ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 549 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 14

Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
151 سائەت
شۆھرەت
378
پۇل
939
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
378
يازما
236
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 18:23:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توربەت كۆرۈۋىتىپ Ubuntu  مەشغۇلات سىستېمىسىغا دائىرتۆۋەندىكى مەزمۇن دىققىتىمنى تارتىپ قالدى..
چۈنكى بۇUbuntu   مەشغۇلات سىستېمىسى پۈتۈنلەي ھەقسىزمەشخۇلات سىستىمىسى بولۇپ قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن
مەنبە:
http://www.ugubuntu.com
ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) دېگەن نېمە؟

Windows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows  بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە Windows  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان Ubuntu  مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ مۇشۇلارنىڭ بېرى.

Ubuntu قانداق مەشغۇلات سىستېمىسى؟

كۆپچىلىك Linux نى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. Linux نى ئاددىي ھالدا ھەقسىز بولغان، ئەركىن تارقىتىلىدىغان Unix مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھەمىشە تىلغا ئېلىنىدىغان Linux بولسا GNU/Linux. يەنى Linux يادروسى قوللىنىلغان GNU مەشغۇلات سىستېمىسى. Linux 1991-يىلى  Linus Torvalds تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تىز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. Linux بولسا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى. بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدا يادرولا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن شەخس ۋە ئورگانلار GNU/Linux ئاساسىغا قورۇلغان Linux نۇسخىلىرىنى تارقىتىدۇ.

Ubuntu دەل يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان  GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ ئىسمى جەنۇبى ئافرىقا زۇلۇ تىلى ياكى خاۋسا تىلىدىكى ”Ubuntu“ سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ”ئادىمىيلىك“، ”باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەل مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم“. ئۇ  ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بولۇپ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ”ئىنسانپەرۋەرلىك“ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى Mark Shuttleworth بولۇپ  ئۇنىڭ Canonical شىركىتى Ubuntu تەرەققىياتىدىكى بارلىق چىقىملارنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

Ubuntu نىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

Ubuntu پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ يېڭى تېخنىكا، ئەڭ يېڭى دېتاللاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەۋەردار بولالايسىز. Ubuntu ئورگان بېتىدىن ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز. ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدىن Ubuntu ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.

Ubuntu ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمېتىرلارغا ماس كېلىدۇ. مەيلى ئائىلىدە، ئىشخانىدا، ئۆگىنىشتە بولۇڭ Ubuntu دا ئىشلىتىشكە بولىدىغان قورال دېتاللار سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ.

ناھايىتى زور ئەركىن يۇمشاق دېتال ئامبىرى بار
Ubuntu ئىشلەتكەندە يۇمشاق دېتالدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. تېرمىنالدا بىر قۇر بۇيرۇق بىلەن ياكى Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان ھەرقانداق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. PPA  مەنبەسىدىن ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدىن تاپقىلى بولمايدىغان دېتاللارنى تاپىلايسىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ دېتاللارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.



ياردەم مەركىزى مەشغۇلاتىڭىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ
سىز Ubuntu دا مەشغۇلات قىلىش داۋامىدا قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ياردەم مەركىزىدىن جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز ياكى   https://help.ubuntu.com تورىغا كىرىپ، تور يۈزىدە ئۆزىڭىز ئۇچۇرغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايسىز.




دۇنيادىكى ھەممە تىلنى دېگۈدەك قوللايدۇ
Ubuntu نىڭ نىشانى يەرشارىدىكى ھەممە مىللەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، https://translations.launchpad.net  تورىغا كىرىپ، ئۆزىڭىز تەرجىمە خىزمىتىگە بىۋاسىتە قاتنىشالايسىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردىن Ubuntu ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، Ubuntu نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تېزرەك تاماملىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش سىز ئۈچۈن شەرەپلىك ۋەزىپە. سىز Ubuntu غا ھەرقانداق يۇنىكودلۇق TTF خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھېچ قانداق خەت سىلىقلاش دېتالى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى نورمال كۆرسىتەلەيسىز.



ئۈستەل يۈزى ناھايىتى دوستانە
Ubuntu ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈستەل مۇھىتى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتە Gnome  مۇھىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى نەپىس لايىھىلەنگەن KDE ئۈستەل مۇھىتى، سەپلىمىسى تۆۋەنرەك كومپيۇتېر ئۈچۈن ئېچىلغان Xfce ئۈستەل مۇھىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈستەل يۈزىنى بىر نەچچە خىزمەت رايونىغا ئايرىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىش ئۈنۈمىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. Compiz دېتالى ئارقىلىق نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى ئېچىپ،ئۈستەل  يۈزىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز.



ناھايىتى تولۇق ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى سەپلەنگەن
Ubuntu نىڭ ئەڭ يېڭى 11.04 نۇسخىسىدىن باشلاپ سىستېمىغا LibreOffice سەپلەنگەن بولۇپ، LibreOffice يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ، LibreOffice ئېلېكترونلۇق جەدۋەل، LibreOffice پروكسىيە،LibreOffice ماتېماتىكا، LibreOffic شەكىل سىزىش، LibreOffice ساندان قاتارلىق ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.



خەت ئالاقە، مۇڭدىشىش قوراللىرى تولۇق
Ubuntu غا ئې.خەت ئالاقىسى ئۈچۈن سۈكۈت Evolution سەپلەنگەن بولۇپ، خەت ئالاقە ئىشلىرىڭىزغا تولىمۇ قۇلايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا msn،skype،qq… قاتارلىق مۇڭداشقۇلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز. Ubuntu غا يەنە Gwibber ئىجتىمائىي ئالاقە ئابۇنتتى، ناھايىتى كۆپ مۇڭدىشىش دېتاللىرىنى قوللايدىغان Empathy قاتارلىقلارمۇ سەپلەگلىك بولۇپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇ.



كىنو-فىلىم، مۇزىكا قويغۇچلار تېخىمۇ سەرخىل
Ubuntu نىڭ 11.04 نەشرىدىن باشلاپ سىستېمىغا Banshee مۇزىكا قويغۇچى ۋە Totem فىلىم قويغۇچى سەپلەنگەن. ئەگەر ئۇبۇنتۇنىڭ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئىزدەيدىغان بولسىڭىز، قويغۇچلارنىڭ جىقلىقىدىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلمەي قالىسىز. جاھاننامە يۈزىدە توردىكى flash سىن ھۆججەتلىرىنى بىمالال كۆرەلەيسىز



Ubuntu One مۇلازىمىتى
Ubuntu one بولسا Canonical شىركىتى يولغا قويغان تور مۇلازىمىتى بولۇپ، سىز بۇ مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ 2G لىق ھەقسىز تور دىسكىسىغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە ئازغىنە پۇل خەجلەپ بۇ بوشلۇقنى 50G غا كۆتۈرەلەيسىز. Ubuntu غا سەپلەگلىك Ubuntu One ئابونتتى ئارقىلىق، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى تور دىسكىڭىزغا چىقىرالايسىز، ھەمدە دوستلىرىڭىز بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيسىز.



Ubuntu پروگراممىرلانىڭ جەننىتى
Ubuntu دېتاللارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلىي كودى ھەقسىز تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر كومپيۇتېر تىلىغا ئۇستا بولسىڭىز ئۆزىڭىز خالىغان دېتالنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز كومپيۇتېر تىلىنىڭ يېڭى ئۆگەنگۈچىسى بولسىڭىز، بۇ مول ئوچۇق كود سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىشىڭىزگە زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. Ubuntu دا ناھايىتى نۇرغۇن IDE لار بار بولۇپ C، C++، Java، Python، PHP… قاتارلىق ھازىر دۇنيادا قوللىنىلىۋاتقان كومپيۇتېر تىللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىشلىتەلەيسىز. دۇنياغا داڭلىق  gcc قورالى، vi/vim تەھرىرلىگۈچىسى مانا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ر

Ubuntu دۇنيادىكى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشۋاتقان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقنى ئىشلىتىش داۋامىدا ناھايتى تىزلا ھىس قىلىپ يىتىسىز.

بۇ يازما كومپيۇتېر تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 2-سانىغا بېسىلغان. ئاپتۇرى مەن.
بۇتىمىنىڭ رەسىملىرى چىقمىسا تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈپ بىقىڭلار..
http://www.ugubuntu.com/what-is-ubuntu.html


قىزىققۇچىلارئەسلى مەنبەگە كىرىپ سىستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىڭلار..
مەنمۇ باشقىلاردىن بۇسىستىمىنى بەك ياخشى دەپ ئاڭلىدىم..
مىنىڭچە بۇسىستىما توغۇرلۇق مەدىكارئەپەندى بىزدىن كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىشى مۇمكىن
يىڭى ناخشا كەتتى..باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويساڭلار..

Rank: 3Rank: 3

توردا
151 سائەت
شۆھرەت
378
پۇل
939
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
378
يازما
236
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 18:28:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇسىستىمىنى توردا ئىجراقىلىپ كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىزبۇئادرىسقا كىرىڭ..
http://www.ubuntu.com/tour/en/
يىڭى ناخشا كەتتى..باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويساڭلار..

Rank: 3Rank: 3

توردا
151 سائەت
شۆھرەت
378
پۇل
939
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
378
يازما
236
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-30 18:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبۇنتۇ 11.10 نى قاچىلاپ سىناپ باققۇچىلار ئۈچۈن : چۈشۈرۈش
http://ubuntu.com.cn/download/ubuntu/download/
يىڭى ناخشا كەتتى..باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويساڭلار..

Rank: 2

توردا
52 سائەت
شۆھرەت
127
پۇل
397
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-26
تىزىملاتقان
2010-12-28
نادىر
0
جۇغلانما
127
يازما
82
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 17:28:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ تىلى خەنزۇچىمۇ ياكى ئىنگىلىزچىمۇ؟ مىنىڭ سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ. ياخشى تىمىكەن !!! تىمېڭىزغا رەھمەت!!!
سىستىما يىڭىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم ،ghost تىخ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
74 سائەت
شۆھرەت
387
پۇل
708
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
387
يازما
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 23:38:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنە بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا دىگەندەك تونۇش،شۇنداقلا ‹ئاقىللار مۇنبىرى› دە Ubuntuسېستىمىسىنى قاچىلاش،تەڭشەش قاتارلىق بىرنەچچە مەخسۇس تېماممۇ بار،شۇنداقلا Ubuntuمەشغۇلات سېستىمسىنىڭ مەخسۇس كۆپ مېدىئا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مەخسۇس نۇسخىسى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئوتكەن ئىدىم.قىزىقسىڭىز‹ئاقىللارمۇنبىرى›دىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
شۆھرەت
417
پۇل
1182
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2009-1-21
نادىر
0
جۇغلانما
417
يازما
358
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 14:45:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىق دوستىمىز بەكلا ماختاپتۇ، قارىغاندا سىناپ باقساق بولغۇدەك، بىراق بۇ ۋىندوۋىسنىڭ ئۇتى بەكلا ياماندە

Rank: 3Rank: 3

توردا
151 سائەت
شۆھرەت
378
پۇل
939
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
378
يازما
236
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 20:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىكار يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 23:38
كەمىنە بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا دىگەندەك تونۇش،شۇنداق ...

ياخشىغۇ مەدىكارئەپەندى...سىزنىڭ سىستىما توغۇرلۇق بىلمەيدىغىنىڭىزيوقكەن جۇمۇ ..
مەنمۇ بۇسىستىمىنى تىخى قاچىلاپ باقمىدىم..ئەمما چۈشۈرۈپ قويدۇم قولۇمدىكى ئىش تۈگىگەندە قاچىلاپ سىناپ بىقىش نىيىتىم بار..
بولسا مۇشۇ سىستىما توغۇرلۇق تورداشلارغا كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز..
يىڭى ناخشا كەتتى..باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويساڭلار..

Rank: 3Rank: 3

توردا
213 سائەت
شۆھرەت
488
پۇل
1481
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
488
يازما
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 00:11:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇسىىستىمىنىڭ vsti قانداق چۇشۇرىمىز...
يائاللا،مۇنبەرئەتتىگەندىن بىرى ئىچىلماي،،،ئىچىمنى سىقتى ،كۇندىكى ئادەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
171 سائەت
شۆھرەت
111
پۇل
518
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
تىزىملاتقان
2011-2-13
نادىر
5
جۇغلانما
111
يازما
190

makan

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 20:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قاچىلاشتا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك ، قاچىلاشتىن بۇرۇنقى رايونغا ئايرىش مەشغۇلاتىدا نۇرغۇن دوستلار  دىققەتسىزلىكتىن پۈتۈن دېسكىنى فورماتلاپ سالىدىكەن ...
  Mac بىلەن Win نى تەڭ ئىشلىتىدىغان دوستلار Ubuntu نىڭ يېتەكلەش پروگراممىسىنى قاچىلاشقىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك ... Mac نۇسخىسىدىكى خامىلىيۇن ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز Ubuntu نىڭ يېتەكچىسىنى شۇ رايونغىلا قاچىلاڭ ، ھەرگىز پۈتۈن دېسكىنى تاللاپ قويماڭ ، بولمىسا Mac نى قوزغىتالماي قالىسىز ...
  Ubuntu مۇ ھەقىقەتەن كۈچلۈك سېستىما ، ئەڭ ئېسىل يېرى ھازىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالدى ... سېستىمىغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى خالىغانچە تاللاپ ، پۈتۈن سېستىمىنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتسە ئۇنىڭ پەيزى بىرنېمىگە ئوخشىماي قالىدىكەن ...
مۇزىكىنى بىز ئىشلەيمىز ، مۇزىكا بىزنى ئەركىنلىككە باشلايدۇ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
171 سائەت
شۆھرەت
111
پۇل
518
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
تىزىملاتقان
2011-2-13
نادىر
5
جۇغلانما
111
يازما
190

makan

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 20:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kbjys يوللىغان ۋاقتى  2012-1-31 17:28
بۇ مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ تىلى خەنزۇچىمۇ ياكى ئىنگىلىز ...

ئۇيغۇرچە ، ئېنگىلىزچە ، خەنچە ، قازاقچە ... ( بۇ يەردە يەنە 100 دەك تىل قىسقارتىۋېتىلدى ) ... خالىغانچە تاللايسىز ...
مۇزىكىنى بىز ئىشلەيمىز ، مۇزىكا بىزنى ئەركىنلىككە باشلايدۇ !

Rank: 8Rank: 8

توردا
74 سائەت
شۆھرەت
387
پۇل
708
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2011-8-17
نادىر
4
جۇغلانما
387
يازما
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 15:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلىنىش ئۇسۇلى،ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاش،يۇمشاق دېتال مەنبەسى(软件原)دىگەنلەرنى تەڭشەش دىگەنلەر سىز تەمىنلىگەن ئۇلىنىشتا چىقىپ بوپتۇ،كەمىنە يەنە دەرىسلىك تەييارلىشىم ھاجەتىسزكەن

Rank: 4

توردا
219 سائەت
شۆھرەت
814
پۇل
2380
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
تىزىملاتقان
2009-5-10
نادىر
0
جۇغلانما
814
يازما
630
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 13:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىكار يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 15:26
قاچىلىنىش ئۇسۇلى،ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاش،يۇمشاق دېتال ...

بۇ سىستىمىدا مۇزىكا ئىشلەش دىتاللىرىنى تۇلۇق قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ -يوق؟
ياشا ئۇيغۇرۇم

Rank: 3Rank: 3

توردا
213 سائەت
شۆھرەت
488
پۇل
1481
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
تىزىملاتقان
2011-9-23
نادىر
1
جۇغلانما
488
يازما
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 16:46:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق دىتاللىرىمىزنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنى تاپماق سەل ئاۋار چىلىقكەن...... لىكىن بەك پەيزىكەن بۇ سىس تىما 18 ياشلىق قىز بالىدەك چىرايلىقكەن....
يائاللا،مۇنبەرئەتتىگەندىن بىرى ئىچىلماي،،،ئىچىمنى سىقتى ،كۇندىكى ئادەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
151 سائەت
شۆھرەت
378
پۇل
939
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
تىزىملاتقان
2010-9-3
نادىر
1
جۇغلانما
378
يازما
236
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 21:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتتارماھىرى يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 13:14
بۇ سىستىمىدا مۇزىكا ئىشلەش دىتاللىرىنى تۇلۇق قاچىلاپ ...

مىنىڭچە بولىدۇ...تىما مەنبە ئادرىسقا كىرسىڭىز بۇتوغۇرلۇق ماتىريال بار...باشقا دىتاللارنى قاچىلاش ئۈچۈن بىردىتالنى قاچىلاپ تەڭشىگەندىن كىيىن باشقا دىتاللارنى نۇرمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ....
تىما مەنبە ئادرىستىكى توربەتنى تەپسىلى كۆرسىڭىز چۈشىنەلەيسىز...
ئەمما بۇدىتالنىڭ بەزى قولايسىز يەرلىرى بولغان بىلەن xp-win7 لاردىن ئىختىدارى كۆپ ياخشى..
يىڭى ناخشا كەتتى..باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويساڭلار..

توردا
32 سائەت
شۆھرەت
138
پۇل
162
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-2
تىزىملاتقان
2012-3-3
نادىر
0
جۇغلانما
138
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 08:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-5-15 09:05 , Processed in 0.179422 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش