- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-30
- توردا
- 21 سائەت
- شۆھرەت
- 284
- پۇل
- 479
- تىزىملاتقان
- 2011-8-7
- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 58
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 284
- UID
- 1671
 
- توردا
- 21 سائەت
- شۆھرەت
- 284
- پۇل
- 479
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-30
- تىزىملاتقان
- 2011-8-7
- نادىر
- 5
- جۇغلانما
- 284
- يازما
- 58
|
ماكان ئەپەندى ۋە ھەرقايسى مۇنبەرداشلارغا:
مەن ماكان ئەپەندى يوللىغان«كومپىيوتېر مۇزىكىسى ھەمراھى»دېتالى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى كۆرۈپ،ھەقىقەتەن ئېسىل نەرسە تېپىۋالغاندەك شۇنداق خۇش بولدۇم.ھەمدە،چۈشەندۈرۈش سىنئالغۇدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم.شۇنداقلا ياخشى تۈزۈلگەن دېتال ئىكەنلىگىنى ئېتراپ قىلغانمۇ بولدۇم،ئەمما بىر قىسىم مەسىللەرنىمۇ بايقىدىم.بايقالغان بۇ مەسىلە تۆۋەندىكىچە:
1.بۇ دېتال مەيلى تۈزۈلىشى ۋە ياكى مەشخۇلات قىلىش جەھەتتىكى ئاددىيلىقى،قولايلىقلىقى جەھەتتە ھىچقانداق گەپ كەتمەيدىغان «يىشىل دىتال»دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.ئەمما،ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «ئۈنۈملىگۈچلەر بىلىم ئامبىرى»كەمچىلىدەك تۇرىدۇ.مەن قاراپ باقسام ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە خەنزۇچىلاشتۇرۇپ پۈتتۈرگەن «ئۈنۈملىگۈچ قىستۇرمىللىرى بىلىم ئامبىرى» جەمىئىي 10 خىل،«ئاۋاز تۈس بىلىم ئامبىرى» جەمئىي 4 خىل بۇلۇپ،ئۇمۇمىيلاشقان ھەم كەم بولسا بولمايدىغان«ئۈنۈم قىستۇرمىللىرى»يوق ئىكەن.(بەلكىم تېخى تەييارلاپ بولالمىغان بۇلىشى مۇمكىن)
2.«كومپىيوتېر مۇزىكىسى ھەمراھى»دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشتە،بىز ئۇ دېتالنى ئىشلەتكەندە، كومپىيوتېرىمىزدا بار بولغان«ئۈنۈم قىستۇرمىللىرى»نى بۇ دېتالغا بىۋاستە ئېلىپ كىرىپ ئىشلىتەلمەيدىكەنمىز،چۇقۇم شۇ توربەتتكى«بىلىم ئامبىرى»دا بار بولغان«ئۈنۈم قىستۇرمىللىرى» ياكى«ئاۋاز تۈسلىرى قىستۇرمىسى»نى چۈشۈرگەندىن كىيىن ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.ئۇنداق بولمىغاندا يەنىلا شۇ ئېنگىلىزچە پېتى ئىشلىتىكىلا مەجبۇر بولىدىغان گەپكەن.
3.بۇ دېتالنى ئىشلىتىش جەريانىدا مەن ئۆزۇمنىڭ كومپىيوتېرىمدا بار «ئۈنۈم قىستۇرمىسى»نى ئۇلارنىڭ«بىلىم ئامبىرى»دىن چۈشۈرۈپ ئاندىن ئىشلەتتىم.
دىگەندەك،مىنىڭ «ئۈنۈم قىستۇرمام» شۇلار دىگەندەك خەنزۇچىلاشتۇرۇلغان ھالەتتە چىقتى،مائۇسنى ئۈنۈملىگۈچنىڭ قايسى سىتونىغا ئېلىپ كەلسەم ھەقىقەتەن خەنزۇچە تەرجىمىسى بويىچە كۆرسىتىپ بەردى.ئەمما،شۇ ئۈنۈملىگۈچنىڭ چوڭ سىتونلىرىدىكى ئاتالغۇلار خەنزۇچىلاشتۇرۇلۇپتۇ لىكىن،كىچىك بىر قىسىم سىتونلىرىدىكى ئاتالغۇلار يەنىلا شۇ ئېنگىلىزچە.
ئۇنداقتا،بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ئاشۇ كىچىك سىتونلاردىكى ئاتالغۇلارنى يەنىلا شۇ ئېنگىلىزچە پېتى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدىغان گەپ.
مىنىڭ بۇ دېتال توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە قاتناشتۇرىدىغان پىكرىم شۇكى:
1.ئۇلارنىڭ «ئۈنۈم قىستۇرمىللىرى» ياكى«ئاۋاز تۈسلىرى قىستۇرمىسى»نى خەنزۇچىلاشتۇرۇش ئىشلىرى يەنىمۇ بىرئاز مۇكەممەللەشسۇن،«ئۈنۈم قىستۇرمىللىرى» ياكى«ئاۋاز تۈسلىرى قىستۇرمىسى»نىڭ تۈرلىرى يەنىمۇ كۆپەيسۇن،خىللاشسۇن.(ئېھتىمال ئانچە ئۇزۇنغا بارماي مۇكەممەللىشىدۇ.)شۇ چاغدا،ئۇلار بىلەن ماكان ئەپەندى ياخشىراق پىكىرلىشىپ باقسا دەپ ئويلايمەن.
2.ئۇلارغا ماكان ئەپەندى ھەممىمىزگە ۋاكالىتەن بايقالغان مەسىلىنى ۋە بۇنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ باقسا،بۇ بىر جەھەتتىن،ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا نۇرغۇن پايدىلىق پىكىرلەرنى توپلىشىغا يېقىندىن ياردىمى بولىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن،ئۇلار بىلەن ماكان مۇزىكا تورىنىڭ كەلگۈسدىكى ھەمكارلىشىشىغا بەلگۈلىك شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
شۇڭا،تەۋسىيەم ھەرقايسى دوستلار بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ بېقىپ،ئۆزىڭلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاخىردا دەيدىغىنىم،مەن ماكان ئەپەندى ۋە بارلىق دوستلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمەن ھەم ماكان ئەپەندىنى قوللايمەن. |
|