئالماشتۇرۇش شۇنداق ئەپلىك.Vsample ئىقتىدارى تولۇق ئۈلگە ئىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتالى.
5-IK Multimedia شېركىتنىڭ ئۈلگە ئىلىش بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى :SAMPLE TANK 2

Sampletank2 نى ئىشلەپ چىققانلار بۇ يۇمشاق دىتالىمىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل ئۈلگە ئىلىش يۇمشاق دىتالى دەپ تەرىپلەيدۇ.
Sampletank2 جەمئى: پىراگىرامما +ئاۋاز تۈسى بولۇپ جەمئى 8 دانە CD دىن تەركىپ تاپقان 2.2GB لىق سىغىم. ئۇنىڭدىن باشقا IK شېركىتىنىڭ Sampletank شەكلىدىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى قولايدىغان ئاۋاز تۈسلىرى قوشۇلغان.ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ 32 خىل DSPئۈنۈم ھاسىل قىلىش قىستۇرمىسى ئىچىدە بار.ھەر بىر ئاۋاز يولىدىكى ئاۋاز تۈسىگە 5 خىل ئۈنۈم بەرگىلى بولىدۇ.ئىقتىدارى تولۇق دوسلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تەۋىسسىيە قىلىمەن.
6-MOTO شېركىتىنىڭ ئۈلگە ئىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتالى MachFive

MachFive ئىقتىدارلىق ئۈلگە ئىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتالى ،ئۇ :Akai 、SampleCell、HALion、EXS24、Giga、 Kurzweil K2xxx、 E-mu、Roland、 AIFF、SDII、WAVE、Creamware Pulsar、 ACID、REX قاتارلىق شەكىللەردىكى ئاۋاز تۈسلىرىنى قولايدۇ،ئىچكى قىسمىدا كۈچلۈك ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچ ۋە ئاۋاز تەڭشەش ئۈسكىنىلىرى بار.ئاۋزلىرىنى خالىغانچە سۆرەپ ئىكىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئۆزىگە خاس 32bit UVI بىر تەرەپ قىلىش مېڭىسى يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاۋاز بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئۇ ئايلانما ئاۋازلىق ئىقتىدارنى قوللايدۇ ،ھەقىقىي كۆپ يوللۇق ئاۋاز چىقىرىش ئىقتىدارغا ئىگە.
7-LOOP ئاۋزىنى تەھرىرلىگۈچ INTAKT

Native Instruments شېركىتى ئىشلىگەن مەخسۇس ACID شەكلىدىكى ئاۋازلارنى چاستوتلىرىنى تەھرىرلەيدىغان قىستۇرما يۇمشاق دىتال.
ئۇنىڭ بىلەن ئاۋاز چاستوتلىرىنى تەھرىرلەر خۇددى MIDI ئاۋازلىرىنى تەھرىرلەشكە ئوخشاش قۇلايلىق.
ئىنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ LOOP ئاۋزالىق ئاۋاز چاستوتلىرىنى كىسىپ پارچىلاپ رىيالنىڭ ھەر بىر تىلىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ۋەر بىر پارچە ئارقىلىق LOOP ئاۋازلىرىنى ياسايدۇ. INTAKT ئارقىلىق ياسالغان LOOP ئاۋازلىرى پاس بىلەن ماس قەدەمدە بولىدۇ.
8-يەنە بىر خىل ئاۋازلارنى كىسىپ پارچىلاشنى ئاساس قىلغان ئۈلگە ئالغۇ pHATmatik Pro

pHATmatik Pro ئاۋازلارنى كىسىپ پارچىلاشنى ئاساس قىلغان ئۈلگە ئالغۇ ،ئۇ رېتىمى مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى بىلەن بىر سۆرەتتە ماڭىدۇ.
ئاۋاز دولقۇنى ۋە پاس رېتىمىغا قاراپ ئاۋازلارنى كىسىدۇ،ئەڭ ئىسىل ئالاھىدىلىگى:ئاۋز چاستوتىلىق ھۆججەتلەرنى كىسىپ MIDI شەكلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.
بىز بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىدىكى ئاۋاز چاستوتىلىق ھۆججەتنى MIDI ھۆججەتىگە ئۆزگەرتىپ تەھرىرلىيەلەيمىز.بۇ LOOP ئاۋازلىرىنى قايتا تەھرىرلەشكە شۇنداق ئەپلىك.
ئاساسلىق ئۈلگە ئالىدىغان يۇمشاق دىتاللار بىلەن بىز تونۇشۇپ ئۆتتۇق،ئەگەر GIGA、SF2、ACID قاتارلىق ئاۋاز ھۆججەتلىرىگە ئۇچۇرساق قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسى جەھەتتىن بىلىۋالدۇق.
تۆۋەندە بىز مۇزىكا ئىشلەشتە بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرىكتۈرمە چالغۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى،بەزىلىرىنىڭ ھەجىمى چوڭ،بەزىلىرىنىڭ ھەجىمى كىچىك لىكىن ئاۋاز تۈسىنىڭ سۈپىتى ياخشى،بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىلى.
9-Native شېركىتى ئىشلەپ چىققان داڭلىق بىرىكتۈرمە چالغۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتال Absynth ، ئاۋاز تۈسى دەرىجىدىن تاشقىرى چىرايلىق،ئۇ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى بىرىكتۈرمە يۇمشاق دىتالى دەپ نام ئالغان،ئۇنىڭ ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى 4.0

10-Spectrasonics شېركىتى چىقارغان خيالى دۇنيا بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى Atmosphere،ئۇ 6 دانە CD چوڭلىغىدا ،ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسلىرى ئالامەت چىرايلىق ،پېقىر ماكان مۇشۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىدۇ،مۇزىكىنىڭ باشلىنىش قىسىمىغا قويسىڭىز ئالامەت چىرايلىق ئاۋاز تۈسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ Spectrasonics شېركىتىنىڭ Trilogy、Stylus قارتلىق يۇمشاق دىتاللىرى بىلەن بىرگە 3 چوڭ ھۆكۈمران دەپ نام ئالغان.

11-NI شېركىتىنىڭ ئورگان (管风琴) بىرىكتۈرمە چالغۇلۇق قىستۇرما يۇمشاق دىتالى B4،ئۇ ئىنتايىن ياخشى ئورگان (管风琴) تىپىدىكى ئاۋاز مەنبەسى، نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى B5.

12-Rob Papen ۋە Concrete FX بىرلىكتە ئىشلەپ چىققان ئىلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى Blue، ئاۋاز تۈسى 4 خىل ئۇسۇل بىلەن بىرىكتۈرۈلگەن. FM بىرىكتۈرۈەش، دولقۇنسىمان ياساپ بېرىكتۈرۈش، كىمەيتىپ بېرىكتۈرۈش(قىسقارتىپ بىرىكتۈرۈش)،ئوخشاش ئورۇندا بۇزۇپ بىرلەشتۈرۈش(ئوخشاش نوقتىنى بۇزۇپ بىرلەشتۈرۈش).ئاۋاز تۈسى ئىنتايىن چىرايلىق، ئۇنىڭ :دولقۇن سۈزگۈچىنى،تىتىرتىش ئىقتىدارىدىن،ئايلانما ھاسىل قىلىش ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاۋاز تۈسىنى تەھرىرلەپ ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ئاۋاز تۈسىگە ئېرىشەلەيمىز.

13-YAMAHA نىڭ كىلاسسىك بىرىكتۈرمە چالغۇسى CS80 ئۇ ئەڭ ۋايغا يەتكەن بىرىكتۈرمە ئاۋازلىق بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى ،CS80V ئەڭ دەسلەپكى بىرىكتۈرمە چالغۇنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ساقلاپ قالغان.شۇنداقلا يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەن.
ئەڭ يېڭى ئالاھىدىلىگى:باشتىن ئاخىرى(سەپنىڭ بىردەكلىگىنى تەھرىرلەش) بىردەكلىگىنى تەھرىرلەش ،كۆپ خىل ئاۋاز تۈسى شەكلى،ئىستىرولۇق ئاۋاز شەكلى قاتارلىق ئالاھدىلىكلەرگە ئىگە.

14-Audionerds گوروپىسى ئىشلەپ چىققان كىچىك تىپتىكى ئاۋاز مەنبەسى قىستۇرما يۇمشاق دىتال elay Lama،ئۇ ئاۋازلارنى بىركىتۈرۈش ئارقىلىق لامانىڭ بۇددا لومىنى ئوقىغان ئاۋازلىرىنى چىقارغىلى بولىدۇ،بۇددا لومىنىڭ ئوقۇلىشىغا ئەگشىپ يۇمشاق دىتالنىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى لاما 3D ئۆلچەملىك ھالەتتە ھەركەت قىلىدۇ.قىزىقارلىق يۇمشاق دىتال.

15-دېسكو ئاۋاز ئۇسلۇبىدىكى قىستۇما يۇمشاق دىتال iscoDSP Discovery،ئۇ دېسكوخانىدىكى ئۈنۈمگە تەقلىدىي قىلىپ ئىشلەنگەن VSTi لىق بىرىكتۈرمە يۇمشاق دىتال.

16-ئاز سانلىق مىللەتلەر چالغۇلىرىنىڭ ئاۋاز مەنبەسى EMM-Knagalis،ئۇ نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چالغۇلىرىنىڭ ئاۋاز مەنبەلىرىنى ھازىرلىغان،مەسىلەن:sitar(ھىندىستاننىڭ گىتتارغا ئوخشاپ قالىدىغان تارىلىق سازى)،ھىندىستاننىڭ بارىبىت سازى(چارتار) قاتارلىق نۇرغۇن سازلار.

17-ئىلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە چالغۇ ئاۋاز تۈسىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال:FireBird،ئۇ ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە ۋە ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنى ئىشلەشكە ئىشلىتىدىغان VSTi شەكلىدىكى كىچىك قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئاۋاز تۈسى ھەقىقى ۋە چىرايلىق،ئىنتايىن ياخشى كىچىك تىپتىكى بىرىكتۈرمە چالغۇلۇق يۇمشاق دىتال.

18-Native شېركىتى چىقارغام داڭلىق FM تىپلىق بىرىكتۈرمە چالغۇ FM7،ئاۋاز تۈسىنىڭ نوچىلىغىغا گەپ كەتمەيدۇ.ئۇ بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا مۇزناسىپ،ئەڭ يۇقۇرى نەشىرى FM8 يېقىندا بازارغا سىلىندى.دوسلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.

19-KORG شېركىتى ئىشلەپ چىققان ئىلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى legacyCell،بۇ KORG نىڭ ئىچىدە قىستۇرما يۇمشاق دىتالنىڭ ئىچىدە Polysix、MS-20、WAVESTATION قاتارلىق 3 خىل VSTi بار.ئاۋازلىرى ئىنتايىن ئىسىل،ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشتىكى ئىنتايىن ياخشى ياردەمچىڭىز بولالايدۇ.

20-Linplug شېركىتى چىقارغان تەقلىدىي ئاۋازلىق ئۈلگە ئىلىش بىرىكتۈرمە چالغۇلۇق VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتال:CronoX،ئاۋاز تۈسى ھەقىقەتەن چىرايلىق،ئاۋاز تۈسلىرىمۇ كۆپ،قاتتىق دىتاللىق يەنى ھەقىقىي بىرىكتۈمە چالغۇدىن قىلىشمايدىغان يۇمشاق دىتال.

21-تومانلىق بىرىكتۈرمە چالغۇM42،ئاۋاز تۈسى ئىنتايىن خىيالى يەنى غەيرى ،ئۇ بەزى غەيرى فانتازىيىلىك ،ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كىلىدۇ.

22-Mtron_V4.1 بولسا تەقلىدىي ئاۋاز مەنبەسى بولۇپ كونا ئۇسلۇبتىكى ئاۋازلارنى ئاساس قىلغان VSTi لىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال.ئۇنى ئىشلەتسىڭىز بۇرۇنقى كونا ئاۋاز تۈسلىرى بىلەن سىزنى تەمىنلەيدۇ.

23-ReFX شېركىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرىكتۈرمە چالغۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتالى Nexus ROM،ئۇنىڭ ھەجىمى :4.8G،ئاۋاز تۈسىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ئىسىل بولۇپ ئۇسۇل مۇزىكىلىرىنى ئىشلەشكە بەك مۇۋاپىق كىلىدىغان VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتال،ئۇنىڭ ئۈستەل يۈزى كۆرىنىشىنى 5 خىل رەڭگە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،ئىنتايىن ئىسىل بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتال.

24-Synthepolis شېركىتى چىقارغان ئىلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە چالغۇ nrg-A ،ئۇ قوش ئاكوردلۇق تەقلىدىي بىرىكتۈرمە چالغۇ.باشقا بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتاللىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئاۋاز تۈسلىرى بار.ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ سىلكىتىش (تەۋرىتىش)ئىقتىدارى ۋە دولقۇن سۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ئاۋاز تۈسىگە ئېرىشىمىز.

25-ھىقىقىي بىرىكتۈرمە چالغۇلار بىلەن ئورۇن تالىشالايدىغان بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتال Pentagon I، ئۇ چەتئەل كەسپىي ژورناللار تەرىپىدىن ھەقىقىي بىرىكتۈرمە چالغۇلارغا ئەڭ ئوخىشاش قىلىپ ياسالغان VSTi بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى دەپ نام ئالغان.ئۇنىڭ سىرىتقى يۈزى ھەقىقىي بىرىكتۈرمە چالغۇغا ئوخشاپلا قالماي ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلەنگەن،ھەقىقىي بىرىكتۈرمە چالغۇ بىلەن ھىچقانداق پەرىقى يوق.

26-Native شېركىتى ئىشلەپ چىققان يەنە بىر FM تىپىدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى PRO-53،ئۇ ئەڭ تېز سۆرەتتە ئاسانلا MIDI قاتتىق دىتاللىرىنى كونتىرول قىلالايدۇ،Pro-53 نىڭ باھاسى 199 ئامىرىكا دوللىرى.

27-LinPlugشېركىتىنىڭ ساكىس ئاۋاز مەنبەسى Saxlab،ساكىس مۇزىكىلىرىنى ئىشلەشتىكى ياخشى ھەمرا.

28-ئىلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە چالغۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتال SUPER WRUE،ئاۋاز تۈسى ھەقىقەتەن ئىسىل،ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكا ئىشلەشكە مۇۋاپىق كىلىدىغان VSTi لىق قىستۇرما يۇمشاق دىتال.

29-ئىلىكتىرونلۇق ئاۋاز تۈسى تىپىدىكى كىچىك قىستۇرما يۇمشاق دىتال TM-200X،ھەجىمى كىچىك،ئاۋاز تۈسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە يارايدىغان ئاۋازلارنى ئاسانلا تاپالايسىز.

30-دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسىل بىرىكتۈرمە يۇمشاق دىتال Vanguard،ئاۋاز تۈسى ئىنتايىن ياخشى،يەنە كىلىپ ئاۋاز تۈسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىگى بار،ھەجىمى كىچىك ئەمما ئاۋز تۈسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئىسىل بولغان VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتال.

31-ئىلىكتىرونلۇق تەقلىدىي بىرىكتۈرمە يۇمشاق دىتال Virsyn TERA،ئۇ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا :مودىللاشتۇرۇش،دولقۇن شەكلى ھاسىل قىلىش،چاستوتا سىپىكتىرى،FM،تەقلىدىي قىلىش،رېزونانسلىق پەللە چاستوتىسى،فىزىكىلىق قىلىپ ياساش قاتارلىق 6 خىل شەكىلدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇلۇق يۇشاق دىتال،ئاۋاز تۈسى ئىنتايىن ياخشى،كونتىرول قىلىش ئىنتايىن قۇلايلىق.

32-مىللىي ئاۋاز تۈسىدىكى بىرىكتۈرمە چالغۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتالى Volko Baglama, Baglama يەنى saz دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ، تۈركىيەنىڭ قەدىمىي مىللىي چالغۇسى،2مىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى بۇ سازنىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنى بۇ بىرىكتۈرمە چالغۇ ئارقىلىق چالالايمىز.

33-ئاۋز تۈسى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسىل تەقلىدىي بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتال z3ta+،ئىلىكتىرونلۇق بىرىكتۈرمە چالغۇ تىپىدىكى قىستۇرما يۇمشاق دىتال،z3ta+ نىڭ ئاۋاز تۈسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.

34-Zero شېركىتىنىڭ ئاق شاۋقۇن دەپ نام ئالغان تەقلىدىي بىرىكتۈرمە چالغۇ Zero Vector،ئاۋاز تۈسى ئۆتكۈر،ھەقىقىي،ھەقىقىي بىرىكتۈرمە چالغۇلار بىلەن قىلىشمايدۇ.

|