ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 418 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2071|ئىنكاس: 7

Nuendo / Cubase تا ئاۋاز يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈرۈپ باشقۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-9-23 12:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nuendo / Cubase تا ئاۋاز يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈرۈپ باشقۇرۇش (Group Channel Track) ئىقتىدارى بار،بۇ ئىقتىدار ئىنتايىن قۇلايلىق،ئەگەر بىر يېڭى تۈر قۇرۇپ مۇزىكا ئىشلىگىنىمىزدە بۇ يېڭى تۈردە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاۋاز يولى بار بولسا ،بۇ يوللارنى ئوخشاش باشقۇرماقچى بولسا شۇنداقلا بۇ يوللارغا ئوخشاش ئاۋاز ئۈنۈمى قوشماقچى بولساق بۇ خىل ئاۋاز يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئەسقاتىدۇ.
ئەگەر بەش يولدا بەش  خىل تارىلىق چالغۇنىڭ ئاۋازىنى ئاۋازغا ئالغان بولساق ،بۇ بەش يولغا ئوخشاش ئاۋاز مىقدارى بەلگىلىمەكچى بولساق بۇ بىزنىڭ ئەڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك ئىش بولىدۇ،ئەگەر ئورالما سىزىقلار ئارقىلىق (ئورالما سىزىق دىگەن ئۇقۇمغا  بۇرۇن ئېنىقلىما بېرىپ بولغان)بۇنى ھەل قىلماقچى بولساق خىلىلا ئاۋارچىلىق ئىش بولىدۇ،شۇنداقلا توغۇرلۇق دەرىجىسى توغرا بولمايدۇ،بۇ چاغدا بىز ئاۋازلارنى بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق ئىنتايىن ئاسان بولىدۇ؛يەنە مىسال قىلساق :ئەگەر بىر مۇزىكىنىڭ بىر بۆلىگى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئورۇنلانغان مۇزىكا بۆلگى بولسا ، ئەمما مۇزىكانىتنىڭ سەۋىيىسى بۇنىڭغا يەتمىسە ،ئاۋازغا ئالغاندا نەچچە بۆللەككە بۆلۈپ ئاۋازغا ئىلىشقا توغرا كىلىدۇ ،شۇنداقلا بۇ بۆلەكلەرگە ئاۋاز ئۈنۈمى قوشقاندا بىر -بىرلەپ ھەر بىر يولدىكى بۆلەكلەرگە ئۈنۈم قوشۇشقا توغرا كىلىدۇ،بۇ ئىنتايىن ئاۋاۋارىچىلىق شۇنداقلا قۇلايسىز............
ئەگەر ئاۋاز يوللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق بۇ ئىشلار ئاسانلا ھەل بولىدۇ.
مەسىلەن ،ئەگەر بىر مۇزىكىدا 6 يولدا ئاۋاز چاستوتىسى بولسا ،ئالدىدىكى 3 يولنى 1 گورىپا،ئارقىدىكى 3 يولنى 1 گورىپا قىلماقچى بولساق:



ئالدى بىلەن بىز 2 بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولىنى قۇرىۋالىمىز،مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ «Add Group Channel Track» نى تاللاپ بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولىنى قۇرىۋالىمىز.



قۇرغان  بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يوللىرىنىڭ چىقىرىش (输出) نى ئاۋاز كارتىمىزنىڭ كىرىش (输出)سىغا كۆرسىتىپ قويساق بولىدۇ،رەسىمدىكىدەك.



بۇ چاغدا ئالدىنقى 3 يولنىڭ چىقىش (输出) ىنى Group 1 غا مۇقۇملاشتۇرۇپ قويساق بولىدۇ.



ئاخىردىكى 3 يولنىڭ چىقىش (输出) ىنى Group 2 غا مۇقۇملاشتۇرۇپ قويساق بولىدۇ.



بۇ چاغدا سىز Group 1 قا مەشغۇلات ئىلىپ بارسىڭىز ئالدىدىكى 3 يولنىڭ سانلىق قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىغىنى،Group 2 قا مەشغۇلات ئىلىپ بارسىڭىز كەينىدىكى3 يولنىڭ سانلىق قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىغىنى كۆرىسىز،Group 1 قا ئۈنۈم قوشسىڭىز ئالدىنقى 3 يولنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئۈنۈم قوشۇلغانلىغىنى كۆرىسىز.



ئەگەر بۇ ئىككى بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولىنىڭ ئىچىدىكى “R” كونۇپكىسىنى باسساق ،بىز بىر ۋاقىتتا بۇ يوللارنىڭ ئاۋاز مىقدارىنى ،ئاۋاز تەسۋىرى قاتارلىقلارنى ئورالما سىزىقلار ئارقىلىق باشقۇرالايمىز شۇنداقلا تەڭشىيەلەيمىز.رەسىمدىكىدەك.



ئاسانمىكەن؟ بۇ ئىقتىدار ئاۋازلارنى تەھرىرلىگەندە ناھايىتى قوللىنىلىشچان،بولۇپمۇ ئاۋاز يوللىرى كۆپ بولغاندا باشقۇرۇشقا ئەپلىك،توغرا ئۇسۇل بىلەن ئىشلەتكەندە ۋاقتىڭىزنى تىجەپ خىزمەت ئۈنۈمىنى كۆتۈرىدۇ،سىناپ بېقىڭ.

Rank: 1

توردا
60 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
19
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-8
تىزىملاتقان
2008-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
94
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-23 13:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە مەن مۇشۇنداق تېمىلارغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدىم ،مۇنبەر ئۈچۈن كۆپ جاپا چىكىۋاتىسىز .

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
256
پۇل
534
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
256
يازما
785
يوللىغان ۋاقتى 2008-9-24 11:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى تىما بوپتۇ ، رەھمەت سىزگە

Rank: 1

توردا
66 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-2
تىزىملاتقان
2008-11-12
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
84
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-12 23:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يەردىن چىقىپسىز،رەخمەت سىزگە،تېخىمۇ كۆپ بىلىملىرىڭىزنى بىزگە يەتكۈزگەيسىز.

Rank: 1

توردا
24 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-25
تىزىملاتقان
2009-4-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
32
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-26 23:46:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، رەخمەت سىزگە.

Rank: 1

توردا
53 سائەت
شۆھرەت
22
پۇل
153
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2009-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
22
يازما
128
يوللىغان ۋاقتى 2009-5-8 23:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىكەن، ھەممەيلەن ماكان تور بېتى جۈملىدىن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر مۇزىكىچىلىقى تەرەققىياتى  ئۈچۈن كۈچ چىقرايلى

توردا
30 سائەت
شۆھرەت
-2
پۇل
51
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
تىزىملاتقان
2010-12-8
نادىر
0
جۇغلانما
-2
يازما
59
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 16:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلەر چىقمىدى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2009 سائەت
شۆھرەت
2260
پۇل
2958
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2260
يازما
2621

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 17:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ رەسىملەرنىڭ ئىشى،تور ئۈزۈك ۋاقىتلاردا ساندانلىرىمىز ۋە باشقا بوشلۇقلار بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچۇراپ مۇشۇنچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرەلىدۇق،لىكىن رەسىملەر يوق بولدى،خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭ ئامالىنى قىلىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-8 08:08 , Processed in 1.047604 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش