ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 391 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1198|ئىنكاس: 2

VSTI、DX、DXI نىڭ مەنىسى نىمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1999 سائەت
شۆھرەت
2218
پۇل
2893
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2218
يازما
2614

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-24 17:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-DX
DX دىگىنىمىز DirectX نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى،ئۇ مېكروسوفىت شېركىتىنىڭ DirectX ئۇلاش ئېغىزىنىڭ تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان يۇمشاق دىتال ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى.ئاساسى جەھەتتىن قىستۇرما يۇمشاق دىتال ھالىتىدە بولىدۇ،ھازىرقى PC كومپىيۇتىرىدا كەسپىي  مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىرىدا  ئىشلەيدۇ، WDM لىق قوزغۇتۇش پۇراگىراممىسىنى قوللىغان ئاساستا ئاۋاز كىچىكىشنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىلىپ يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  DX ئۈنۈم ھاسىل قىلىش يۇمشاق دىتالى مۇزىكا ئىشلەيدىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىش  يۇمشاق دىتاللىرنىڭ ھەممىسنى قاپلىغان بولىدۇ،DirectX تېخنىكىسىنىڭ كىڭىيشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان چوڭ- كىچىك شېركەتلەر نۇرغۇنلىغان DX ئۈنۈم ھاسىل قىلىش يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەپ چىقماقتا.بەزىلىرى شۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە قوللىنىلىشچان ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش يۇمشاق دىتاللىرىدۇر،ھەتتا ھوللىۋودنىڭ كىنۇ ئىشلىشىگىمۇ سىڭىپ كىرمەكتە ھەم ئىشلەتمەكتە.

DX نى ئىشلىتىدىغان مۇزىكا ئىشلەش قىستۇرما يۇمشاق دىتالىلارنى بىز : DX يۈرەك دەپ ئاتاپ تۇرىلى ،DXنى يۈرەك قىلىدىغان دىتاللار   ھەر قانداق بىر ئۆزىگە ئوخىشاش تىپتىكى يۇمشاق دىتاللاردىن كۆپ يەنى :Samplitude,Cubase,Sound Forge,Wave Lab,SONAR,Cakewalk,FruityLoops,Orion قاتارلىقلار (ھەممىسى DX نى يۈرەك قىلىدۇ،مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم، 宿主 نى بۇ  مەزمۇنلارغا ماسلاشتۇرۇپ  يۈرەك دەپ تەرجىمە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم).DX ئۈنۈم ھاسىل قىلىش يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ھەممىسى ئاۋاز چاستوتىسى شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەيدۇ،شۇڭا ئاۋاز چاستوتىلۇق يوللارغا قاچىلىنىدۇ،MIDI يولىدا DX ئىشلەنمەيدۇ.

2- VSTi
VSTi  بولسا Virtual Studio Technology Instruments نىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى،ئۇ Steinberg نىڭ تەقلىدىي مۇزىكا تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىدۇ،ئاساسى جەھەتتىن قىستۇرما يۇمشاق دىتال ھالىتىدە بولىدۇ،ھازىرقى نۇرغۇنلىغان مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرىدا ئىشلەيدۇ،ASIO قوزغۇتۇش پۇراگىراممىسىنى قوللايدىغان قاتتىق دىتاللار ئاساسىدا ئاۋاز كىچىكىشنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىلىپ ، يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. VSTi نىڭ ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئىرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ASIO نى قوللايدىغان ئاۋاز كارتىسى ئىشلىتىش كېرەك.
VSTi لىق بىرىكتۈرمە چالغۇ يۇمشاق دىتالى بىلەن VST ئاۋاز ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچ ئوخشىمايدۇ،ئۇ MIDI يولىنى كونتىرول قىلىدۇ،ھەر بىر VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتال سىزنى نۇرغۇنلىغان ئاۋاز تۈسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ  ئوخشاش بولمىغان : ئاۋازلارنى بىرىكتۈرۈش شەكلى ،دولقۇن ئۆلچىگۈچلۈك بىرىكتۈرمە چالغۇسى،تەقلىدىي بىرىكتۈرمە چالغۇسى،FM بىرىكتۈرمە چالغۇسى ئايرىم بولىدۇ(ئوخشاش بولمايدۇ)،  لىكىن  VSTi  بۇلارغا ئورتاق ئىشلەيدۇ.

VSTi قىستۇرما يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىدىغان مۇزىكا ئىشلەش قىستۇرما يۇمشاق دىتالىلارنى بىز :VSTi يۈرەك دەپ ئاتاپ تۇرىلى،كۆپ ئۇچۇرايدىغانلىرى Samplitude ،Cubase VST32,Cubase SX,FruityLoops,Orion,Project5 قاتارلىقلار،بۇلار VSTi  سىز ئىشلىمەيدۇ.
  VSTi  نى پەقەت  MIDI يولىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

3-DXi
DXi بولسا DirectX Instrument نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى،Cakewalk شېركىتىنىڭ DirectX تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ مۇستەققىل تەتقىقى قىلىپ ياسالغان يۇمشاق دىتاللىق بىرىكتۈرمە چالغۇ تېخنىكىسى.ئۇ قىستۇرما يۇمشاق دىتال ھالىتىدە مەۋجۈت بوپ تۇرىدۇ،ھازىر پەقەت SONAR دىلا ئىشلەيدۇ(دىققەت:Cakewalk بولسا DXi نى قوللىمايدۇ،Cakewalk بولسا 9.0 نەشىرىگە كەلگەندە ئىشلەپ چىقىرىشتىن توختاپ ئىسمىنى SONAR غا ئۆزگەرتكەن). WDM لىق قوزغۇتۇش پۇراگىراممىسىنى قوللىغان ئاساستا ئاۋاز كىچىكىشنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىلىپ يۇقۇرى سۈپەتلىك ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
DXi يۇمشاق بىرىكتۈرمە چالغۇ دىتالى بىلەن DX ئۈنۈم ھاسىل قىلىش دىتالى ئوخشىمايدۇ،ئۇ MIDI يولىنى كونتىرول قىلىدۇ ،ھەر بىر DXi قىستۇرما يۇمشاق دىتال سىزگە نۇرغۇنلىغان ئاۋاز تۈسلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان DXi قىستۇرما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ  ئوخشاش بولمىغان : ئاۋازلارنى بىرىكتۈرۈش شەكلى ،دولقۇن ئۆلچىگۈچلۈك بىرىكتۈرمە چالغۇسى،تەقلىدىي بىرىكتۈرمە چالغۇسى،FM بىرىكتۈرمە چالغۇسى ئايرىم بولىدۇ(ئوخشاش بولمايدۇ)،  لىكىن DXi بۇلارغا ئورتاق ئىشلەيدۇ.

Rank: 1

توردا
82 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-27
تىزىملاتقان
2008-3-3
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
100
يوللىغان ۋاقتى 2008-4-24 22:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ياخشى تېما
     رەھمەت

Rank: 1

توردا
29 سائەت
شۆھرەت
10
پۇل
164
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
تىزىملاتقان
2011-4-19
نادىر
0
جۇغلانما
10
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 22:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە جاپا چىكىپسىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-1 10:11 , Processed in 0.203751 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش