- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2278
- پۇل
- 2994
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2627
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2278
- UID
- 1
  
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2278
- پۇل
- 2994
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2278
- يازما
- 2627
|
ساتار—ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ ، ئۇ كۆپىنچە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . بېشى چوڭراق چۆمۈچ شەكىلىدە ياسىلىپ ، يۈزلۈكى نېپىز ياغاچتىن قىلىنىدۇ . دەستىكى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ، پەدە تاختىسى كەڭرەك بولۇپ ، سەككىز پەدە باغلىنىدۇ . يۈزلۈكىگە يەنە بامبۇكتىن بەش تال ، يۇقىرى ئاۋازلىق پەدە ئورنى چاپلىنىدۇ ، بۇ پەدىلەر 12تەڭلىمە قانۇنىيتى بويىچە تىزىلغان بولىدۇ . بىر تال مېتال سىم ئاساسىي تار قىلىنىدۇ ، يەنە توققۇزدىن 13 تالغىچە ئۈنلەش ( ئەكىس سادا قايتۇرۇش ) تارىسى بېكىتىلىدۇ . ئات قىلىدىن ياسالغان كامانچە بىلەن چېلىنىدۇ . ساتار چېلىشتا دەستە قول بىلەن تۇتۇلۇپ ، رەدە بىگىز بارماق ، ئوتتۇرا بارماقتا بېسىلىدۇ . كامانچىنى ئوڭ قولدا تۇتۇش تارتىش ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىلىدۇ ، كامانچە ئاساسىي تارىغىلا سۈركىلىدۇ . ئۈنلەش تارىلىرىغا تەگمەيدۇ . ئۈنلەش تارىسى ئەكىس سادا قايتۇرۇپ ئاۋازنى كۈچەيتىش ۋە بېزەش رولىنى ئوينايدۇ . ساتارنىڭ ئاۋازى زىل ، جاراڭلىق ، تولۇق چىقىدۇ . ساتار كۆپىنچە ئەل ئىچىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىدە ناخشىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ ، شۇنداقلا 12 مۇقامنىڭ ئاساسلىق چالغۇ ئەسۋابى ھېسابلىنىدۇ . ساتار چالغۇچى ناخشىنى ئۆزى ئېيتىدۇ .
ساتار - كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۇتارغا ماتېرىيال تاللاش بىلەن ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 12 دانە تارىسى بولىدۇ، ساپ قىسمىغا 18 پەدە ئورنىتىلىدۇ. ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) <<سەرتار>> بولۇپ، <<باشلامچى چالغۇ>> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ھەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ.
ساتارنى ياساش تەمبۇرغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋاز (سادا) قايتۇرۇش، باش، ساپ، كامالچە، بۇلبۇلەك (خارەك)، ئاساسىي تار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈقمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. باش قىسمىنى ياساشتا ئالدى بىلەن بىر دانە ئۈجمە ياغىچىنى ئۆلچەم بويىچە يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلاپ، ئاندىن يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئۇيۇپ، چۆمۈچكە ئوخشاش تەييارلاپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۈجمە ياغىچىدىن يۈزلۈك تەييارلاپ، يۇمىلاق شەكىللىك يۈزىگە يەملىنىدۇ. ساپ قىسمى بىلەن باش قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكىلدە تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ساپ قىسمى ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقى ماسلاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. باش قىسمىنىڭ يۈزىگە <> شەكىللىك بىر دانە بۇلبۇلەك (ياكى خارەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسىمىنىڭ يۈزىگە 18 دانە پەدە قويۇلىدۇ ۋە ساپ قىسىمىغا 12 دانە ئايرىم-ئايرىم ھەربىر تار ئۈچۈن بىردىن خارەك ئورنىتىلىدۇ ھەم ساپنىڭ سول يان تەرەپكە تەلەپ بويىچە ھەر بىر تار ئۈچۈن بىردىن قۇلاق تەرتىپلىك ئورنىتىلىدۇ. ساتارنىڭ بىرىنچى سىمى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى كامالچە ئاساسلىق سۈركەپ چېلىنىدۇ. قالدى تارلىرى بولسا ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ساتارنىڭ ساپ قىسمىنىڭ يۈزى، ئارقىسى، يان تەرەپلىرى ۋە باش، بوغۇز قىسمىنىڭ ئارقا، يان، بويۇن قىسمىغا ئۇستىخاندىن ياكى بىرىكمە سۇلياۋدىن ئۆزگىچە نەپىس گۈللەر قويۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ خاس مىللىي چالغۇ بولۇپلا قالماي بەلكى، نەپس ئىشلەنگەن ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدۇر.
تەڭشەش ئۇسۇلى بىر كىتاپتا بارتى،مەن ئۆيگە قايتقاندا رەسىمگە تارتىپ چىقىرىپ قوياي
تورىدىن ئېلىندى
|
|