ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش

ئەسسالام مۇنبەردىكى بارلىق ئۇستازلار ، دوستلار ھەممىڭلارغا مەن زۇلپىقاردىن ئوتلۇق سالام !!

مەن ماكان ئەپەندىمنىڭ cubase7 تۇغۇرلۇ

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-16 15:15 ئۈن ئېلىش ئۈچۈن باشق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7

ماڭا‹ بىرتىزىق مارجان› نىڭ ئاكورد تى جىددى لازىم بوپقاغان ياردەم قىلغا

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3523807423&uk=1630087036

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دوسلا سىلەرگە رامزانلىق سالام !! سى

مەن ئابدۇللانىڭ (كۈلپەت ) ناملىق ناخشىسىنى چالغان ئىدىم.(

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

خوش خەۋەر ! Adobe شىركىتى Adobe CS2 تىپىدىكى بارلىق يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز تەمىنلەشنى يول

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈي107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-21 14:49 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار !مەن بۇ يەردە بۇرۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈي107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-24 17:22 ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ماڭا مۇزىكىسى لازىم ئىدى .بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن ب

ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز مەرھۇم ‹‹تۇرغان ئۈمەر ›› ئاكىمىزنىڭ گۈزەل دۇنيا ناملىق ناخشىسىنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسى ب

ئىشلەتكەن ئاۋاز كارتىسى ultrak usb icon مىكرفۇن:ئادتتىكى مىكرفۇن ياڭراتقۇ:ئادەتتىكى ياڭراتقۇ ئىشلەت

ناخشا : ئىچىنىش . مۇزىكىسىدا: ئادىلجان . نا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياردەم قىلساڭلا! مەن تۈنگۈن مايا 44 ئاۋاز كارتىسى سىتۋالغا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكان مۇنبىرىىكى ئۇستازلار دوسلار قانداق ئەھۋالىڭلار ،ئۇزۇن بوپتۇ تېما يوللىمىغىلى ،كۈندە م

Stylus RMXنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئىيتى

ماڭا ئۇيغۇرچە LOOP ئاۋازلار لازىم ئىدى ،دوسلار ياردەم قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار.

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ماكان مۇنبىرىدىكى جامائەتلەر! ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق كېتىپ بارامدۇ .،... ئۇزاق بوپتۇ ماكان مۇنبىرىغ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

3 ئاي بۇرۇن ئىچىم پۇشۇپ بىشىنى ئىشلەپ قويغان ياقتۇرساڭلار ئىشلىتىڭلار ئاخىرىنى ئىشلەي دىسەم بۇنىڭ قۇرلۇ

دوسلار بۇ دىتالنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى ئا

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

ئۆزۈم ئوقۇغا

مەلۇم سەۋەب ئۈچۈنلا يوللاندى.......شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنكاس يازماڭ خوش ئانا attach://4478.mp3 http://makanmusic.com/bbs

http://v.youku.com/v_show/id_XNjY4NDM4MTAw.html ئىسكەندەر ئوبۇل ئىجىراسىدىكى (كەتتىڭ يىراق)نامىلىق پىلاستىنكىدىكى بۇ (گۈل سەنەم) نامىلىق ناخشىنىڭ مۇزىك

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار : مۇشۇ تىپ

ماڭا korg pa 600 نىڭ پاسلىرى بولسا لازىمتى چ چ 1916622310 مەن korg800 سا

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماكانداشلار،ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت ياربولغاي، مەن يى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇزىكا بىلىمل

ئاۋاز كارتىسى:audiobox USB سېتىۋالغان باھاسى:1450 سېتىلىدىغان باھاسى:900يۈەن. مىكرافۇن:M-A

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوسلار ياخشىمۇ سىلەر

49684968ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋاپاس

ماڭا ئىجادىيەت لازىمتى ،كىم سېتىپ بېرىدۇ؟ دوسلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈ

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

icon m1 مەن مۇشۇ مىكروفوننى سىتىۋالاي دىگەن. ئىشلىتىپ باققانلاربولسا مەسلىھەت بەرسە

دوسلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى تېما:

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

سىز كەسپىي ئۈنگە ئالغۇچى بولۇڭ ياكى يېڭى ئۈگەنگۈچى بولۇڭ iTrack Studio سىزگە iPad、Mac ي

HarmonyWiz مۇزىكىنى ئوكوردلاشتۇرۇپ بېرىدىغان Jordan Rudess تەتقىق قىلىپ چىققان Wizdom نىڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1580 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • letip 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    mp 3 شەكلىدە يوللىيالمىدىم، باشقۇرغۇچىلار بىيۋاستە چىقىدىغان قىلىپ قويساڭلار

  • شىرلان ئۈلۈشكۈن 23:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇزىكامەن ئۈچۈن ئىشتىياق،شۇنچىلىك شىرىن ھەم گۈزەل..............

  • 410 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    شۇكرى ئاللاھ رامىزاننىڭ 23-كۈنىگە ئۇلاشتۇق

  • kaisar0909 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلام ماكانداشلىرىم.........

  • xah 2014-7-13 15:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    مىسران يوللىغان  ئەڭ كىچىك wavse نىڭ چۈشۈرۈش ئدىرسىنى چىقىرىپ قويدۇم .

  • ئەكبەر999 2014-7-8 23:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداش قىرىنداشلار.   ياخشى تۇرۇپسىلەرمۇ؟

  • مىسران 2014-7-7 21:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماكاندىكى بارلىق ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر

كۆرۈش: 6179|ئىنكاس: 25

ئاۋاز يىيىشتۈرۈپ ئۈنۈملەش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

104

تېما

26

دوست

5552

جۇغلانما

بىكەت باشلىغى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

升级   100%

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 02:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتىكى ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ تۈرى شۇنداق كۆپ،شۇنداقلا نۇرغۇن ئاۋاز يىيىشتۈردىغان قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتاللارمۇ بار،ھازىرقى نۇرغۇن ئاۋاز يىيىشتۈردىغان ئۈنۈملىگۈچلەر سېفىرلىق ئۈنۈملىگۈچلەردۇر.
Cubase/Nuendo دا مەلۇم بىر يولغا ئۈنۈم بەرمەكچى بولساق ،بۇ ماقالىدە بىز Waves شېركىتى چىقارغان Rverb  ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئۈنۈملىگۈچىنى مىسال قىلىپ ئاۋاز يىيىشتۈرۈپ ئۈنۈملىگۈچنىڭ تەڭشىلىشى،ۋە ئىشلىتىلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.



يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر دائىم بۇرايدىغان ،تەڭشەيدىغان كونۇپكىلىرى شۇنداق كۆپ بۇ ئۈنۈملىگۈچنى قانداقمۇ ئىشلىتەمىز دەپ بېشى قاتىدۇ،ئەمىلىيەتتە Rverb نىڭ تەڭشىلىشى ناھايىتى قانۇنىيەتلىكتۇر.



ئاۋاز يىيىشتۈردىغان ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ تۈرى كۆپ،تەڭشەيدىغان تەڭشەكلىرىمۇ ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.Rverb ئۈنۈملىگۈچنىڭ  پارامېتىر تەڭشىگى ئاۋاز يىيىشتۈردىغان ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئۆلچەملىكتۇر.ئاۋاز ياسىغۇچى خادىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئىشى:يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازنىڭ مۇھىتىنى تاللاش(زال،كارىدور،كىچىك ئۆي……دىگىندەك)



بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان مۇھىت ،ئەمىلىيەتتە ئاۋاز يىيىشتۈرۈشنىڭ ئىمپۇلىس تەرتىپى(
ئىمپۇلس :قىسقا مۇساپىلىك توكنىڭ ياكى مېخانىزمنىڭ تەسىرى)
ئۈنۈملىگۈچ زاۋۇتتىن چىققاندىلا زاۋۇت تەرپىدىن بەزى سانلىق قىممەتلىرى تەڭشىلىپ ،ئىمپۇلىس تەرتىپى بىكىتىلگەن بولىدۇ ،بۇ تەرتىپ، ئەسۋابلار ئارقىلىق خاتىرلىنىش ياكى ھىسابلاش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ.خاتىرلىنىپ چىقىرىلغان بولامدۇ،ھىسابلاپ چىقىرىلغان بولامدۇ ھەممىسى مەلۇم بىر بوشلۇق مۇھىتىغا ئۇيغۇن بولىدۇ ،يەنى ماس كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىمپۇلىس تەرتىۋىنى ئۆزگەرتكىنىمىز دەل مۇھىت ئۆزگەرتكەنلىگىمىزدۇر. Rverb تا 12 خىل ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئىمپۇلىس تەرتىپى بار.



ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئىمۇلىس تەرتىۋىنى تاللىغىنىمىزدا ،تۆۋەندىكى ئىمپولىس خەرىتىسىدە  ئۆزگۈرۈش بولىدۇ،ھەر خىل ئىمپولىس تەرتىپلىىرىنىڭ رەسىممىمۇ(خەرىتىسى)ئوخشىمايدۇ.




بوشلۇق تۈرىنى تاللايدىغان تاللاش تۈرىنىڭ يېنىدا Decorrelation دېگەن كۇنۇپكا بار،بۇ كۇنۇپكا ئارقىلىق تاللىۋالغان بوشلۇق مۇھىتى تەڭشىگىلى بولىدۇ ،چوڭ بوشلۇق كىچىكرەك قىلىپ تەڭشەيمىز،ئىنچىكىلىك بىلەن ئاۋاز يىيىشتۈرۈش بوشلۇغىنىڭ بوشلۇق تۇيغۇسىنى تەڭشەيمىز.



تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋالاليمىزكى:بۇنداق ئۆزگۈرۈش پۈتۈن بوشلۇقنىڭ مۇھىتىندىن كىچىكلەپ كەتتى ،باشقىچە دىسەك خۇددىي بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە كۆچكەنگە ئوخشاش ،لېكىن ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆي.





قانداق قىلغاندا ناخشىغا قاراپ مۇۋاپىق بوشلۇق تاللىيالايمىز؟ بۇنىڭ بىر ئۆلچىمى يوق.لىكىن بەزى ئاۋازلارغا نىسبەتەن بوشلۇق تاللاش يەنىلا مۇقىم بولىدۇ.ئاۋاز يىيىشتۈرۈپ ئۈنۈملىگۈچتە  Hall  نى ئىشلىتىش  بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ،شۇنداقلا ئاۋاز يىيىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ 80% نى ئىگەللەيدۇ.ناخشا –مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلارمۇ Hall مۇھىتىدا يارىتىلغان ئادەم ئاۋازى،گىتتار ئاۋازى ….قاتارلىق ئاۋاز مۇھىتىنىڭ ئۈنۈمىگە كۆنۈك شۇنداقلا نۇرغۇن سازلارنىڭ ئاۋازىغا مۇشۇ مۇھىت ئۈنۈمىنى ئىشلەتمەكتە،نۇرغۇن دۇمباق ئاۋازلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا Room مۇھىتىنى ئىشلىتىش بىر قەدەر ئوموملاشقان،Room دۇمباق ئاۋازلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق بوشلۇق مۇھىتى.ئالاھىدە ئۈنۈملەرگە يەنىلا Echo ئىشلىتىمىز،ئۇ ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك قۇيرۇق ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز(تاۋۇشىمىزنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرىپلەرگە ئۈنۈم قوشىلىدۇ).ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى يەنىلاPlateئاۋاز يىيىشتۈرگۈچ ۋە سپرىڭ(RVerb نىڭ ئىچىدە بۇ ئىسىم يوق) قاتارلىق بۇ ئىككى خىلى.بۇ ئىككىسى ھەقىقىي بوشلۇق ئەمەس ،يەنى كونا ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئۈنۈملىگۈچلىرىگە تەقلىدىي قىلىنغان ئىمپۇلىس.
Plate <تاخىتىسىمان> ئاۋاز يىيىشتۈرۈش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.دەسلەپكى تەقلىدىي ئۈنگە ئېلىش دەۋرىدە ھەقىقىي تەقلىدىي ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەيتى.ئاۋازلارنى قايتا قويۇش ،ھەقىقىي ئاۋاز مۇھىتىدا مېكرافونلار ئارقىلىق ھەقىقىي مۇھىت ئۈنىمىنى ئۈنگە ئالىتى،بۇ خىل ھەقىقىي مۇھىتتا ئېرىشكەن ئۈنۈم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ لېكىن بۇ خىل مۇھىتتا يارىتىلغان ئۈنۈم جاراڭلىق ۋە قەدىمىيلىك ئىپادىلەنگەن بولىدۇ.
Spring تاختىسىمان ئاۋاز يىيىشتۈرۈشكە ئوخشىشىپ كىتىدۇ،ئۇ پۇرژۇنغا ئوخشاش مىخانىكىلىق ئەسۋاب خۇسىسىيتىگە تايىنىپ ئاۋازلارنى ئازراق كىچىكتۈرۈپ تەقلىدىي ئاۋاز كىچىكتۈرۈش ئۈنىمىگگ ئېرىشىپ ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىدۇ،بۇ خىل ئۈنۈمنى ئاساسى جەھتتىن گىتتار ئاۋازلىرىغا كۆپۈرۈك ئىشلىتىمىز،شۇنداقلا توك گىتتار ئۈنۈم ساھاسىدە بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئۈنۈم مۇھىتىنىڭ ئىمپۇلىسسىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن بىز Size نى تەڭشەپ ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىگىنى بىكىتىمىز،Size ۋاقىت كىچىكىش ئۈنۈمىنىدە ۋاقىتنىڭ كىچىكىش ۋاختىنى تەڭشەيدۇ،يەنى ئەكىس سادا  ئاۋازلارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىغىنى بەلگىلەيدۇ،Size قانچە كىچىك بولسا ئاۋاز كىچىكىش ۋاختىمۇ شۇنچە كىچىك يەنە ئەكس سادا شۇنچە كىچىك بولىدۇ.






يىيىشتۈرمەكچى بولغان ئاۋازنىڭ Size سىنى قانداق تەڭشەيمىز؟ 0 نى ئاساسى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ،ئاستا –ئاستا  ئىتتىرگۈچنى ئۈستىگە سۈرىمىز،ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان بوشلۇق ئۈنۈمىگە كەلگىچە ئيۇقۇرىغا ئىتتىرىمىز.ئادەتتە بۇ نۇقتا 100 نىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدىكى ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ئىمپۇلىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پارامىت ،ئوڭ تەرەپنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى Early ref(رەسىمدىكىدەك) ،بۇ پارامىتىرنى دەسلەپكى ئەكس سادانىڭ ئاۋاز مىقدارىچىلىك قىلىپ تەڭشەپ قويساق بولىدۇ.بۇ ھەقىقەتەن ئېسىل پارامىتى،ئەگەر بوشلۇق (يۇقۇرىدا بىز دەۋاتقان بوشلۇق ئۆينىڭ چوڭلىغىنى كۆرسىتىدۇ)تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسا بىز بۇ پارامىتىنىڭ قىممىتىنى چوڭ قىلىپ ئاچساق بولىدۇ.



دەسلەپكى ئاكىس سادا پارامىتىرلىرىنىڭ سانلىق قىممەتلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن،يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز فازىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامىتى قىممىتىنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازلارنى ئۈنۈملىگۈچلەر ھىسابلاپ چىقارغان بولىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن تەڭشەشچانلىقلىغى چوڭىراق بولىدۇ،ئالدى بىلەن تەڭشەيدىغىنىمىز Predelay



Predelay بولسا يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز ھاسىل بولغان ۋاقىت بىلەن ئەسلىدىكى قۇرۇق ئاۋاز ئوتتۇرسىدىكى ۋاقىت پەرىقى.بۇ سانلىق قىممەت (پارامىتىر)نى تەڭشىگەندە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەڭشىمىسەك بولمايدۇ.Rverb دىكى Predelayنىڭ ئەسلى قىممىتى ئادەتتە 0 بولىدۇ،شۇنداقلا يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز بىلەن دەسلەپكى قايتقان ئاۋاز بىلەن تەڭ پايدا بولىدۇ.مۇزىكىنى يىيىشتۈرگەندە ،ئادەتتە بۇ سانلىق قىممەت 30~40 ms(مىللى سېكىنۇت) ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ،بۇ دائىم ئۇچۇرايدىغان مۇھىتتا ھاسىل بولغان ئاۋاز يىيىشىش ۋاختى،ئادەمنىڭ ئاڭلاش سىزىمىگە بىر قادەر ماس كىلىدۇ.ئەگەر كۆرۈنەرلىك  ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن بولمىسا Predelay نى چوڭ تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق،بۇنداق بولسا ئاۋاز ئاجىراپ كەتكەندەك،كۈچلۈك ئەكىس سادا چىقىدۇ.
تەڭشەش تامالانغاندىن كىيىن Time نى تەڭشەشكە باشلايمىز ،يەنى ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ۋاختى.بۇ يەردە دىيىلىۋاتقەن ئاۋاز يىيىشتۈرۈش ۋاختى ،ئاۋاز يىيىشتۈرۈش باشلانغاندىن تارتىپ ئاجىزلاپ 60 دېسىبېل( ئاۋاز مىقدارى بىرلىكى) بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىت پەرىقى.ئاڭلاش سەزگۈمىزگە ئاساسلانغاندا Time نى تەڭشەش خۇددى يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازنىڭ قۇيرۇق قىسمىنى تەڭشىگەنلىكتۈر.



Time نىڭ تەڭشەش ئەركىنلىك دەرىجىسى يەنى تەڭشىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ،ئاۋاز تۈسى ۋە ناخشا مۇزىكىنىڭ ئۇسلۇبىغا باغلىق بولىدۇ.بىرلىككە كەلگەن مۇقۇم بىر تەڭشەش قىلىپى يوق.
ئۇنداقتا Time نى قانداق تەڭشەيمىز؟ ئادەتتە Time نى بەك ئۇزۇن قىلىپ تەڭشىۋەتمەڭ(ئادەتتە 4 بولسا بولىدۇ)،بەك چوڭ قىلىۋەتسىڭىز مۇزىكا پۈتكەندىن كىيىن كەسپىي ياڭراتقۇدا شۇنداقلا ئاممىۋىي سورۇنلاردا بۇ مۇزىكىڭىزنى قويسىڭىز مۇزىكىڭىز ئىنتايىن ئىشتىن تاشقىرى كىشىنىڭ مۇزىكىسىدەك  ئاڭلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن Time نى ئامال بار كىچىك تەڭشەش كېرەك.لىكىنTime نى ھەددىدىن زىيادە كىچىك قىلىپ تەڭشىسىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيسىز،ئادەتتە يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازنى مەينەت،دۇغ ھالەتتە بوپ قالمىسۇن دىسىڭىز Time نى تەرتىپسىز قۇرۇق تەڭشەشتىن ساقلىنىڭ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىر چەتتىن ئاڭلاپ بىر چەتتىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىڭ.يەنى Time نى ئالدىنقى تاۋۇش ئاخىرىلىشىشغا كەينىدىكى تاۋۇش دەل كىلىپ ئۆز ئارا بەكلا توقۇنۇشۇپ كەتمەسلىگى كېرەك.بۇنداق بولمىغاندا ناخشىڭىز قالايمىقان نەچچە ئادەم بىرلىكتتە قالايمىقان ئېيتىۋاتقاندەك چىقىدۇ(بەك چوڭ تەڭشىۋەتكەن ئەھۋالدا)،شۇنىڭ ئۈچۈن لېرىك ناخشىلارنىڭ Time قىممىتى ئۇزۇنراق ،تېز ناخشىلارنىڭ كىچىكرەك قىلىپ تەڭشىلىدۇ.
Reverb Damping بولسا ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىدىكى ئەكىس سادا قايتۇرۇش تاختىسىنىڭ، تاختا ماتىريالىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ قايتىدىغان ئەكىس سادانىڭ قايتىش ۋاختى ئوخشىمايدۇ دەپ تەقلىدىي قىلىنغان ئىقتىدار(يەنىي تەقلىدىي ئاۋاز قايتۇرۇش تاختىسى).كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ تەجىربىسى:ئوخشاش چوڭلۇقتىكى فار-فۇر چاقچۇقلۇق ئۆي بىلەن ئادەتتىكى ئۆينى مىسال قىلساق، فار-فۇر چاقچۇقلۇق ئۆيدىكى ئاۋاز بىر قەدەر چوڭقۇر،كۈچلۈك چىقىدۇ.چۈنكى  فار-فۇر چاقچۇقلۇق ئۆي  تېمىنىڭ ئاۋاز سۈمۈرىشى بىر قەدەر تۆۋەن،ئاۋاز قايتۇرۇشچانلىغى يۇقۇرى،يۇقۇرى چاستوتىلىق ئاۋازلارنىڭ قايتىلىنىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ.Reverb Dampin پەقەت ئاۋاز قايتۇرۇش تېمىغا تەقلىد قىلىپلا ئىشلىتىلىدۇ.



Rverb ئاۋازغا ئېلىش بوشلۇغىدىكى يىيىشتۈرۈلگەن(بۇ يەردە ئەكىس سادا ياكى قايتقان ئاۋاز دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ) ئاۋازنى تەدىرىجى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق  يۇقۇرى چاستوتىسى ۋە تۆۋەن چاستوتىنىڭ قايتاقان يەنى ئەكىس سادا ئاۋازىنى ئاستا ۋە تېز قىلالايدۇ.ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك.يۇقۇرى چاستوتىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۆۋەن چاستوتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز.بۇ رىياللىققا بىر قەدەر ماس كىلىدىغان ئاۋاز يىيىشتۈرۈش شەكلى.Rverb ئاۋاز ئالغۇچىنىڭ خائىشىغا بېقىپ ،ئەمىلىيەتتە بار بولمىغان ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى يارىتالايدۇ.رەسىمدىكىدەك،يۇقۇرى چاستوتا قايتقان ئاۋاز يەنى ئەكىس سادا ئاۋازنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىپ بارىدۇ.



ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئاۋاز بولمىسىمۇ ، لىكىىن بۇ ئاۋازغا ئالغۇچىنىڭ بۇ خىل ئۈنۈمنى ئىشلىتىشىگە تەسىر قىلمايدۇ.ئەلۋەتتە،ئادەتتىكى ئاھۋال ئاستىدا يۇقۇرى چاستوتىنىڭ تەدىرىجى ئاجىزلىشىشى تۆۋەن چاستوتىدىن كۆپ بولغان سانلىق قىممەت نىسبىتى(پارامىتىر نىسبىتى) بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.



ئاۋاز يىيىشتۈرۈش قىممەتلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن Reverb ئىتىترگۈچى بىلەن ئاۋاز مىقدارنى تەڭشىسەك بولىدۇ.ئادەتتە 0 نىڭ يۇقۇرىسىدا قىلساق بولىدۇ.



Wet/Dry(رەسىمدىكىدەك)،كۆرسىتىلگەن قىممەت(پارامىتىر) يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازنىڭ ئومومىي (پۈتۈن) قىممىتى بىلەن ئاسلىدىكى قۇرۇق ئاۋاز ئوتتۇرسىدىكى سىلىشتۇرما قىممەتنى كونتىرول قىلىدىغان تەڭشىگۈچ،ئۇ ئارقىلىق قايتقان ئاۋاز يەنى ئەكىس سادا پايدا قىلغان ئۆينىڭ (بوشلۇقنىڭ) يىراق يىقىنلىغىدۇر.



نىمە ئۈچۈن قۇرۇق ئاۋاز يەنى ئەسلىدىكى ئاۋاز بىلەن يىيىشتۈرلۈپ بولغان ئاۋاز(قۇرۇق ئاۋاز دىگىنىمىز:دەسلەپكى ئاۋاز . يىيىشتۈرلگەن ئاۋاز: بىز ئۈنۈم قوشۇپ بولغان ئاۋاز) نىڭ نىسبەت قىممىتى ئەكىس سادا ئاۋازنىڭ يىقىن يىراقلىغىنى تەڭشىيەلەيدۇ؟ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا:قۇرۇق ئاۋاز مېكرافوننىڭ ئارلىغى ئۆزگەرگەندە ئەكىس سادا ئۆزگەرمەيدۇ،بوشلۇقتىكى ھەر قايسى نۇقتىلاردىكى ئەكىس سادا ئوخشاش.لىكىن قۇرۇق ئاۋازنىڭ ئاۋاز مىقدارى ئوخشىمايدۇ.يەنى يىرقتا بوش ،يىقىندا چىڭ ئاڭلىنىدۇ.



ئاۋاز پىرىسلاش جەريانىدا(缩混 نى مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي) يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز بىلەن ئەسلىدىكى ئاۋازنىڭ نىسبەت قىممىتى %70 تىن ئىشىپ كەتمەيدۇ.ئاخىرىدا Rverb نىڭ ئىچىدىكى EQ بىلەن تونۇشىلى.ئۇ يىيشتۈرۈلگەن ئاۋاز يەنى بىز ئۈنۈم قوشقان ئاۋازنىڭ چاستوتا ئاۋازىنى تەڭشەيدۇ.چۈنكى كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازنىڭ يۇقۇرى چاستوتىسى تەدىرىجى ئاجىزلاپ بارىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۋالغىنىمىزنى ساقلاپ قويۇشىمىز كېرەك.



بىز ئالدى بىلەن ئۈنگە ئېلىش ئۆيىنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى بىكىتىلى،ئاندىن ئاۋاز يىيىشتۈرۈش شەكلىنى تاللايلى،بۇنداق بولغاندا يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋازنىڭ ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئىشەنچ بولىدۇ.
مىسال:
تۆۋەندە بىز بىر مىسال بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى.ئەگەر بىز بىر يولدىكى دۇمباق ئاۋازىغا ئۈنۈم بەرمەكچى بولساق بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە:مەن نىمە ئۈچۈن بۇ يولغا ئۈنۈم بېرىمەن دەپ سۇئال قويىمىز.
بۇنىڭ جاۋابى:قۇرۇق دۇمباق ئاۋازىغا ئۈنۈم بېرىپ ئۇنى يىقىملىق بوشلۇق تۇيشۇسىغا ئىگە قىلش شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاۋازنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا ئازىراق ئەكىسس سادا قوشۇش.
ئالدى بىلەن قۇرۇق ئاۋاز ۋە يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز نىسبىتىنى توغرا بولغان دائىرىدە تەڭشەيمىز.(ئاستىدىكى 1- رەسىم) بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ Room نى تاللايمىز.بۇ خىل تاللاش ئاقىلانە تاللاش يەنى توغرا بولغان تاللاشتۇر.(ئاستىدىكى 2- رەسىم)





دۇمباق ئاۋازنىڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن Size نى كىچىكرەك تاللىساق بولىدۇ.



ئاۋازلارنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قارااپ سانلىق قىمەتلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەش ئىلىپ بارساق بولىدۇ.بۇ چاغدا بوشلۇق تۇيغۇسى يەنى بىز ئىگە بولماقچى بولغان ئاۋازغا ئېلىش تەقلىدىي ئۆي پۈتكەن بولىدۇ.بۇ چاغدا بىز ئاۋاز يىيىشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سانلىق قىمەتلەرنى (پارامىتى) نى تەڭشەيمىز.
ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز،چۈنكى ئاۋازغا ئېلىش بوشلۇغى كىچىك شۇنداقلا ئاۋازغا ئالىدىغان نەرسىمىز دۇمباق بولغاچقا Predelay نى بەك چوڭ تەڭشىمەسلىگىمىز كېرەك.Time نىڭ ۋاختىنى كىيىنكى ئاۋازغا دەخلى قىلماسلىق ئاساسىدا تەڭشىسەك بولىدۇ(Time نىڭ ئىقتىدارىنى دىگەندە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەپ ئۆتتۈم ،قايتا تەكىتلىمەيمەن).



ئاخرىدا ھەممە تەڭشەكلەرگە يەنە بىر ئىنچىكە تەڭشەش ئېلىپ بارىلى.دەسلەپكى ئەكىس سادا بىلەن يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز نىڭ ئاۋاز مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىلى،بۇ چاغدا يامان ئەمەس ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىمىز.
ئەگەر پەقەت كىچىك ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىنىڭ ئۈنۈمىگىلا ئېرىشمەكچى بولساق ،ئاۋاز يىيىشتۈرۈش يەنى ئەكىس سادا مىقدارىنى ئىتىۋەتسەك بولىدۇ.




ئەگەر دۇمباق ئاۋازى يىراقتىن ئاڭلىنىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولساق،قۇرۇق ئاۋاز بىلەن يىيىشتۈرۈلگەن ئاۋاز يەنى ئۈنۈم قوشۇلغان ئاۋازنىڭ نىسبىتىنى بىراز چوڭ قىلساق بولىدۇ،لىكىن بۇ چاغدا ئاۋاز سۈپىتى بىر قەدەر تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.



ئەسكەرتىش:بەزى ئاتالغۇلاردا بىرلىككە كەلگەن ئىسىم يوق شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ چۈشەنچۈسىگە ئاساسەن ئالدىم.

混响:ئاۋاز يىيىشتۈرۈش شۇنداقلا ئاۋاز ئەكىس سادا دەپمۇ ئالدىم
参数:پارامىتىر ۋە سانلىق قىممەت دەپمۇ ئالدىم
Decorrelation:مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش
Hall:زال، كارىدور
Room:بوشلۇق ،ئۆي
Echo:ئەكس سادا
Plate:تاختا
Spring:پۇرژىنا
Size:چوڭلىقى
Early:بالدۇر
Predelay:ئالدىن كېچىكتۈرۈش
Time:ۋاقىت
Reverb Damping:ئارلاشما ئاۋازنى ئۆچۈرۈش
Reverb:ئارىلاشما ئاۋاز
Wet/Dry  : يۆل/قۇرۇق   (قۇرۇق ئاۋاز ، يۆل دىگەننى بىز بۇ ماقالىدە ئۈنۈملەنگەن ياكى ياسالغان ئاۋاز دەپ ئالدۇق،بىزدە بۇ توغۇرلۇق كەسپىي ئاتالغۇلار يوقكەن)
EQ:تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى


ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ

9

تېما

8

دوست

797

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

升级   100%

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 02:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ساقلاپ ئۇيقۇم كەپ كەتتى ، ئەتە تەپسىلى ئۇقۇۋالاي ~~~~
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ~~~~~( ھازىرچە قۇرۇق رەھمەت دەپ تۇرايلى ،كىيىنچە پۇرسەت چىكىپ قالسا ~~~~~~~~~~ )

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

升级   80%

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 10:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز سىزدىن كوپ تەلىم ئالدىم خەپ بۇياقلاغا ئۈتۈپ قالسىڭىز بىر يەلىرڭىزنى مىھمان قىلۋەتمەيدىغان بولسام

10

تېما

8

دوست

1074

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   3.7%

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 11:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز ،ئۇلۇغ ئاللاھ مۇبارەك تىنىڭىزنى سالامەت قىلغاي ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!!!!!!

1

تېما

2

دوست

358

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

升级   100%

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 12:32:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مۇشۇ  تېمىنى  ساقلاپ  ،  ئاخشام  ئۇخلاپ  قاپتىمەن  ،   ھازىر  كۆردۈم ،  كەشتە  بىر   تەجىربە  قىلىپ  باقمىسام ،   رەخمەت  سىزگە  ماكان .    جاپا  چەكتىڭىز .

4

تېما

2

دوست

1233

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   11.65%

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 12:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار ياخشىمۇ سىلەر كۆپ جاپا چېكىپسىلەر  بىرنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ چىقتىم چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ
ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەخسەتتە makanmusic ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى داۋاملىق ئالغا .

18

تېما

6

دوست

371

جۇغلانما

ئوتتۇراھال ئەزا

Rank: 3Rank: 3

升级   57%

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 14:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ....بۇ تېما ئاخىرى پۈتۈپتۇ دە..مەن سىناپ باقاي..

0

تېما

0

دوست

2

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

升级   4%

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 17:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

...

رەھمەت سىزگە

0

تېما

0

دوست

215

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

升级   100%

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 17:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندى بەكمۇ ئېسىل ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز، سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.
دىگەندەك مۇشۇ ئاۋاز يېيىشتۇرۇش ئىشى بەك مۇھىم. مۇزىكىنى جانلاندۇرىدىغان، ئۇنىڭغا چوڭقۇرلۇق، تىرەنلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان بىر ئۈنۈم.
ماكان ئەپەندىنىڭ بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقىنى بولسا مۇشۇ ئاۋاز يېيىشتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ نېمىلىكى، ئۇنىڭ قانداق يەرلەردە ئىشلىتىدىلىغانلىقى، بۇ ئىشتا ئىشلىتىدىغان ئۈنۈمچۈكنىڭ تەڭشەش ئۇسۇللىرى، ھەر خىل ئوخشىمىغان چالغۇلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېيىشتۇرۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلاردۇر. قالغان ئىشلار بولسا ئۆزىمىزنىڭ <<قۇلىقىغا>> قالىدۇ. ھازىرقى زامانىۋى مۇزىكىلاردا قېلىپلاشقان بىر ئۇقۇم قالمىغىلى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا ئۆزىمىزىنىڭ قۇلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە يارىتىشچانلىق روھىمىز بىر مۇزىكىنىڭ غەلىبلىك بۇلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

مەنمۇ بۇ جەھەتتىن بەكلا خام. بولۇپمۇ مۇشۇ ئاۋاز يېيىشتۇرۇش بىلەن ئاۋاز سۈزگۈچلەش ئۈنۈمىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتە بەك قىينىلىمەن. ماكان ئەپەندى بولسا مۇشۇ ئاۋاز سۈزگۈچلەش يەنى Filter ئۈنۈمى توغرۇلۇقمۇ بىر نەرسىلەر يازسىڭىز بۇلاتتى. رەخمەت سىىزگە

104

تېما

26

دوست

5552

جۇغلانما

بىكەت باشلىغى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

升级   100%

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 17:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا ،ھەممەيلەن مۇشۇنداق بىلىملەرنى بىرلىكتە ئىزدىنىپ توپلىساق بۇ نەرسىلەرمۇ بارا-بارا تولۇقلىنىپ بارىدۇ،كىيىنكىلەرگىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
DJ-MARDAN  مەردان ئەپەندى بۇنداق يوقاپ كەتمەڭ جۇما!~~~~

0

تېما

0

دوست

215

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

升级   100%

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-29 17:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىغۇ يوقاپ كەتكۈم يوق، ھازىر بۇ كرىزىس-پرىزىس دەپ تىرىكچىلىكنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ توردا راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ يازىدىغانغا تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ئاللاھ خالىسا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ جىق كىرىمەن. تېخى يازىدىغان جىق نەرسىمىز بار دەيمەن. :lol

0

تېما

0

دوست

57

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   4.67%

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-30 01:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەخمەت نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم رەخمەت سىزگە:)

18

تېما

6

دوست

371

جۇغلانما

ئوتتۇراھال ئەزا

Rank: 3Rank: 3

升级   57%

يوللىغان ۋاقتى 2008-11-1 20:06:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى مەن سىناپ باقتىم ..بۇ ئاۋازغا قايتىلانما ئۈنۈم بېرىدىغان دىتال كەنغۇ..

0

تېما

0

دوست

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

升级   18%

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 13:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق ئىش . مەن قانداقلىكىن بىر  مەزمۇننى ئېچىپ كۆرەي دىسەم،مەزمۇنى ئېنىق،ئوچوق ئېچىلىدۇ ،بىراق سۈرەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئېچىلماي،مېنى جىلە قىلىۋاتىدۇ.بۇ زادى قانداق مەسىلىدۇ. مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا مەسىلە بارمىكىن دىسەم ئۇنداقمۇ ئەمەس.
كۆپچىلىك كۆرسەتمە بەرسەڭلار، قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ ؟

104

تېما

26

دوست

5552

جۇغلانما

بىكەت باشلىغى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

升级   100%

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-8 13:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[quote]ئەسلى يوللانما RAWAPHUMAR2 تەرىپىدىن 2011-7-8 13:02 دە يوللانغان
قىززىق ئىش . مەن قانداقلىكىن بىر  مەزمۇننى ئېچىپ كۆرەي دىسەم،مەزمۇنى ئېنىق،ئوچوق ئېچىلىدۇ ،بىراق سۈرەتلەرنى ... [/quot
بۇ تېىلار بۇرۇن يوللانغان،تور تىزگىنلەنگگن چاغلاردا بوشلۇقتىكى نۇرغۇن مەزمۇنلار يوقاپ كەتكەن،ئاران تەسلىكتە مەزمۇنلارنى مۇشۇنچىلىك ئەسلىگە كەلتۈردۇق،خۇدايىم بۇيرىسا رەسىملەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


Archiver|WAP|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ( 新ICP备13002498  

GMT+8, 2014-7-24 22:55 , Processed in 0.265625 second(s), 60 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش