- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-19
- توردا
- 2 سائەت
- شۆھرەت
- 27
- پۇل
- 43
- تىزىملاتقان
- 2012-1-8
- ھوقۇقى
- 10
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 27
- UID
- 1899

- توردا
- 2 سائەت
- شۆھرەت
- 27
- پۇل
- 43
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-19
- تىزىملاتقان
- 2012-1-8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 27
- يازما
- 2
|
تۇنجى سۆيگۈ
قىلىنغان قامال ئاشىق بۇدىلىم،
خۇددى بۇھايات ئەمەستەك كىرەك.
مۈكۈنگەن چۇڭقۇر قېتىغا بىر قىز،
قانماي سۆيۈشكە چاڭقىغان يۈرەك.
مەنزىلسىز سەرسان خىيالىم مىنىڭ،
ھىجران چۆلىدە يۈرىدۇ كىزىپ.
رەنجىيمەن يەنە كىمدىن ئامرىغىم.
بىزلەرگە ۋىسال بولمىدى نىسىپ.
ئۆتەركەن يىللار ئۆتەركەن غەمسىز،
بارچە ئەسلىمەڭ يوقاركەن ئىزسىز.
ئۇنۇتماق قىيىن چىقمايتكەن ئەستىن.
قەلبىڭ ئىشكىنى تۇنجى چەككەن قىز.
توي قىلغان كۈنىڭ..
بۆگۈن سىنىڭ توي قىلغان كۈنىڭ،
ئەمما ماتەم بۇ كۈن مەن ئۈچۈن.
تاشتى بۆگۈن دەردىڭ يۈرەكتىن،
كۆزۈمدە ياش كۆرمەيسەن لىكىن.
بولدوڭ بۆگۈن ئۆزگىگە يۇلتۇز،
قويدۇڭ مىنى تىكەندەك يالغۇز.
يىغلىمامدىم قەلبىم بېغىدىن.
ئۇچۇپ كەتسە ئارزۇلۇق بىر توز.
كۈتۈشلىرىم بولدىغۇ تامام،
ۋەسلىڭ ماڭا بولدىغۇ ئارمان.
كۆپ يىل پىنھان سۆيۈشلىرىمگە،
بەردىڭ بۆگۈن ئۆمۈرلۈك ھىجران.
بەخىتلىك بول مەڭگۈ ئامرىغىم ،
دەرت ئارىلاش تىلەكلىرىم شۇ.
مەيلى يېشىم قۇرۇپ كەتسىمۇ،
يىغلاپ تۇرۇپ قىلىمەن ئەپۇ.
مەنبەسى: ئىجادىيىتىم.
|
|