- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2725
- پۇل
- 3728
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2715
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2725
- UID
- 1
  
- توردا
- 2100 سائەت
- شۆھرەت
- 2725
- پۇل
- 3728
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 53
- جۇغلانما
- 2725
- يازما
- 2715
|
بۇ ئەسلىدە ئېنگىلىسچە ماقالە بولۇپ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان،بۇ ماقالىنىڭ تەرجىمە قىلىنىش زۆرۆرىيىتى بولغاچقا مەن بۇنى قۇرۇبۇمنىڭ يىتىشىچە ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ باقتىم،چۈشۈنىكسىز يەرلىرى بولسا دوسلار بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلساق،شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىدىغان دوسلارنىڭ ئېنىقلىما بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ زاغرا تىلىغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىدىم.
بۇ ماقالىدە VST قىستۇمىلىرى ئارقىلىق ئالا لېنتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئۈنۈملىنىش باسقۇچلىرى سۆزلەنگەن.
ئانا لېنتىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىتىكى ئۈنۈملىنىشنى تاماملاش ئۈچۈن چوقۇم بىزدە مۇككەممەل ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتى بولىشى كېرەك،سۈپەتلىك ئاۋاز چاستوتا ھۆججىتى بولغاندا بىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى تەھرىرلىشىمىز قىيىنغا توختىمايدۇ،بولمىسا شۇ ئاۋاز چاستوتىسىنى تەڭشەيمەن دەپ نۇرغۇن مەشغۇلات قىلىپ كىتىمىز.
ئىشلىگەن ئاۋازنى ئاخىرىدا 3dB 24bit- ھالىتىدە Wav فورماتىدا چىقىرىمىز،شۇنداقلا ئاۋاز تەھرىرلەش رەھبەر دىتاللىرىدىن WaveLab、Soundforge、Logic、Audition ياكى Cubase,Nuendo قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز.
ئەمدى بىز ئانا لېنتىغا ئاخىرقى باسقۇچتىكى تەھرىرلەش ئېلىپ بارىلى:
1- Waves شېركىتىنىڭ REQ2Band قىستۇرمىسى:ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىرىنجى باسقۇچى ، Waves شېركىتىنىڭ ئىككى بۆلەكلىك EQ سى ئارقىلىق ئاۋاز چاستوتىسىىنىڭ ئاڭ يۇقۇرى چاستوتىسىغا ياكى ئاڭ تۆۋەن چاستوتىسىغا قىرقىش(كىسىش) ئەپ بېرىشتۇر. ئادەتتە بۇنى يۇقۇرى قىرقىش ۋە تۆۋەن قىرقىش دەپ ئاتايدۇ، تۆۋەن قىرقىشنىڭ مەخسىدى تۆۋەن چاستوتۇلۇق ئاۋاز شاۋقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر،بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەرقانداق 30Hz تىن تۆۋەن بولغان چاستوتىلارنى قىرقىپ تاشلىيالايمىز(يوقتىۋىتەلەيمىز).
2- Waves LINMB : تۆۋەندە بىز Waves شېركىتىنىڭ سىزىقلىق كۆپ بۆلەكلىك پىرىسلىغۇچى ئارقىلىق ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتىگە كۆپ بۆلەكلىك پىرىسلاش ئىلىپ بارىمىز.
بۇ ئارقىلىق بىز تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشچان بوشلۇققا ئىگە بولىمىز،بۇنداق بولغاندا ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا كۆپ بولشقۇققا ئېرىشىپ ئاۋاز مىقدارىنى تەڭشەش دائىرىمىز چوڭىراق بولىدۇ.
يۇقارقى رەسىم :Waves شېركىتىنىڭ سىزىقلىق كۆپ بۆلەكلىك پىرىسلىغۇچى ئارقىلىق ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتىگە كۆپ بۆلەكلىك پىرىسلاش ئىلىپ بېرىش
3- Roger Nichols FREQUAL-IZER : بىز نۆۋەتتە ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ رېزونانسلىق چوقىسىغا ئاجىزلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
(رېزونانسلىق ئېنگىلىسچە : resonance دىتىلىدۇ ،بۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى : سېستىما تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرىدە تاشقى ئامىلنىڭ چاستوتىسى سېستىما چاستوتىسىنىڭ ئورنىنى ئىگەلەپ كىتىدۇ يەنى يۇقۇرلىۋىتىدۇ،مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم ،خەنچە 共振)
مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ توغرا بولغان يەنى ئۆلچەملىك ھەرقايسى ئاۋاز چاستوتىسىغا ئېرىشىمىز.رېزونانسلىق چوقىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۇيۇقسىز يۇقۇرلاپ كەتكەن شۇنداقلا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازلارنى ئادەم ئاڭلىيالمىدەك قىلىپ تەڭشىيەلەيمىز.بۇنداق تەڭشە ئىنتايىن مۇھىم ،بۇنداق قىلغان ماستىرلىماقچى بولغان ئاۋازىمىز يەنى ئانا لېنتا ھۆجىتىمىز تېخىمۇ يۇمشاق،يىقىملىق چىقىدۇ.
يۇقۇردىكى رەسىم Roger Nichols company شېركىتىنىڭ Roger Nichols FREQUAL-IZER رەسىملىك تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىسىنى ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز يۇقۇرلاپ كەتكەن شۇنداقلا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازلارنى يوقۇتۇش.
4-BBE Sonic Maximizer :تۆۋەندە بىز ئاۋازغا نىسبەتەن ئاكتىپلاشتۇرۇش(روھلاندۇرۇش) ئىلىپ بارىمىز(ئاۋاز كۈچەيتىش)،ئاۋازغا نىبەتەن گارمونسىمان دولقۇن قوشۇش ئارقىلىق ئاۋازنى تىتىرەڭگۈرەك يەنى يىقىملىغىراق چىقىرىمىز(لەرزان). چۈنكى 1- باسقۇچتا بىز ئاۋازغا نىسبەتەن يۇقۇرى قىرقىش ۋە تۆۋەن قىرقىش ئىلىپ بارغان،سەۋەبىنى چۈشەنگەنسىز....
5- Brainworx db Digital : ئاۋاز چاستوتىسىغا نىسبەتەن ئاخىرقى ئومومى يۈزلۈك EQ (تەڭپۇڭلارشتۇرۇش) ئىلىپ بېرىش باسقۇچىغا كەلدۇق. ئاۋازنىڭ تەتۈر فازا بوپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن،ئىستىرولۇق ئاۋازغا نىسبەتەن كونتىروللۇق قىلىش ھۆقوقىغا ئېرىشىشىمىز كېرەك،ئەڭ مۇھىمى تۆۋەن تۆۋەن ئاۋاز(باس ئاۋاز،بوم ئاۋاز)،ئۇ شالاڭ شۇنداقلا يىتەرسىز(كۈچسىز) بولۇپ قالماسلىغى(تەپمەيدىغان بولۇپ قالماسلىغى) كېرەك.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارىلىق 300Hz (چاستوتا) دىن تۆۋەن ئاۋازلارنى تاق يول قىلىپ تەڭشىشىمىز كېرەك(تاق يوللىقنىڭ ئوتتۇرا چوستوتىسى قىلىپ تەڭشىسەك بولىدۇ)،بۇنىڭدىن يۇقۇرى چاستوتىدىكى ئاۋازلارنى ئىستىرولۇق قىلىپ ئالساق بولىدۇ.
يۇقۇردىكى رەسىم Brainworx db Digital نى ئىشلىتىپ ئانا لېنتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئاۋازغا نىسبەتەن ئومومى يۈزلۈك EQ (تەڭپۇڭلاشتۇرۇش) ئىلىپ بېرىش.
6- Sonnox Oxforf Inflator : بۇ باسقۇچتا سېفىرلىق ئاۋاز غا تەقلىدىي ئاۋاز قوشۇش ئىلىپ بارىمىز،Sonnox Inflator ئارقىلىق ئاۋازغا ھەقىقىي يىقىملىق تەقلىدىي ئاۋاز قوشىمىز.
يۇقۇردىكى رەسىم Sonnox Oxforf Inflator ئارقىلىق سېفىرلىق ئاۋازغا يىقىملىق تەقلىدىي ئاۋاز قوشۇش.
7- Waves L3-LL Ultramaximizer : ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلشتىكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ، ئاۋازغا نىسبەتەن چەكلىگۈچ ئىشلىتىپ ئەڭ چوڭ لىكىن چەكتىن ئىشىپ كەتمىگەن ئاۋازغا ئېرىشىش،Quantize(ئۆلچەملەشتۈرۈش مىقدارى) نى 24bit قىلىپ Shaping (تۈزۈتۈش) نى Ultra (چەك،چەكسىز،ئاخىرقى نوقتا،يۇقۇرى چەك) قىلىش،Out Ceileing (چىقىرىش چەكلىمىسى) نى 2.0dB- قىلىپ تەڭشەش دولقۇن قىرىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.ئاخىرىدا Threshold(بوسۇغا قىممەت،كىرتىك) نى تەڭشەپ(ھەركەت دائىېرسىنى بەلگىلەيمىز) Atten ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى يانمايدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز.
يۇقۇردىكى رەسىم Waves L3-LL Ultramaximizer نى ئىشلىتىپ ئەڭ چوڭ شۇنداقلا ئەڭ ياڭراق،سۈزۈك ئاۋازغا ئېرىشىش.
8- Waves PAZ Analyzer : چاستوتا سپېكترى ئەسۋابى ئارقىلىق ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشىمىز. پۈتكۈل ئاۋاز چاستوتىسى بۆلىگى بەلكىم چاستوتا بەلبېغى سىزىغى ئەڭ مۇۋاپىق ھىساپلىنىدۇ،ئىستىرولۇقلىغىمۇ كەڭ ۋە يىيىلغان ھالەتتە بولىدۇ.
يۇقارقى رەسىم Waves PAZ Analyzer بىزگە بىۋاستە كۆرسىتىپ بەرگەن كۆرۈنمە يۈز.
9- ئەمدى يىغىنچاقلايلى:بىز ئانا لېنتىنىڭ ئاخرىقى باسقۇچىدا قانداق مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ باردۇق؟
(1)EQ ئارقىلىق ئاۋاز چاستوتىسىغا يۇقۇرى قىرقىش ۋە تۆۋەن قىرقىش ئىلىپ باردۇق؛
(2) سىزىقلىق كۆپ بۆلەكلىك پىرىسلىغۇچ ئارقىلىق ئاۋاز چاستوتىسى ھۆججىتىگە كۆپ بۆلەكلىك پىرىسلاش ئىلىپ
(3)EQ ئارقىلىق تۇيۇقسىز يۇقۇرلاپ كەتكەن شۇنداقلا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازلارنى يوقۇتۇش ئىلىپ باردۇق؛
(4)ئاكتىپلاشتۇرغۇچ(روھلاندۇرۇش) ئارقىلىق ئاۋازنى دولجۇنلۇق چىقىدىغان قىلدۇق؛
(5)ئانا لېنتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئاۋازغا نىسبەتەن ئومومى يۈزلۈك EQ (تەڭپۇڭلاشتۇرۇش) ئىلىپ بېرىپ سىتىرولۇق ئاۋازنى يايدۇق؛
(6)سېفىرلىق ئاۋاز غا تەقلىدىي ئاۋاز قوشۇپ ئاۋازنى يىقىملىق قىلدۇق؛
(7)ئاۋازغا نىسبەتەن چەكلىگۈچ ئىشلىتىپ ،ئاۋازنى ياڭراق قىلدۇق؛
(8)Waves شېركىتىنىڭ چاستوتا سپېكترى ئەسۋابى ئارقىلىق ئاۋازنى كونتىرول قىلدۇق،كۈزەتتۇق،شۇنداقلا باشقاردۇق.
يۇقۇرددا سۆزلىگىنىمىز ئالنا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەمەلىي بىر مىسال،ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ نەچچە يۈزمىڭ خىل شەكلى بار،لىكىن بۇ قىتىمقى مىسالنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيىتى بار،بۇ خىل پەقەت VST قىستۇرمىلىرى ئارقىلىقلار ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىش پۈتۈن پۈتۈن كەسىپ ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.
ئاخىرقى سۆز: ئانا لېنتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ فورمىلاسى ياكى سەۋەبى يوق،كاللىڭىزغا قانداق كەلسە شۇنداق قىلىپ سىناپ بېقىڭ.
بىشىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ چەتئەلنىڭ كەسىپ ئەھلىلىرى ئۆتكەن يىلى يازغان ماقالە.دوسلارغا پايدىسى تىگىپ قالار..
|
|