- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 42
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- UID
- 1759

- توردا
- 0 سائەت
- شۆھرەت
- 94
- پۇل
- 239
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-29
- تىزىملاتقان
- 2011-10-21
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 94
- يازما
- 42
|
رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
كەتتىڭ يىراق خوش ئامان بول يايرىم،
دۆشمەن قەستىدىن ئاگاھ بول يايرىم.
يالغۇز مەن دىمە يالغۇز ئەمەسسەن،
خىيالىم بىرگە سەن بىلەن دائىم.
كۆتەرمەن سىنى مەڭگۈ تائەبەت،
پاك سۆيگۈم بىلەن ئۆزگەرمەي پەقەت.
كەلمىسەڭ ئەگەر كەلگىنى شۇ جۇت،
يازمۇ زىمىستان سەنسىز يوق راھەت.
ئەسلەپ تۇر نېگار ئۇنۇتما مېنى،
ئىزلەيمەن ھەر تۈن چۆشۈمدىن سىنى.
بولساڭمۇ يىراق يىراق جايلاردا،
ئۆچۈپ قالمىسۇن بۇ سۆيگۈ ئۇتى.
ئىسىڭدە بولسۇن يايرىڭنىڭ سۆزى.
سەنلا كۈلسەڭ يار
غىرىپلىق دەردىنى مەنلا تارتاي يار،
ھىجرانلىق ئازاپقا مەنلا قالاي يار.
ئەقىدەم سۆيگۈمنى قىلساڭمۇ خاراپ،
چىدايمەن ھەممىگە سەنلا كۈلسەڭ يار.
كەتكىنىڭ مەن ئۆچۈن ئازاپ بولسىمۇ،
دۆشمىنىم ئارقىمدىن گەپ سۆز تاپسىمۇ.
يۆرەكتە ئوتلىرىڭ ۋولقان بولسىمۇ،
چىدايمەن ھەممىگە سەنلا كۈلسەڭ يار.
مەيلى سەن كۆرسەتمە مەڭگۈگە دىدار،
مىنڭدىن شۇنچىلىك بولۇپ كەت بىزار.
ۋاپادار ياخشىنى تاپساڭلا ئەگەر،
چىدايمەن ھەممىگە سەنلا كۈلسەڭ يار.
449743158...رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن .
رۇستەم قاراسۇ
ئاتۇش 2012..1...
|
|