- ئاخىرقى قېتىم
- 2008-3-28
- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 0
- تىزىملاتقان
- 2008-3-27
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- UID
- 14

- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 0
- پۇل
- 0
- ئاخىرقى قېتىم
- 2008-3-28
- تىزىملاتقان
- 2008-3-27
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 0
- يازما
- 7
|
ياخشىمۇ سىز ! سىز كومپيۇتېرىڭىزغا FLSTUDIOنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۈستەل يۈزىدىكى FLSTUDIOنى قوزغىتىشىنى تېز ئىجرا قىدۇرۇش سىنبەلگىسىنى ۋە ياكى开始/程序تىزىملىكىدىن FLSTUDIOنى چېكىپ ، مەزكۇر سېستىمىنى قوزغۇتۇڭ !

FLSTUDIOنىڭ قوزغالغاندىن كېيىنكى مەشغۇلات كۆزنىگى نۆۋەتتىكىدەك بولىدۇ . FLSTUDIOنى تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا ، تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ . ( ئەگەر كۆرۈنمىسە كۇنۇپكا تاختىسىدىن f10كۇنۇپكىسىنى باسساق ۋە ياكى تىزىملىك ئىستونىدىكى OPTIONSسېيرىلما تىزىملىكىدىن مىدى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق بولىدۇ .) سىز بۇ كۆزنەكتىن پايدىلىنىپ ، ئاۋاز كارتىڭىزنىڭ تىپىنى ۋە مىدى قوزغاتقۇچىنى تاللىيالايسىز . سىزنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقىنىڭىز مىدى خاسلىق رايونى . ئەمما سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىڭىز يەنىلا ئاۋاز چاستوتىسىنى بەلگىلەش .سىز بۇ سىنبەلگىنى چەكسىڭىز ئاۋاز چاستوتىسىنى تەڭشەش كۆزنىگىگە ئالمىشالايسىز . ئاندىن بۇ ئورۇندىن ئاۋاز كارتىسىنىڭ مۇۋاپىق بولغان قوزغاتقۇچىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر سىز بۇ ئورۇندىن قايسى خىل ئاۋاز قوزغاتقۇچىنى تاللاشنى بىلەلمىسىڭىز ئۇنچە جىددىلىشىپ كەتمەڭ.ھازىرچە مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويۇپ ، كېيىن سسېستىمىدا ئاۋاز قويۇش جەريانىدا بەزىبىر نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالسا ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن f10كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ، مۇشۇ جايدىن ئاۋاز كارتىسىنىڭ باشقا قوزغاتقۇچلىرىنى تاللاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ .DRECT SOUND بولسا بىر خىل بوففۇرلىق قويۇش قوزغاتقۇچى بولۇپ ( بوفىر دىگىنىمىز توردىكى ۋە ياكى يەرلىك قاتتىق دېسكىدىكى سانلىق ئۇچۇرلارنى ، قاتتىق دېسكىغا ۋە ياكى ئىچكى ساقلىغۇچقا يوللاپ ئاندىن ئىجرا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىجرا بولىۋاتقان سانلىق ئۇچۇرلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . بۇففېر دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىغا ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن بولۇپ ،توقۇنۇشنى پەسەيتىش دىگەن مەنىدە ، خەنزۇچە 缓冲 دەپ ئاتىلىدۇ . ) بۇ كۆزنەكتىكى رولىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ كېتىشىڭىزنىڭ زۇرۇرىيىتى يوق .سىز پەقەت بۇ جايدىكى بوففېرنىڭ رولىنى چۈشىنۋالسىڭىزلا بولىدۇ . ئادەتتە بۇففېر تالچىسى بەك ئۇزۇن بولۇپ تەڭشىلىپ قالسا ، قويۇلغاندىن كېيىنكى پارتىلغاندەك چىققان ئاۋازنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ .ئەمما بىرىكتۈرۈلگەن ئاۋازلارنىڭ قويۇلغاندىن كېيىنكى ئىنكاس سۈرئىتى ئاجىز بولىدۇ . ئەكسىچە بەك قىسقا قىلىپ تەڭشەپ قويغاندا ، قويۇلغان ئاۋازنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولسىمۇ ، ئەمما پارتلىغاندەك چىققان ئاۋاز تېخىمۇ روشەن بولىدۇ . ئەلۋەتتە سىز ئاۋازنىڭ ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ھالدا نورمالسىز قويۇلىشىنى خالىمايسىز ، ئەمما ئاۋازنىڭ ياخشى ۋە ياكى ناچار چىقىپ قېلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .قويۇلغان ئاۋازدا يۇقارقىدەك نورمالسىز ئەھۋاللار بايقالغان ۋاقىتتا ، كۇنۇپكا تاختىسىدن f10 كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ، بۇ تالچىنى ئۇيان بۇيان سۈرۈپ ، ئاۋاز قايسى ئورۇندا ياخشى قويۇلسا شۇ ئورۇنغا توغرىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ .ئەگەر سىزنىڭ ھىساپلاش سۈرئىتى تېز بولغان كومپيۇتېرىڭىز ۋە ياخشى بولغان ئاۋاز كارتىڭىز بار بولسا بۇ تالچىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى 10msقىلىپ بەلگىلەپ قويسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر سىزدە sound blaster live تۈرىدىكى ئاۋاز كاتىلىرى بار بولسا ئەڭ تۆۋەن بەلگىلىنىدىغان چەكنى ms30دىن تۆۋەن قىلىپ قويماڭ . بۇنىڭدىن باشقا use polling تاللاش تۈرىمۇ بەزى مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى تېزلەشتۈرەلەيدۇ . ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز win95 ۋە ياكى win98بولسا بۇ تۈرنى تاللاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز win2000 ۋە ياكى windows xp بولسا، بۇ تاللاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ .
ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىگى : سىز بەلگىلەش كۆزنىگىنى تاقىغاندىن كېيىنكى كۆرۈنگەن رايونFLSTUDIOنىڭ ئاساسىي خىزمەت كۆزنەك رايونى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . FLSTUDIOنۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان چوڭ – كىچىك كۆزنەكلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنەك رايونىنىڭ يۇقارقى تەرىپىدىكى بۇ ئورۇنلار قوراللار ئستونى. سول تەرەپتىكى بۇ كۆزنەك بولسا زىيارەت قىلىش كۆزنىگى ئوڭ تەرەپتىكى بۇ كۆزنەك بولسا تاكىت ئاۋاز تەرتىپىنى بېكىتىش كۆزنىگى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. سىز بۇ كۆزنەكلەرنى خالىغانچە رەتلەپ ئىشلىتەلەيسىز ، ئەمما بۇ رەتلەشنىڭ سېستىمىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ھىچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
جىقمۇ سۆزلەپ كەتتۇق . ئەمدى سىز ئازراق ئاۋاز قويۇپ سىناپ بېقىڭ :سول ئۈستۈن تەرەپتىكى fileتىزىملىكىدىن OPEN بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ ، كۆرۈنگەن دىئالوگ رامكىسىدىن Cool stuffھۆججەت قىسقۇچىنى قوش چېكىپ ، DanR-India ھۆججىتىنى تاللاپ ، جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ .قوراللار ئىستونىدىكى بۇ قويۇش سىنبەلگىسىنى چەكسىڭىز نۆۋەتتىكى ئېچىلغان ئاۋاز ھۆججىتىنى قويۇشقا ، بۇ سىنبەلگىنى چەكسىڭىز قويىلىۋاتقان ئاۋازنى توختۇتۇشقا بولىدۇ . |
|