ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 419 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 865|ئىنكاس: 0

]«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ يەرلك مۇقاملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2019 سائەت
شۆھرەت
2278
پۇل
2994
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2278
يازما
2627

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-2-29 16:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ يەرلك مۇقاملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى



ئەركىن نىياز



ئۇيغۇر مۇقاملىرى مەنبە - ئېقىملىرى،ئەلنەغمە ۋە كىلاسسىك شەكىللىى،بەدىئى قۇرۇلمىسى ۋە قىممىتى جەھەتتىن ئاجايىپ جەلىپكار خەزىنە.ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىنى ياراتقان«ئۇيغۇر ئەدىبىياتى خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر بۇددا مانىزىم تەسۋىرى سەنئەت خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ خەزىنىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ئۇنىڭ قەدىمقى مەنبە -ئېقىملىرى__ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇنىڭ مىللەتلىك تەركىۋىنى ھاسىل قىلغان يىراق تارىخى  ئەجدادلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدىكى مۇرەككەپ تارىخى كەچۇرمىشلىرى ئىچىدە ئۈزۈلمەي كەلگەن جانلىق مۇزىكا مەكتىۋى.ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخىدا تاۋلانغان مۇتەپپەككۇر سەنئەت ئۇستازلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تارىخى كارىدور. يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋېغىدىكى سېھىرلىك سەنئەت بېغى.ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا، كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرىدىغان مۆجىزىدار ھىكمەتنامە! بىز ئۆز خەلقىمىزنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ مۇقاملارنىڭ مىللى مەدىنىيەت ئاساسلىرىنى بىلىشىمىز مۈمكىن ئەمەس.مۇشۇ نوقتىدىن ئالغاندا ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارقىلىق شەرققە تارقىلىشى شۇنداقلا يىپەك يولىنى بويلاپ غەرپ ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ھەرگىزمۇ ئابىستىراكىت ئۇقۇم ئەمەس،ئۇنىڭ يىلتىزى تىرەن دەرەخكە ئوخشاش تەرەپ-تەرەپكە شاخلاپ، ئۆز مىۋىسىدىن ئۇيغۇرلارنى ۋە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى بەھرىمان قىلغانلىغى ھەممىگە ئايان تارىخىي ھەقىقەت. ئۇنىڭ مەنبەسى مول بۇلاق سۈيىدەك كۈۋەجەپ ئۆز تامچىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى ۋە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرغانلىغى جامائەت ئېتىراپ قىلغان پاكىت. «ئون ئىككى  مۇقام» قەدىمدىن تارتىپ كېلىۋاتقان كۈيلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىگى ئاساسىدا   راۋاج تاپقان بىر يۈرۈش ناخشا-مۇزىكىلارنى شۇندەقلا مۇزىكا شىۋىلىرى يەنى كۇچا،قەشقەر، دولان ناخشا مۇزىكىلىرىنى مەنبە قىلغان.ئۇنىڭدا زامان- ماكان  ئامىللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر  خەلقىنىڭ ياشاش شەكلى،مىللى خاراكتىرى، ئەدەپ - ئەخلاق چۈشەنچىلىرىدىن كېلىپ چىققان مىللىي مىلودىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن . بۇ ئالاھىدىلىك ئۆزگىچە مۇزىكىلىق شەكىللەر، ئورۇنداش ئادەتلىرى جۈملىدىن خاس چالغۇلار بىلەن گەۋدىلىنىدۇ. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام»ىنىڭ ھەر بىر مۇقامى چوڭ نەغمە،داستان، مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، ھەر بىر قىسىم تۆت ئاساسىي سۇتۇق ۋە بىر قانچە تۈرلەنمە كۈيلەردىن تەركەپ تاپقان بولۇپ، بۇ كۈيلەرنىڭ ھەر بىرى مەزكور مۇقامدىكى ئاساسىي كۈينىڭ شىۋىسى بولۇش بىلەن بىللە يەنە گارمونىيىلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كۈيمۇ بولالايدۇ.«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ھەقىقى مۇنبەت زىمىنى، پۈتمەس- تۈگىمەس بۇلىقى، يوقالماس ھاياتى گەۋدىسى يەرلىك خەلق مۇقاملىرىدىن ئىبارەت. يىراق مەنبەگە، كۆپ قاتلاملىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا،ھەر خىل سەرگۈزەشتىلەردە تاۋلانغان ھاياتىي ئىقتىدارغا ئىگە يەرلىك مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىللە ياشاپ كەلدى. ئۇ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مەشرەپ شەكلىنى ئالغان،يەرلىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خاراكتىرلەنگەن،ئەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.ئۇنى خەلق ياخشى كۆرىدۇ، قەدىرلەيدۇ، ئۇ خەلقنىڭ شاتلىق ئۈلپىتى،قايغۇلۇق مۇڭدىشى،ئۈمىت ئىلھامچىسى. خەلق مۇقاملىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقاملىرىنىڭ ئوق يىلتىزى ۋە ئاساسى. كىلاسسىك مۇقاملارنى كۆرۇپ يەرلىك مۇقاملارنى كۆرمەسلىك، قەدىرلىمەسلىك  كەچۇرگۇسىز خاتالىقتۇر. بىز يېڭى ئەسىردە خەلق مۇقاملىرىنىڭ يەرلىك مەشرەپ ئالاھىدىلىكلىىنى ياخشى ساقلاش بىلەن بىللە كىلاسسىك مۇقاملارنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبى،تارىخىي ھالىتىنى، ئەسلى تېكىستىنى،چالغۇ ۋە ئورۇبداش ئەنئەنىسىنى  ساقلاپ قېلىشىمىز، ئۇنى ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا يەتكۈزۈش،ئۇنىڭ يوقالغان قىسىملىرىنى تولۇقلاش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دەۋرگە مۇناسىپ ھالدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىمىز لازىم.
ئەسكەرتىش:ئەلگىيار تورىدىن ئىلىندى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-10 19:24 , Processed in 0.484876 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش