- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2278
- پۇل
- 2994
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2627
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2278
- UID
- 1
  
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2278
- پۇل
- 2994
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2278
- يازما
- 2627
|
[4] ئەمىلىي مىسال
<13> بىز بايا تېخى بۇ ئاۋاز چاستوتىسىغا ئۈنۈم قوشۇپ ئاۋازلارنى يىيىشتۈردۇق،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئارقىدا ئۈنۈم ئاۋازى پەيدا بولۇپ قالىدۇ(يەنى ئالدى تەرەپتە قۇيرۇق پەيدا بولىدۇ)بۇ بىشىدىكى قۇيرۇق ئاۋازنى كىسىپ ،ئۈستىدىكى ئاۋز چاستوتىسى بىلەن ئۇدۇل كەلتۈرۈڭ.بۇ بىراز قىيىن ،چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىشىڭىز كېرەك،ئۇدۇل كەلمىسە،ۋە خاتا كىسىپ قويسىڭىز ئاستى -ئۈستى ئوخشاش چىقماي ئاۋاز سۈپىتىگە تەسىز يىتىدۇ.

<14> ئاۋاز يىيىشتۈرلۈپ بولغاندىن كىيىن بىز ئاۋاز فازىسىغا غەيرى بىر ئۈنۈم قوشتۇق ،ئۇ دەسلەپتىكى ئەسلى ئاۋازغا ئوخشىمايدۇ،بىز autopan تىن پايدىلىنىپ بۇ خىل غەيرى ئۈنۈمنى كىچىكلىتەلەيمىز.بىز بۇ پىششىقلاپ بولغان ئاۋازنى ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالىغا ئېكىرىلى(بۇ يەردە Cubase نى مىسال قىلىپ سۆزلەيمەن،باشقا مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى بولسىمۇ بولىدۇ).بۇ ئاۋازنى ئىكىرىپ بولۇپ ئۇنى كۆپەيتىپ يەنە بىر يولغا چاپلايمىز(جەمئى 2 يولدا مۇشۇ ئاۋاز بولغان بولىدۇ).

<15> بۇنداق ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئىككى يولغا قويۇپ مۇزىكا ئىشلەش ئەسلى ئاۋاغا قارىغاندا خىلا ئۆزگۈرىدۇ،شۇنداقلا ئەسلى ئاۋازنىڭ ئەسلى ئۈنۈمىگە ئوخشىمايدۇ.سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئاۋاز كونتىروللىغۇچنى ئىچىپ (调音台) بۇ ئىككى يولغا ئايرىم-ئايرىم ئۈنۈم بېرىپ بېقىڭ(ئۆزىڭىز ياختۇرغان دائىرىدە).

<16> بىرىنى ۋە ئىككىنجى يولدىكى بۇ ئاۋازلارغا ئوخشاش بولغان ئۈنۈمنى بېرىپ ،بۇ ئىككى يولدىكى ئاۋاز فازىسىنى ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئەكەپ قويساق بولىدۇ(چۈشەنمىسىڭىز تەپسىلى سىناق قىلىڭ).

<17> بايا بىز ئىككى يولغا بەرگەن ئۈنۈملىگۈچنى ئىچىپ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.ئۈنۈمنى بەك كۈچەيتىۋەتمەڭ،چوقۇم ئاۋازنىڭ سۈزۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.

<18> ئەڭ ئاخىرىقى بىر باسقۇچ،بۇ ئىككى يولنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاپ ،ئۇنىڭ ئاۋاز يىيىشتىرۈش ئۈنۈملىگۈچنىڭ pre-delay نى ئەڭ چوڭ قىلىپ ئېچىڭ.يەنە بىر يولنىڭكىنى نۆل قىلىپ تەڭشەڭ.بۇنداق تەڭشىسىڭىز سىتىرولۇق مۇزھىتتا بۇ ئاۋاز ئالاھىدە ئۈنۈمدە ئاڭلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن سىز بۇ ئاۋازلارنىڭ EQ سىنى تەڭشەپ تېخىمۇ ئىسىل ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

تۈگىدى!
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى |
|