- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-13
- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 189
- پۇل
- 400
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 189
- UID
- 1759

- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 189
- پۇل
- 400
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-13
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 189
- يازما
- 58
|
رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ناخشا تىكستى
سۈزۈمگە بىر كىرىپ قويمىدىڭ،
ئۇيۇن ئويناپ زادى تويمىدىڭ.
يارىڭ تۇرسام يەنە يار تۇتۇپ،
سۆيگۈمنى سەن ئەجەپ خارلىدىڭ.
بەربات بولدى ئارزۇ ئارمىنىم،
بىۋاپا كەن مىنڭ سۆيگۈنۈم.
ئۈزسەم گۈل دەپ باغلاردىن تاللاپ،
تىكەن ئىكەن ئەسلى ئۆزگۈنۈم.
خەيرى ئەمدى يات بولۇپ كەتتىڭ،
يالئۇرغىدەك ئۈزۈڭ سەن كېمتىڭ.
مەندىن سۆيگۈ كۈتمە ئالدىراپ،
بىلسەڭ ئەگەر ئۈزۈڭگە قىلدىڭ.
كەتمە جان يايرىم
سەنسىز باغلار ماڭا دەشتى چۆل،
سەنسىز چۆلدە تېپىلمايدۇ كۆل.
دۆشمەنلىرىم خوش بولار دەپ ئۆل،
مەندىن يىراق كەتمە جان يايرىم.
سەن يوق جايلار مەن ئۆچۈن دۇزاق،
شۇ ياشاشتىن ئۈلۈم ياخشىراق.
ياشىغىم بار سەن بىلەن ھەر ۋاق،
مەندىن بىراق كەتمە جان يايرىم.
چىدالمايمەن ئايرىلىپ ياشاپ،
كۈن ئۆتمەك تەس يۇلۇڭغا قاراپ،
ئازاپلىما كۈزۈمنى ياشلاپ،
مەندىن يىراق كەتمە جان يايرىم.
كەتسەڭ ئەگەر يىراق جايلارغا،
ئىچ ئاخرىتار كىممۇ ھالىمغا.
قولاق سالغىن سەنمۇ زارىمغا،
مەندىن يىراق كەتمە يايرىم.
كۈلەلمەيمەن
كۈلەلمەيمەن، كۈلگۈم يوق ئەمەس،
كۈلەي دەيمەن يەتكىچە نەپەس.
مۇھاببەتنىڭ ئەلەم دەردىدە،
بولۇپ قالدىم شۇنداق مەن كۈلمەس.
ئىزىلىمەيدۇ كېم خۇشاللىقنى،
ئۆزى ئۆچۈن ۋاپادار جۆپنى.
شوخ كۈلكەمنى ئوغۇرلاپ كەتكەن،
بىۋاپانىڭ ساختا سۆيگۈسى.
داۋا يوقكەن كۈڭۈل ئاغرىققا،
كۈڭۈلدىكى شۇ ياردىن باشقا.
مەندەك بولۇپ قالماڭلار ھەر كىم،
ۋاپاسىزيار قۇياركەن ياشقا.
ئەسلەش بىلەن
ئەسلەپ قالدىم يەنە ئـۈتمۈشنى،
سىنىڭ بىلەن يۈرگەن چاغلارنى.
سەنمۇ مەندەك ئەسلەپ قۇيامسەن،
شىرىن چۆشتەك ئۆتكەن كۈنلەرنى.
گەر ئازاپ بولسىمۇ ئەسلەش،
بۇ كۈڭۈلنى قىلسىمۇ ھەم غەش.
ئەسلىگىم بار سىنى ھەر دائىم،
تاڭ سەھەردە مەيلى بولسۇن كەچ.
ئېسىمدە بار قىلغان ۋەدىمىز،
ئايرىلمايمىز دىگەن ئۆلسەكمۇ.
ئايرىۋەتتى لىكىن كاج تەغدىر،
شۇڭا بەخىت سىنى ئەسلەشمۇ.
ناخشا ئىيتىپ كۈيلەيمەن ھەر ۋاق،
يۆرەكتىكى ئۆچمەس ئوت پىراق.
ئەسلەش بىلەن كۈتەرمەن سىنى.
مەندىن شۇنچە بولساڭمۇ يىراق.
قېرىنداشلارنىڭ بۇ تىكسلەرنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن ئالاقىلشىڭ چ چ449743158 تېلفۇن 13031342141
رۇستەم قاراسۇ........ئاتۇش
2012... |
|